-
تۆگە بىلەن مەدەن ئىزدەش - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-05-07
مەلۇم بىر يەرنىڭ تېگىدە مەدەن بولسا ، شۇ يەر پوستىنىڭ سىلىشتۇرما ئېغىرلىقى يۇقۇرى ، ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى چوڭراق بولىدۇ. سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولۇگىيە ئالىملىرى مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن تۆگە بىلەن مەدەن ئېزدەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان .
تۆگە بىلەن مەدەن ئىزدەش مۇنداق بايقالغان: گېئولۇگلار قازىقىستاندىكى جايلارنىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتىنى ئىنىقلاۋاتقاندا ، بىر قىزىقارلىق ئەھۋال يۇز بەرگەن . ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ كىچىك نوقتىلار تۇتاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان تېرايىكتورىيە تۆگىلەرنىڭ مېڭىش يۆنۇلىشى بولغان. بۇ ھادىسە تۆگىلەرنىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ كىچىك جايلارنى تاللاپ ماڭىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئېغىر يۇك ئارتىلغان تۆگە ماڭغىلى ئۇنىمىغان جاينىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بۇنداق جايدىن مەدەن چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى. بۇ ئالىملار تۆگىگە ئېغىر تۇك ئارتىپ ماڭدۇرۇپ باققان ، ئاندىن تۆگە ماڭغىلى ئۇنىمىغان جايلارنى بۇرغۇلاپ تەكشۇرگەن . دەرۋەقە بۇ ئۇسۇل ئوبدان ئۇنۇم بەرگەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار 20 نەچچە جايدا كان تاپقان ھەم نۇرغۇن راسخۇتنى تېجەپ قالغان.«جاھاننامە»دىن ئىلىندى.
收藏到:Del.icio.us