-
مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2012-01-17
15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ۋە ئېلىم – پەن تازا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ ، بۇ دەۋردە يالغۇز ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ، فىزىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرمۇ راۋاج تېپىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالەمشۇمۇل ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبەگ (ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي) ئەنە شۇلاردىن بىرىدۇر. ئۇلۇغبەگ 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللىتىپ تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.
ىلىم-پەندە داڭقى چىققان قەدىمكى شەھەر سەمەرقەنت 13- ئەسىردە چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ كېيىن كونا ئورنىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە يېڭىۋاشتىن قەد كۆتۈرگەن. شۇ چاغدىكى سەمەرقەنت شاھى ئاقساقتۆمۈر (تۆمۈرلەڭ) نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ، ئامۇ – سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ زېمىن ماۋرائۇننەھىرگە پىرىسىيە، خارازەم، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيە قۇرۇپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان. ئاقساقتۆمۈر ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قايتىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان سەمەرقەنتنى بېزەشكە ئىشلىتىپ، ھەيۋەتلىك مەسچىت، مەدرىس، ساراي ۋە چاھارباغلارنى سالدۇرغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئاقساقتۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ 1417- يىللىرى سالدۇرغان مەسچىتكە يىتىدىغىنى يوق ئىدى
-
تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-12-14
نىيۇتۇن-دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان بۈيۈك زات،ئۇ يەكۈنلىگەن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى ۋە يەرشارى مېخانىكىسى نەتىجىسى كلاسىك مېخانىكا ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئاساسىي قاراشلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ،ئۈچىنجى ھەرىكەت قانۇنى ۋە جىسىملارنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان،شۇ ئارقىلىق كىلاسىك مېخانىكىنىڭ ئۇلۇغۋار سېستىمىلىرىنى تۇرغۇزغان.ئۇ يەنە دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى ئىجاد قىلىپ،يېڭى ماتىماتىكىلىق ئانالىز قورالىنى مېخانىكىلىق ئىسپاتلاش ۋە خۇلاسىلەشگە ئەكىرگەن ھەمدە پۈتكۈل مېخانىكىنى مۇستەھكەم دېدۇكسىيە ئاساسىدا تىكلەپ،مېخانىكىنى ھەقىقىي بىر پەنگە ئايلاندۇرغان.بۇ پارلاق سەمەرىلەر نىيۇتۇن ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىققان‹‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى››دا خاتىرلەنگەن.
نىيۇتۇن (1642-1727)ئەنگىلىيىنىڭ ۋورستورپتىكى كىچىك بىر كەنتتە دۇنياغا كەلگەن.كېيىنكىلەر ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئېگىسى››دەپ تەرىپلەشكەن نىيۇتۇندا كىچىكىدە ئالاھىدە زېرەكلىك ۋە ئەقىللىقلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلمىگەن.ئاتىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەچكە،ئاپىسى قايتىدىن تۇرمۇشقا چىققان.بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنچىۋالا ياخشى ئائىلە تەربىيىسى ۋە باياشات تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشەلمىەەن.ئۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى تىرىشچانلىقى ھەمدە جاپالىق كۆرەشلىرى ئارقىلىقلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسەت ۋە يۈكسەك ئىجادىي قۇدرەتكە ئېرىشكەن.
نىيۇتۇننىڭ ئلىم-پەن ساھاسىدىكى گىگانىت كىشى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ.ئەمما،ئۆزى ئېيتقاندەك،ئۇ‹‹گىگانىتلارنىڭ مۈرىسىدە تۇرىدۇ››ياكى ئېنىشتىيىن ئېيتقاندەك‹‹...تەقدىر-قىسمەت ئۇنىڭغا ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئورۇن بەرگەن››.نىيۇتۇن تۇغۇلغان 17-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەبىي پەن داغدام ئىلگىرىلەۋاتاتتى.ئاسترونىمىيە جەھەتتە كوپىرنىك قۇياش مەركەز تەلىماتى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ،كېپلېر يەنە پلانىتلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھەرىكەت قانۇنىنى بايقاپ،يېڭى ئاسترونىمىيە تەرەقىياتى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ.مېخانىكا جەھەتتە،گالىلىي دىنامىكا ئىلمىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ،ئەركىن چۈشكەن جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قانۇنى ۋە ئىنېرتسىيە قانۇنىنى بايقاپ،مىقدار سان تەجرىبىسى ۋە ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش تەتقىقاتىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ.ماتىماتىكا ساھاسىدە دېكارت ئانالىتىك گېئومېتىرىيىنى ئىجاد قىلىپ،ئۆزگەرتكۈچى مىقدارنى ماتىماتىكىغا ئەكىرىدۇ،شۇنىڭدەك ھەرىكەت ۋە ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ئايلىنىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.ئۇلاردىن باشقا يەنە گيۇيگېنسنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچى تەتقىقاتىدىكى دەسلەپكى نەتىجىلىرى،بورېلى ۋە خۇك قاتارلىقلارنىڭ ‹‹سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى تارتىش كۈچىگە مۇھتاج››قىياسىمۇ بار.ئۇمۇمەن يەر شارى مېخانىكىسى،ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىرىكىپ،كلاسىك مېخانىكا سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش پۇرسىتى پىشىپ يېتىلگەنىدى،يەن كېلىپ ياۋۇرپا كاپىتالىستىك ئىگىلىكى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ،تەبىئىي پەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ يېتەكلەشكە جىددىي ئېھتىياج بۇلۇۋاتاتتى. -
ئاتاقلىق ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ ( 1847-1949) ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن، خەلىل باشىنىڭ 20-ئەۋلات نەۋرىسى، ئاتاقلىق تارىخشۇناس جىيەن بۇزەننىڭ ئاتىسى بولىدۇ.ئۇ كىچىگىدە ئاتىسىغا ئەگىشىپ چەتئەللەردە يۇرۇپ، ياشلىقىدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن بىلىم ئىگىلەپ ئەينى چاغدىكى خۇنەن ئالىي دارىلفۇنىن( بۇگۇنكى خۇنەن ئۇنۋېرسىتىتى) غا ئېمتىھان بىرىپ كىرىپ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇيدۇ .ئىدىيە جەھەتتە ئىلغارلىققا مائىل بولۇپ ئىنقىلاۋېي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، مەسلەكداشلار ئىتتىپاقى(توڭمىڭخۇي)غا ئەزا بولىدۇ، كىيىن ئىزچىل مائارىپ خىزمىتى ۋە كەسپىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خۇنەن ئۆلكىلىك 2-پىداگوگىكا مەكتىپى (بۇگۇنكى چاڭدى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)نى قۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرى بولىدۇ.بىر تەرەپتىن مەكتەپ باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۇچ چىقارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى بىۋاستە ماتېماتىكا دەرىسىنى سۆزلەپ نۇرغۇن ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.تېڭ دەييۇەن، يۇەن رىنيۇەن، بوگۈ قاتارلىق مەرلەز رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدىكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.1937-يىلى ئۇ يەنە ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ خۇنەن ئۆلكىلىك يۇفۇ خۇسۇسىي ئوتتۇرا مەكتىپى ( ھازىرقى چاڭدى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ) نى قۇرىدۇ. يەنە ئىېلمىنتار ماتېماتىكا تەتقىقاتى ئۇچۇن نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۇرىدۇ. ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ياد ئىتىش ئۇچۇن مەشھۈر ئالىم گومۇرو ئۇنىڭ قەبرە تاختىسىغا ئۆز قەلىمى بىلەن « مەشھۈر ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ » دەپ يازىدۇ.
-
ماتېماتىك فاڭ جۇڭتوڭ - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-11-28
ماتېماتىك فاڭ جۇڭتوڭ (1633_1698) ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ماتېماتىكۋە ئاستىرونۇم . تەخەللۇسى بېيبۇ، ئەنخۇينىڭ توڭچىڭ دېگەن يىرىدىن ، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلدىكى پەيلاسۇپ فاڭ يىچىنىڭ كەنجى بالىسى ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا ھەر قايسى ئىقىم تەلىماتلىرىنى توپلاپ « ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ كەڭىيېشى» دىن 24 جىلىد، قوشۇمچە بىر جىلىد، جەمئى 25 جىلىدلىق ماتېماتىكىلىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر ئەينى چاغدىكى جۇڭگۇنىڭ ھەسابلاش ۋە ماتېماتىكا مۇھىتىغا چوڭ تەسىر قىلغان ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى بىر جىلىد مەزمۇن مەخسسۇس «چوتتا ھېسابلاش»نى تونۇشتۇرۇغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا « كۆپەيتىشتە چوكا ياخشى، بۆلۇشتە قەلەم ياخشى ، قوشۇش-ئىلىشتا چوت ياخشى»دېيىلگەن. بۇ ھازىرغىچە ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان چوتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.يەنە بىر جىلىد مەخسۇس « گېئومىتىرىيە» مەزمۇنلىرى بولۇپ ، ماتېماتىك ئېۋكىلىدنىڭ «گېئومىتىرىيە» دېگەن ئەسىرىنىڭ 6- بابىدىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش.ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەلنىڭ ئىلغار ھېسابلاش ئۇسۇللىرىمۇ بۇ كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان( مەسىلەن: ناپېر ھېسابلاش ئۇسۇلى) ، بۇ غەرىپنىڭ ماتېماتىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىر قەدەر سېستىمىلىق ھالدا جۇڭگۇغا تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
-
ئەمەل تەرتىپى - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2011-11-28
ئەمەل ئۇچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. قوشۇش،ئېلىش بىرىنجى دەرىجىلىك : كۆپەيتىش ،بۆلۇش ئىككىنجى دەرىجىلىك ؛ دەرىجىگە كۆتۇرۇش بىلەن يىلتىز چىقىرىش ئۇچىنچىى دەرىجىلىك ئەمەلدۇر. ھەرخىل ئەمەللەرنىڭ ھېسابلاشتىكى تەرتىپى مۇنداق بەلگىلەنگەن: (1) تىرناق بولمىغان ئەھۋالدا تەڭ دەرىجىلىك ئەمەللەر سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىنچە ھېسابلىنىدۇ دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلارنىڭ ئاۋال ئۇچىنچى دەرىجىلىكى ، ئاندىن ئىككىنچى دەرىجىلىكى ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرىنجى دەرىجىلىكى ھېسابلىنىدۇ.(2)تىرناق بارلىرىنى ھېسابلاشتا ، ئالدى بىلەن تىرناق ئىچىدىكىسى ھېسابلىنىدۇ: بىرنەچچە تىرناق بارلىرىنىڭ ئاۋال كىچىك تىرناق ئىچىدىكىسى ، ئاندىن ئوتتۇرا تىرناق ئىچىدىكىسى، ئاخىرىدا چوڭ تىرناق ئىچىدىكىسى ھېسابلىنىدۇ. تىرناق ئىچىدىكى ھېسابلاش شەكلى يۇقۇرقى تەرتىپ بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ.
-
ھازىر ھەر قايسى جايلاردا ئاساسى جەھەتتىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن 1- باسقۇچلۇق تەكرار ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. شۇڭا مەن بىر قانچە يىللىق تەكرار قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھانى ئۈچۈن تەكرار قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزەمنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك تەجىربەمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
بۈگۈندىن باشلاپ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا دەم ئېلىش كۈنلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەپتىدە 6 كۈن دەرس ئوقۇدۇق دېسەك، يەنە تەخمىنەن 220 كۈن 32 ھەپتە ئەتىراپىدا ۋاقىت بار. ئادەتتىە 1- باسقۇچلۇق تەكرار كىتابلىرى تەخمىنەن 80 لىكسىيە ئەتىراپىدا بولىدۇ دېسەك، ھەپتىدە 10 سائەت تەكرار دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلسا،ھەر ھەپتىدە 4 لىكسىيە تۈگىتەلىسەك، 20 ھەپتە ۋاقىت ساپ دەرس ئۆتۈشكىلا كېتىدۇ. 2- باسقۇچلۇق تەكرارغا 4 ھەپتە ۋاقىت كەتسە، ئاخىرىدا قىزىق نۇقتا تەكرارىغا يەنە 4 ھەپتە سەرىپ قىلساق، ئاخىرقى 4 ھەپتە مانىۋېر ئىمتىھان بىلەن ئۆتسە ئاران يېتىشىدۇ.
شۇڭا ئاۋال چوقۇم سېستىمىلىق ھالدا ئۆتۈلىدىغان دەرسنى ياخشى پىلانغا ئېلىش، شۇ ئاساستا ئامال بار پىلاننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى تەكرار قىلىدىغانغا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. -
« قۇتادغۇ بىلىك » داستانى 11- ئەسىر قاراخانىلار خاندانلىغى ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىدىئولوگىيىسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى. ئۇ، 11- ئەسىر ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىغى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ مەدىنىيەت غەزىنىسىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز مەدىنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ، ئالىملارنىڭ دىققەت – ئېتىۋارىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ مۇئەللىپى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خاندانلىغىنىڭ كۈچەيگەن، ماددى ۋە مەنىۋى مەدىنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغان دەۋردە ياشىغان بولۇپ، ئۇ، قەدىمقى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىلىم – پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرغان كەڭ بىلىمگە ئىگە ئالىمدۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ راتسىيونالىزىملىق كۆز قاراشلىرى بىلەن غايىلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىجتىمائىي تەجرىبىلىرىنى ھەمدە ئۆزى بىۋاستە كۈزەتكەن ئىجتىمائى ھادىسىلەر بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى «قۇتادغۇ بىلىك »دە ئومۇملاشتۇرغان. ئۇ، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئۆزى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ئىلىم – پەن نامايەندىلىرىنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلىم – پەن ئۆگىنىش ۋە ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەرغىپ قىلغان.
-
ئاشخانا ئۆي-ئەمەلىيەتتەناھايىتى ياخشى بولغان سىنىپ ھېسابلىنىدۇ.سىز بازاردىن سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلگەن كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى بالىڭىز بىلەن بىرگە رەتلەڭ. سىزئۇنىڭغا يۇقارقىلارنى تۈرى،رەڭگى،شەكلى قاتارلىق خاسلىقلىرى بويىچە ئايرىشنى تاپشۇرسىڭىزبولىدۇ،ئۇ چوقۇم بۇ ۋەزىپىنى قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىدۇ.
تاماق تەييارلاش باشلاندى، سىزمەلۇم ھەجىمدىكى قاچا ياكى ساپلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئۇن،ياغ،گۇرۇچ قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ ئالسىز،بۇ يەردە ئەلۋەتتە مىقدارھەققدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلەر بېرىلىدۇ.ئۇندىن باشقا تۈرلۈك تاماقلارنىڭ نەچچىلىك ۋاقىتتا پىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتقا دائىر بىلىملەرنى، گۆشنان، قازان نىنى قاتارلىقلارنى تەييارلىغان كۈنلىرى بالىڭىزغا كېسىپ بەرگەندە، ئۇنىڭدىن»ئىككىدىن بىرىنى يەمسەن ياكى تۆتتىن بىرىنىمۇ ؟…»دېگەندەك ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنى سىڭدۈرىۋەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. -
ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-10-25
خۇا لوگېڭ 1910-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىنتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئەقىل ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئويلىنىدىغان مەسىلىلەردە بېرىلىپ پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولغاچقا، ھەمراھلىرى ئۇنى مازاق قىلاتتى. ئۇ گەرچە تولۇقسىز مەلۇماتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، داڭقى جۇڭگو ۋە چەتئەلگە تارقالغان ماتېماتىك . كېسەل سەۋەبىدىن ئۇنىڭ سول پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىندا ئۇنىڭ سەرخىلىنى تاللاش ئۇسۇلى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى جاپالىق ئىزلىرى بولغاچقا، «خەلقنىڭ ماتېماتىكا ئالىمى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ ھاياتىدىكى مول نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگو ماتېماتىكىسىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچى ۋە ئاساس سالغۇچىغا، ئۇنىڭ مەخسۇس ئەسەرلىرى 20-ئەسىرىدىكى ماتېماتىكا ئەسەرلىرىدىكى داڭلىق كىتابقا ئايلانغان.
خۇا لوگېڭ ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ چىن جىڭرۈننى بايقاش ۋە ئۇنى تەربىيەلەشتىكى ھېكايىلىرى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى بىر قىزىق پاراڭ.1985-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خۇا لوگېڭ ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىلمى دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ مۇنبەردە يېقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ «ئەڭ زور ئۈمىدىم - ھاياتىمنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىغىچە خىزمەت قىلىش» دېگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. -
شىنخۇا تورى گوللاندىيە ئامىستردام 7- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى تېلگراممىسى: 18 ياشلىق گىرمانىيەلىك قىز لىسا.سارمان 42 نومۇرلۇق تولۇق نومۇر بىلەن 2011- يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك ماتېماتىكا ھەل قىلغۇچ مۇكاپاتىدا ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقە ھەيئىتى22- ئىيۇل مۇنداق دېدى:« لىسا.سارمان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئومۇمىي نەتىجىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى قاتناشقۇچىسى».
شىنگاپوردىن كەلگەن ماھىر 40 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولغان، جۇڭگودىن كەلگەن چېڭلىن 38 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى بولغان. مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە، 42 نومۇرلۇق تولۇق نومۇردىن 28 نومۇردىن يۇقىرى ئالغانلارغا ئالتۇن مۇكاپات بېرىلىدىكەن. ئالدىنقى ئۈچ ماھىر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا 51 ماھىر ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 90 ماھىر كۆمۈش مىدالغا، 137 ماھىر مىس مىدالغا ئىرىشكەن.بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالتە نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئامېرىكىدىن كەلگەن ئالتە ئوقۇغۇچىمۇ
ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىراق ئومۇمىي نومۇرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن ئىكەن. سىنگاپور تۆت ئالتۇن مىدالغا بىر كۆمۈش مىدالغا، بىر مىس مىدالغا ئېرىشىپ، ئومۇمىي نەتىجە جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.
خەلقئارا ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئولىمپىك ئىلىم پەن مۇسابىقىسى بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى پەقەت ئۈچ سۇئالغا جاۋاپ بېرىدۇ. ھەر بىر سۇئال يەتتە نومۇر. گوللاندىيە تۇنجى بولۇپ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزدى.101 دۆلەتتىن ۋە رايوندىن 564 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى -
ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]
2011-09-19
ئوقۇتقۇچى : ماتېماتىكا ئىلىم-پەنگە تەۋە ، ئىلىم-پەن دېگەنگە قىلمۇ سىغمايدۇ
مەسىلەن ، بىر ئادەم بىر ئۆينى قوپۇرۇشقا 10كۈن ۋاقىت سەرپ قىلسا ، ئون ئادەم
بىرلىشىپ قوپارغاندا بىر كۈندىلا قىلىپ بولغىلى بولىدۇ .
ئوقۇغۇچى : مۇشۇنداق ھېساپلاپ كەلسەك ، بىر كېمە بىلەن تىچ ئوكياننى توغرىسىغا
كېسىپ ئۆتۈشكە ئون كۈن ۋاقىت كەتسە ، ئون كېمە تەڭلا قوزغالسا تېچ ئوكياننى
كېىسپ ئۆتۈشكە بىر كۈنلا ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ دېگەن گەپ ، مۇئەللىمۇ دېدىغۇ
ئىلىم-پەنگە قىل سىغمايدۇ ئەمەسمۇ ! -
مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر ! - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-08-13
مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 – يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن .ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇتقا چىقارغان .
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى < تىرىگونۇمىتېرىك قىممەتلەر جەدىۋىلى > دۇر .
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يىشىش ئۇسۇلىنى گېئومىتىرېيىلىك يىشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۇرگەن تۇنجى ماتىماتىك . ئالگېبىرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇنىڭ < ئالگىبېرا > دىگەن ئەسىرى دۇنيا ماتىماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .ئۇ يازغان < ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا > ( ئەزا يوتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، < ھېساب ئىلمى > قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرىق ئىلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرىسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن ، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن ( روبېرت تەرجىمە قىلغان ) باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت يوۋرۇپالىقلارنىڭ ماتىماتىكا دەرىلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن . -
بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-07-29
ئېنگلىز تىلىدا بىرنى «one» دەپ، فرانسوز تىلىدا «un» دەپ، ئىسپان تىلىدا «uno» دەپ، نېمىس تىلىدا «ein» دەپ، لاتىن تىلىدا «unus» دەپ، گىرىك تىلىدا «monas» دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بىر «n» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بىر سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى بايقاش مۇمكىن، لېكىن بۇ سۆزنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.بۇ سۆز قانداق كېلىپ قالغان، ئۇ باشقا تىللاردا قانداق قوللىنىلىدۇ دېگەنلەرنى ھازىرچە قويۇپ تۇرۇپ، ئېنگلىز تىلىدىكى «one» نى پىششىق بىلىۋالساقلا بولىدۇ.بىگىز بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى چىقىرىپ، بۇنى ئىككى دەيمىز. بىگىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماقنى چىقىرىپ ئۇنى ئۈچ دەيمىز، ئاندىن تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئونلارنىمۇ ئاتىيالايمىز. -
ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت - [ماتېماتىكا تارىخى]
2011-07-29
ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ،سانلار پەقەت ھىساپلاش ئېيتىياجى ئۈچۈنلا قوللىنىلمىغان،بەلكى ئىسىملارنى ئىپادە قىلىش رولىنىمۇ ئوينىغان.يۇنانلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگور ھەرقانداق نەرسىنى سانلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېنىقلايتتى .قەدىمقى جۇڭگولۇقلار سانلارغا مەنىلەرنى بەرگەنىدى.بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ،ئۇنى سانلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.سانلارنىڭ مەنبەسى ساناقسىزدۇر،ئۇنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرىمۇ شۇنداق.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسىملارنىڭ بىر ئۇچى باتىل ئېتىقاد،ئىشەنچىلەرگە،يەنە بىر ئۇچى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشۇنۇش ۋە ئۇنى بىلىش دەرىجىسىگە تايىنىدۇ.قەدىمقى مىسىردا ،بابىلوندا ،قەدىمقى يۇناندا ،ئىسلامدىن ئىلگىركى تۈرۈكلەردە ،ئەرەپلەردە سانلارنىڭ نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگە بولغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بىزگە ئايان بولماقتا.قەدىمقى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ پازىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى سانلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى مەنىسىگە يېڭى-يېڭى مەنىلەرنى قوشقان.
-
ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-07-29
مۇخبىر: نۇرغۇن بالا ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىزچە ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كېتەمدۇ؟
سىتېۋارت: ماتېماتىكا ئىقتىدارى تىل ئىقتىدارىغا ئوخشاش ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، ماتېماتىكلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ . ماتېماتىكا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا – ئانىدا ماتېماتىكىنى قىيىن پەن دېگەن قاراش مەۋجۇت، ئۇلاردىكى بۇنداق قاراش پەرزەنتلىرىنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە ياخشى ياشاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز، خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز، ماتېماتىكىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.
ماتېماتىكىغا قىزىقمايدىغان بالىلارغا ماتېماتىكىنى زورلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆگەتمەستىن، ئامال بار پەرقلىق مائارىپ ئۇسۇلى ئارقىلىق خاسلاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قوللىنىش كېرەك. بالىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ئۆگىنىدۇ، بەزىلىرى مەشغۇلات جەريانىدا ئۆگىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى رەسىم سىزىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بالىلارنى بىرلا خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆگىنىشكە زورلىماسلىق كېرەك. ئەگەر پەرزەنتىڭىز مەشغۇلات جەريانىدا ئۆگىنىشكە ماھىر بولسا، ئۇنى كۆپرەك قول سېلىپ مەشغۇلات قىلغۇزۇڭ.