-
ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى ماتېماتىكا - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-11-10
ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى قەدىمكى قۇچۇ خانلىقىنىڭ دۆلەت قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرىستانلىقتا نەچچە مىڭ يىللىق جەسەت ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىرى ساقلانغان. بۇ قەدىمكى چوڭ قەبرىستانلىق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 14 قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك قىزىلىپ، 456 قەبرە رەتلەندى. بۇ قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ قەبرىستانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ قوچۇ ئېلىنىڭ تارىخىي ئارخىپخانىسى، تۇرپاندىكى يەر ئاستى مۇزېيى›› دەپ ئاتالماقتا. ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان 10 نەچچە كۋادىرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى قاقاس چۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. نۆۋەتتە، بۇ قەبرىستانلىق گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.ئۇنىڭدىكى تىپىلمىلار ئارىسىدا بىر تام رەسىمى بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا تېنى بىرلىشىپ كەتكەن ، تېنى يىلان شەكىلدە بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ ئوبرازى(قانۇنىيەتلىك شەكىل) سۇرەتلەنگەن. ئايالنىڭ قولىدا " سېركول" ، ئەرنىڭ قولىدا "كۇۋادېرات سىزغۇچ" بولۇپ ، رەسىمنىڭ ئۇستى تەرىپىدە قۇياش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يۇلتۇزلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاندىن ئالەمنىڭ تۆت تەرىپى(چېكى) نى بىلدۇردىغان بىر كۇۋادېرات سىزىلغان.بۇنىڭ مەنىسى "ئالەم قائىدە- تەرتىپلىكتۇر، بۇ تەرتىپنى ياراتقۇچى كۆك تەڭرىدۇر " دېگەنلىك بولىدۇ.سۇرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "كۆك تەڭرى" ئىتىقاتىغا (ئەلۋەتتە بۇ بۇددىزىم مەدەنىيىتىگە تەۋە)تەئەللۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەققىدە بۇ يەردە توختالمىغاندىمۇ ،بۇ رەسىمنىڭ ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدا تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم :
(1)ئۇيغۇرلارنىڭ خىلى بۇرۇنلا قانۇنىيەتلىك شەكىللەرنى تونىغانلىقى ۋە ئۇنى يۇكسەكلىككە كۆتۇرۇشتەك بىر مەدەنىيەت باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ . مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگۇ قامۇسىنىڭ ماتېماتىكا بولىكىنى ئاختۇرۇپ كۆرۇپ ،دەل بۇ سۇرەتنى تاپتىم، ئۇنىڭدا ماتېماتىكىنىڭ پەيدا بولىشىغا دائىر قانۇنىيەتلىك شەكىللەرنىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخىغا مۇشۇ ئاستانىدىن تېپىلغان سۇرەتنى مىسال قىلىپ ئۆتۇپتۇ.
(2)بۇ رەسىم مېنىڭچە ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدا "سېركول" ۋە " تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ" نىڭ تۇنجى تارىخ يىزىقلىرىدا ئىپادىلىنىشى بولىشى كىرەك ، بۇمۇ بىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى بىر ئاق تارىخ بېتىمىزنى تولۇقلايدۇ.
(3)بۇ سۇرەت بىزگە ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىنى تەتقىق قىلغاندا نوقۇل يازما تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ياردىمىگە تايىنىۋالماسلىق، دىيارىمىزدىكى مول بولغان تاش كېمىر سەنئىتى غەزىنىسىگىمۇ مۇراجەت قىلىشىمىز لازىملىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇتىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
评论