-
ئەسىر ئىگىسى- ئەبۇ رەيھان بۈرونى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-08-03
(973~1051)
ئۈزى ياشىغان ئەسىرنىڭ بۈرونى ئەسىرى دۈيىلىشىگە سەۋەب بولغان دۇنياۋى ئالىم ئەبۇ رەيھان بۈرونى ئاسىيانى يورۇتقان تۈت مەركىزىي ئاسىيالىق(شەرقىي ئاسىياغا بۇددا دىنىنى تاراتقان كومراجىۋا، غەربىي ئاسىياغا ئىسلام پەلسەپىسىنى تۇرغۇزغان فارابى، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۇنىۋۈرسال بىلىملەرنى يەتكۈزگەن بۈرونى، شىمالىي ئاسىياغا يۈزىق تاراتقان تاتاتۇڭا نى كۈرسىتىدۇ) نىڭ بىرى بولۇپ 973-يىلى خارەزىمدىكى قاش شەھرىنىڭ بۈرون دىگەن يۈرىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇق ئىسمى ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد بىننى ئەھمەد بۈرونى.
بۈرونى ئاتىسىدىن كىچىك يىتىم قۈلىپ مەدرىستە تىرىشىپ ئوقۇغانلىقتىن ياش ۋاقتىدا خارەزىمشاھلار تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ تۈرك، پارىس، ئەرەب تىللىرىنى ، قەدىمقى زامان تىللىرىدىن ئىبراي ۋە سۈرىيە تىللىرىنى پىششىق ئۈگەنگەن، 17يۈشىدا تۇنجى ئەسىرىنى يۈزىپ ماتىماتىكا، فىزىكا، پەلسەپە، دىن، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، تارىخ پەنلىرىدە شۇ زاماننىڭ ئالىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 1017-يىلى غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن غەزنىگە بۈرىپ ئىككى يىلدىن كۈيىن ھىندىستاندىكى راجاستان شىتاتىنىڭ ئاگمىر دىگەن يۈرىگە بۈرىپ سانسىكىرت يۈزىقىنى ئۈگەنگەن. لاھۇر، مۇلتان، پىشاۋۇر قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ «ھىندىستان ھەقىدە كىتاپ» ناملىق ئىلمى ئەسەرنى يازغان. سانسىكىرت ۋە ئەرەپ تىلىدا «قەدىمقى ئاسارە ئەتىقىلەر»، «مەسئۇدنىڭ ئىلمى نۇجۇم ۋە مۇنەججىملىك پىرىنسىپلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يۈزىش بىلەن بىللە ئوتتۇرا غەربى ئاسىيادىكى پىكىر ئۈقىمى ۋە كەسپى بىلىملەرنى، پەلسەپىۋى قاراش. ئاستىرونومىيە ۋە تەبىئى پەن-بىلىملىرىنى ھىندىستانغا يەتكۈزۈپ ئىسلام دىنىنىڭ ھىندىستانغا تارقىلىشىغا، ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا غەربى ئاسىيا ئارىسىدا ئىلمى ئالاقىنىڭ بولۇشىغا ئاساس سالغان. ئۈيتىشلارغا قارىغاندا بىرۇنى ھىندى تىلى ئۈگىنىپ، بىر يىلدا ھىندى تىلىدا كىتاپ يازغانلىقتىن ھىندى ئۈلىمالىرى چۈچۈپ كۈتىشكەن، غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەسئۇد ئۇنىڭ «قانۇنى مەسئۇد» ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن بىر پىل يۈكى كۈمۈش پۇل بەرگىنىدە برۇنى رەت قىلغان ئىكەن. بىرۇنى ئاخىرقى ئەسىرى بولغا«سەيدەلەفىتتىپ»(تىبابەت غوجىسى) ناملىق ئەسىرىنى 80يۈشىدا تاماملاپ 1051-يىلى غەزنە شەھرىدە ۋاپات بولغان.
ئەبۇ رەيھان بىرۇنى كۈيىنكىلەر تەرىپىدى«قولىدىن قەلەم چۈشمەيدىغان، كۈزى كىتاپتىن ئايرىلمايدىغان، ئىمانغا تولغان قەلبى تەپەككۈردىن بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمايدىغان، ئۈزى ياشىغان ئەسىردىكى پۈتكۈل بىلىمنى ئىگەللىگەن ئەسىر ئىگىسى ئىدى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ ياش چاغلىرىدا ئۈگەنگەن تۈرك، پارىس، ئەرەب، ئىبراي، سۈرىيە تىللىرىدىن سىرت يۇنانچە، لاتىنچە تىللارنى بىلگەن ۋە ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، گىئومۈتىرىيە، فىزىكا، خۈمىيە، تىبابەت، تارىخ، جۇغراپىيە، فىلولوگىيە، ئۈتنولوگىيە، گىئولوگىيە، دىنلار ۋە مەزھەپلەر بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا 30دىن ئارتۇق كىتاپ يازغان كۈپ ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇ ئەينى يىللىرى قۇياش ھەركىتى ۋە ئاينىڭ دەۋرىگە قاراپ يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ 45مىڭ كىلومۈتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھىساپلاپ چىققان بولۇپ بۇ خىل ھىساپلاش بۈگۈنگە قەدەر ئالەم ئارىلىقلىرىنى ھىساپلاشتىمۇ «برۇنى قورالى» دىيىلىپ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
ئەبۇ رەيھان بىرۇنى تىبابەت ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ ئۈسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق رولىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ پايدىسى زىيىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە قەدەر خاتىرە قالدۇرغان، تەقلىدى سىزغان دۇنيا خەرىتىسىدە ياپونىيە ۋە ئامۈرىكىغىمۇ ئورۇن قالدۇرغان، غەزنەۋىلەر ۋە سەلجۇقىلار تارىخىنى يۈزىپ قالدۇرغان، گىئومۈتىرىيەدە سىنوس ۋە كوسىنوس، تانگىنۇس ۋە كاتانگىنۇسلارنى ھىساپلاش تەرتىۋىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ياۋروپا مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىلىپ كەلگە«برۇنى پورمۇلاسى»نى ياراتقان ، ھەجىم ۋە زىچلىق ھىساپلاش ئارقىلىق ئالتۇن، كۈمۈش، تۈمۈر، قەلەي قاتارلىق ماددىلارنىڭ ماددا ئۈغىرلىقىنى ھىساپلاپ چىققان، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ھەققىدە تۇنجى ئەسەرنى يۈزىپ چىقىپ ئالىم بولغانلىقتىن ئامۈرىكا پەن تارىخچىسى گىئورگى سارتون 11-ئەسىرنى برۇنى ئەسىرى دەپ ئاتىدى.http://blog.sina.com.cn/s/blog_6661cca50100hm38.html
收藏到:Del.icio.us
评论