-
باغۋەننىڭ ھەسرىتى - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-11-18
。
ئۆتتى مانا قىرىق يىل ،يوللۇرۇمنى تاپالماي.
بايان ئەتتىم دەردىمنى، پۇشايماندا ياتالماي.
ئەسلى ئىدىم بىر باغۋەن ، لىكىن غازان باغلىرىم.
نىشانەمگە يەتمىدىم ،دۇلدۇلۇمنى قاتالماي.
گۈللەر تىرىپ بىغىمغا ، سۈ باشلىدىم چۆللەرگە.
باغنى بەردىم ئوغرىغا ، گۈلنى ئاسراپ باقالماي.
باغ ئوغرىسى ئاكامغا ،سۈكۇت قىلدىم بىلمىدىم.
يانى كېردىم نەچچە رەت، قېينالدىمغۇ ئاتالماي.
باغسىز باغۋەن بولدۇمغۇ ,ھەسرەتلەرگە تولدۇمغۇ.
ئۆز بىغىمدا مېۋېنى ، يۇردۇم ئەركىن قاقالماي.
ئويلاپ قالدىم بىر چاغدا ، كۆرەڭ ئىدىم ئەجرىمدىن.
يۇرگەن ئىدىم تالايلاپ، مىۋېلەرنى ساتالماي.
ئەمدى نېمە قىسمەتلەر ، بىلەلمىدىم زادىلا.
ۋاقىتسىزلا مۇكچەيدىم ، بۇ دۇنياغا پاتالماي.
收藏到:Del.icio.us
<< ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى ماتېماتىكا | باش بەت | ئىلىم–پەن ۋە ماتېماتىكا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم >>