-
كېچىنى كۇندۇزگە ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-05-07
فىرانسىيە ئالىمى ماكال ئۆتكەن ئەسىردە رىمدا ئۆتكۇزۇلگەن 32- نۆۋەتلىك خەلىقئارا ئالەم بوشلۇقىىدا ئۇچۇش مۇھاكىمە يىغىنىدا ، ئىنسانلار ئاينىڭ ئۇستىگە ئەينەك بىكىتىپ ، قۇياش نۇرىنى يەر شارىغا قايتۇرغادىغانلا بولسا ، قاراڭغۇ كېچىنى كۇندۇزگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ،- دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ماكال فىرانسىيە دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مۇھاكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ، ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق چىقارغان يورۇقلۇق بىلەن ئىنسانلار كەچتە كىتاب- ماتىرىيال ئوقۇشى ۋە خىزمەت قىلالىشىدا مەسىلە يوق ئىكەن؛ شۇنداقلا نۇرغۇن توكنى تىجەپ قالغىلى بولىدىكەن.
شۇبھىسىزكى ، ئەگەر ماكالنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشسا ، پۇتۇن دۇنيانىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە زور ئۆزگۇرۇش بولىدۇ.
ئايغا ئورنىتىلغان بىر كۇۋادىرات مېىترلىق ئەينەك يەر يۇزىگە 3200~3800 كۇۋادىرات كېلومىتىرلىق نۇر قايتۇرالايدۇ؛ ئايغا ئۇدۇل تۇرغان يەر شارى يۇزىنىڭ يىرىمىنى كېچىدىن كۇندۇزگە ئۆزگەرتىش ئۇچۇن ئاي شارىغا 200 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئەينەك ئورنىتىشقا توغرا كىلىدۇ.
مۇشۇ خەۋەرنى كۆرگىنىمدىن ھازىرغىچە ، بىرەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ياكى خەلىقئارا تەشكىلاتنىڭ بۇ تۇرنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىلانى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۇپ باقمىدىم.
شۇڭا ئويلاپ قالدىم : يەر شارىدا راستىنلا كېچىنى كۇندۇزگە ئۆزگەرتكىلى بولامدىغاندۇ ؟لىكىن مەن بۇ سۇئالدىن بەكراق ، مۇشۇنداق زۆرۇرىيەتنىڭ يوقلىقىغا ئىشەندىم.
收藏到:Del.icio.us