-
ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت - [ماتېماتىكا تارىخى]
2011-07-29
ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ،سانلار پەقەت ھىساپلاش ئېيتىياجى ئۈچۈنلا قوللىنىلمىغان،بەلكى ئىسىملارنى ئىپادە قىلىش رولىنىمۇ ئوينىغان.يۇنانلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگور ھەرقانداق نەرسىنى سانلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېنىقلايتتى .قەدىمقى جۇڭگولۇقلار سانلارغا مەنىلەرنى بەرگەنىدى.بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ،ئۇنى سانلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.سانلارنىڭ مەنبەسى ساناقسىزدۇر،ئۇنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرىمۇ شۇنداق.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسىملارنىڭ بىر ئۇچى باتىل ئېتىقاد،ئىشەنچىلەرگە،يەنە بىر ئۇچى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشۇنۇش ۋە ئۇنى بىلىش دەرىجىسىگە تايىنىدۇ.قەدىمقى مىسىردا ،بابىلوندا ،قەدىمقى يۇناندا ،ئىسلامدىن ئىلگىركى تۈرۈكلەردە ،ئەرەپلەردە سانلارنىڭ نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگە بولغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بىزگە ئايان بولماقتا.قەدىمقى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ پازىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى سانلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى مەنىسىگە يېڭى-يېڭى مەنىلەرنى قوشقان.
-
نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-07-26
ئىلىم-پەندە ‹‹ئەر-ئاياللار باراۋەرلىگى›› نى قۇلغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن بولغان ئىسلاھاتلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلاندى. پولشادا تۇغۇلغانM.كىيۇرى خانىم ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ نوبېل فىزىكا موكاپاتى بىلەن نوبېل خىمىيە موكاپاتىغا ئېرىشتى؛ جوڭگۇدا چوڭ بولغان دوكتۇر ۋۇجەنشىيۇڭ ئامېرىكا فىزىكا جەميىتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ قالدى.ئۇلار ئايال ئالىملارنىڭ كۆزگە كورۇنگەن ۋەكىللىرى. نورغۇنلىغان ئايال ياشلار ئۇلارنى ئولگە قىلىپ ئىلىم –پەن يۇلىغا ماڭدى.
ئوز- ئارا سىلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ فىزىكا ،خىمىيە، بىئۇلۇگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەرگە قارغاندا نەتىجىلىرى زۇر بولسىمۇ، لىكىن ماتىماتىكا ساھەسىدىكى نەتىجسى ئازراق،ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ئاياللار تېخىمۇ ئاز. بۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت كەمسىتىشكە ئۇچۇرغانلقغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. -
ماتېماتىكلارنىڭ كوللىكتىپ رەسىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-07-26
بۇگۇن تور ئارىلاۋېتىپ بىر ئىسىل رەسىمنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. بۇ رەسىمدىكى يارقىن نوقتا شۇكى : ھەر بىر ماتېماتىكنىڭ قولىدىكى ماتېماتىكىلىق ئەسۋاپ ۋە مۇناسىپ ماتېماتىكىلىق فورمىلاردۇر.... ، قېنى سىزمۇ تەپسىلى كۈزۈتۈپ ھۈزۈرلىنىپ بىقىڭ .
-
تەبرىكنامە - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2011-07-03
-
8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسەن پەلسەپە، مەنتىقە ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىگە مەركەزلەشتى. بۇ تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسىدا تەتقىقات، تەجرىبە ۋە ئىجادىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، باغدادنى مەركەز قىلغان يېڭى بىر ئىلمىي مۇھىت شەكىللەندى. خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە(813- 833) قۇرۇلغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە كۇتۇپخانىسى ھېساپلانغان بەيتۇل ھىكمە(<<ئەقىل سارىيى>> دېگەن مەنىدە) تەرجىمە پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر بازا بولدى. نەتىجىدە ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان يېڭى بىر مەدەنىيەت مەيدانغا كەلدى. بۇ مەدەنىيەت ئەرەب تىلى ۋە يېزىقى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغاچقا، تارىختا <<ئەرەب مەدەنىيىتى>> ياكى <<ئەرەب -- ئىسلام مەدەنىيىتى>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەرەبلەردىن باشقا پارسلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ھەسسىسىمۇ ناھايىتى زور ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن باغدادقا كەلگەن ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن بەيتۈل ھىكمەدە توپلانغان تۈرك ئالىملىرىنىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى ئەرەب پەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ بىر ھالەت پەيدا قىلدى. بۇ ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى دۇنيا پەن تارىخىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
-
CNN TÜRK قانىلى يېقىنقى "يېڭىلىق ياراتقۇچىلار (Fark Yaratanlar | ChangeMakers)" سەھىپىسدە، دۇنيانىڭ تۇنجى "ماتېماتىكا يېزىسى"نى قۇرۇپ چىققۇچى، مەشھۇر تۈركىيە ماتېماتىكا ئالىمى ئەلى نەسىننى تونۇشتۇردى.
فامىلىسىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئەلى نەسىن مەشھۇر يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ ئوغلى. ئۇ 1956-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرىنىشۋېتسارىيدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرستېتى ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1995- يىلى دادىسى ئەلى نەسىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۈركىيگە قايتقان ۋە نەسىن فوندى (1973-يىلى ئەزىز نەسىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئوقۇشسىز بالىلارنى ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي ۋە ئاخىرقى مەقسەت قىلغان بىر فوند) غا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ، ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرستېتى (İstanbul Bilgi Üniversitesi) ماتېماتىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 2003-يىلى يانۋاردىن باشلاپ "ماتېماتىكا دۇنياسى ژۇرنىلى"نىڭ مەسئۇل مۇدىرى، 2004-يىلىدىن باشلاپ "نەسىن نەشرىياتى" باشقۇرغۇچىسى، 2006-يىلىدىن باشلاپ "تۈرك ماتېماتىكا ئىتتىپاقى"نىڭ ئىقتىسادىي بۆلۈمى مۇدىرى... قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ پۈتۈن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇ 2007-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن قۇرۇپ چىققان "نەسىن ماتېماتىكا يېزىسى"دۇر.
نەسىن ماتېماتىكا يېزىسى، ئەزىز نەسىننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ئوغلى ئەلى نەسىن تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ 3-چوڭ شەھىرى ئىزمىر شەھەر سىرتىدىكى، نەسىن فوندىغا قاراشلىق 55 دۆنۈم (تۈركىيە يەر بىرلىكى، تەخمىنەن 920 چاسا مېتىر) يەردە 2007-يىلى مايدا قۇرۇلغان. پۈتۈن يېزا ئەمەلىيەتتە بىر ماتېماتىكا دەرسخانىسى بولۇپ، مۇھىتى ناھايتى تەبئىي، ئازادە ۋە ئارامبەخش. يېزىدا تېلىۋىزور، تېلىفون، قاتناش ۋاستىلىرى... دېگەندەك نەرسىلەر يوق بولۇپ، جىمجىت ۋە ئاكادېمىك بىر مۇھىت يارىتىلغان. -
يۇسۇپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-11-10
10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ خىل ئىلىم قوبۇل قىلىشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە يوللىرى كۆپ تەرەپمىلىك بولغان بولسا ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
-
ماتېماتىك تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-11-01
تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم مىللي يېزىقتىكى ماتېماتىكا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىنى ھېس قىلىپ ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى«ئۆلچەم نەزەرىيىسىدىن مۇقەددىمە»، «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىنىڭ فۇنكىسىيىلىك نەزەرىيىسى ۋە فۇنكسىئونال ئانالىز يېتەكچىسى» ، «ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا تەھلىلى» ، «ئالىي ماتېماتىكىدىن مۇلاھىزە سوئاللىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نەشىر قىلدۇردى. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن «دىسكرېت ماتېماتىكا»، «IBM-PC ئاسسېمبل تىلىدا پروگرامما لايىھىلەش»، « C تىلدا پروگرامما لايىھىلەش» قاتارلىق كىتابلارنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا «باغلىق بولمىغان توپولوگىيىلىك بوشلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ۋېۋېللىت ۋە سىگنال» قاتارلىق 23 پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە رايونىمىزدىكى
-
ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ماتىماتىكا ئالىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-11-01
(ئېۋلېر- (1707-1783
لېئونارد پائۇل ئېۋلېر 18-ئەسىر ماتىماتىكا تەرەققىياتى ئېۋلېر دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېۋلېر ، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى گېرمانىيە ۋە رۇسىيەدە ئۆتكۈزگەن، دۇنيا تارىخىدا ماتىماتىكىغا ئائىت ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ئالىم بولۇپ ئۇنىڭ يازغان ئىلىمى ماقالىلىرى ئورريرا ھىساپ بىلەن يىلىغا 800بەتتىن توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ماتىماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى نىيوتون ، گائۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ دىسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ .
ئەيلىر ماتىماتىكىدىن باشقا يەنە مېخانىكا، ئوپتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ساھەسىدىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. داڭلىق ماتېماتىك لاپلاس« ئېۋلېرنى ئوقۇيلى، ئېۋلېرنى ئوقۇيلى ، چۈنكى ئۇ ماتىماتىكىنىڭ خوجايىنى، ھەمممىزنىڭ ئۇستازى» دىگەن بىر كۇبلىت سېئىرى ئارقىلىق ئەېيلېرنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. شىۋېىتسارىيەنىڭ 10فىرانىكلىق پۇلى ۋە گېرمانىيە ، رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن پوچتا ماركىسىدا ئېۋلېرنىڭ ئوبرازىنى كۆرەلەيمىز.
-
ماتىماتىك بېنوئىت ماندېلبروت ئالەمدىن ئۆتتى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-11-01
فراكتىكال(پارچىلانغان شەكىل)نەزىرىيىسى بىلەن دۇنياغا نامى مەشھۇر ئاتاقلىق ماتىماتىك بېنوئىت ماندېلبروت(Benoit Mandelbrot) ئامېرىكىدا85يېشىدا 10-ئاينىڭ 14-كۇنى ئالەمدىن ئۆتتى.
BBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماندېلبروت بۇ نەزىرىيىسىگە ئاساسەن بۇلۇت،دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى دېگەندەك ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان شەكىللەرنى ئۆلچىگەن.
مەسىلەن، خەرىتىدە بىر ئارال قارىماققا ناھايىتى تەكشى كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يېقىن ئارىلىقتا تەپسىلىي قارىغاندا،چەكسىز تەكرارلىنىپ كەتكەن ھەرە چىشىدەك قىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ماندېلبروتنىڭ نەزىرىيىسى فڧىزىكا، بىئولوگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلگەن.
-
ماتېماتىك لىبېك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-09-20
لىبېك(ھەنرى لەبەسگۇئە) بولسا فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى بەئائۇۋائىس رايونىدا، 1875-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۇدىي خەت تىزغۇچى بولۇپ تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. لىبېكنىڭ ھاياتى گادايچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاپىسى ئىشلەپ لىبېكنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. لىبېك باشلانغۇچ مەكتەپتىلا بەكلا تالانلىق ئوقۇغۇچى ئىدى. لىبېك 1941-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ 2 بالىسى بار ئىدى. ئۇ فرانسىيە ھەم وللېگە دىئە فرانە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەڭگۈلۈك پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.
لىبېك بولسا لىبېك ئىنتېگرالىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ 19-ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئانالىتىك ماتېماتىك ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گېئومېتىريىدىكى تەبىئىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئانالىتىك ماتېماتىكىغا يېڭى بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان لىبېك ئىنتېگرالى ئۇزۇنلۇق ھەم يۈزگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلگەن تەتقىقات بولۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ماقالىسىگە يىغىنچاقلايدۇ. بۇ نەزەرىيە ھازىرقى زامان ئىنتېگرال نەزىرىسىگە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن فۇريە (فوئۇئورىئەر) قاتار نەزەرىيىسى ھەم پوتېنسىئال نەزەرىيىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنى تەرەقى قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ توپولوگىيە گېئومېتىريىسى ۋە توپلامغا لىبېك ساننى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ ئاساسى چۈشەنچىسىگە تۆھپە قوشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ رىمان ئىنتېگرالىدا ساھەنى قورشاپ تۇرىدىغان ئەگرى سىزىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىزلىك چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز بولمىغان ئەگرى سىزىقلارغا كېڭەيتىپ ئىنتېگرال تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ماتېماتىكىدا دەۋرى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ. -
ئارخىمېد (阿基米德) - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-09-20
ئارخىمېد قەدىمكى يۇناننىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 287- يىلى ستسىليە ئارىلىدىكى سىراكۇزى شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ دادىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى ئىدى. ئارخىمېد كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا قەدىمكى يۇناننىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى ئېۋكىلىد ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 275- يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «گېئومېترىيە پىرىنسىپلىرى» نى ئۆگىنىدۇ. ئۇ 11 يېشىدا ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى – نىل دەرياسى بويىدىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ مەزگىللەردە مەشھۇر ئارخىمېد ۋىنتى (بۇرمىلىق سۇ چىقارغۇچى) نى كەشىپ قىلىپ، نىل دەرياسىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، ئۇ سىراكۇزىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.
ئارخىمېدنىڭ فىزىكىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى __ سىتاتىكا ۋە ئاقار جىسىملار ستاتىكىسى جەھەتتە بولۇپ، «تەكشىلىك شەكىللىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدا جىسىم ئېغىرلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ئارىلىقلىرىنىڭ تەتۈر نىسبىتىگە تەڭ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىشاڭ قانۇنىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئارخىمېد پىشاڭ قانىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، سىراكۇزى پادىشاھى گېنىروغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: «مەن كۈچنى چوڭايتىش ئامالىنى تاپتىم»، ماڭا بىر تايىنىش نۇقتىسى ۋە تۇرغۇدەك ئورۇن بولسىلا يەر شارىنى يۆتكىۋېتەلەيمەن.»
-
ياش ماتېماتىك غەنى غوپۇر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-09-16
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور غەنى غوپۇر 1972-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئاساس ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر ماگىتېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى تەتقىقات ئورنىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باۋجيې مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىلمى دوكتور ئاشتى كۈچمە تەتقىقات پونكىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 2003-يىلى 6-ئايدا بۇ يەردىكى تەتقىقاتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزى تەربىيەلىگەن تۇنجى پوستدوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (31 يېشىدا پروفېسسور بولغان)، دوكتور ئاسپىرانتپار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭخۇئا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.
-
تۆت نەپەر ياش ماتېماتىك 2010-يىللىق فىلدىز ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2010-08-26
) سۇرەتتە : مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۇنۇش (
تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزىلىدىغان خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۇنى ۋىتنامدا ئۆتكۈزۈلۇپ ۋىتناملىق ماتېماتىك ۋۇ باۋجۇ قاتارلىق 4 نەپەر ياش ماتېماتىكقا ماتېماتىكا ساھەسەدىكى نوبېل مۇكاپاتى- فىلدىز ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى。فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئوبرۇيلۇق خەلىقئارا مۇكاپات بولۇپ , تۆت يىلدا بىر نۆۋەت 40 ياشتىن تۆۋەن ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ。بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچىلەر ۋۇباۋجۇدىن باشقا يەنە فىرانسىيىلىك ماتېماتىك سېدرىك ۋىللانى ,ئىسرائىلىيە ماتېماتىكى ئىلون لىندىرشىت ,روسىيە ماتېماتىكى سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ قاتارلىقلارغا بىرىلدى。ۋۇباۋجۇ 1972-يىلى ۋىتنامدا تۇغۇلغان, ھازىر فىرانسىيە پارىژ 11-ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى,ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بولغان “ئاساسى لىمما ”لارنى ئىسپاتلاپ چىققان, ئۇنىڭ بۇ مۇۋاپەقىيىتى ئامىركىدا چىقىدىغان “دەۋىر”ژورنىلى تەرىپىدىن 2009-يىللىق ئون چوڭ ئىلىم -پەن ئىختىراسى بولۇپ باھالانغان ئىدى。 ئىلون لىندىرشىت 1970-يىلى ئىسرائىلىيىدە تۇغۇلغان, ھازىر ئىسرائىلىيە ئېبراي ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى, ئۇنىڭ ماتېماتىكىدىكى سانلار نەزەرىيىسى جەھەتتىكى تۆھپىسىگە بۇمۇكاپات بىرىلدى, سېدرىك ۋىللانى بىلەن سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ لارنىڭ ئېستاتىستىكا فىزىكىسىغا قوشقان تجھپىلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بىرىلدى,سېدرىل ۋىللانى بۇ يىل 36 ياش , فىرانسىيە ھېنرى-فورىنكار تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدۇ,سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ 1970-يىلى روسىيىدە تۇغۇلغان, ھازىر رىنىۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى。
-
ئەڭ قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن ماتېماتىكا ئالىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-08-22
ماتېماتىكا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ فوتو ۋە سىزما سۈرەتلىرىمىز. بۇلارنىڭ كۆپى ئوتتۇرا ياشلىقلار ياكى ياشانغانلار، پەقەت فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى گالۇ ئالا بالىلىق مىجەزى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش يىگىت ئىدى. گالۇئا توپلام نەزىرىيىسىنى ئىجات قىلغانلىقتىن، ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىچىسى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇ 20 يىللا ياشىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ماتېماتىكا ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان ئەڭ ياش ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گالۇئا 1811 - يىلى 25 - ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوتتۇرا ھال ئوقۇغان. لېكىن ئۇ ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. 16 يېشىدا داشۆگە كىرمەكچى بولسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. 17 يېشىدا بىر پارچە ماقالە يازغان بولىسمۇ. لېكىن ئۇنى ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى گوسى يۈتتۈرۈپ قويغان. گالۇئا 18 ياشقا كىرگەندە ئوقۇتقۇچى بولۇش نىيىتىدە سىفەن شۆيۈەنگە كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ماتېماتىكا بويىچە مۇكاپات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يازغان ماقالىسىنى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى فورييې ئۆيىگە ئاپىرىپ يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. فرانسىيە 1830 - يىلى ئىيۇلدا بوربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش يۈزىسىدىن ئاممىۋىي كۈرەش پارتلىغاندا، گالۇئا ئىنقىلابىي ئىشلارغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر پارچە ماقالە يېزىپ پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە يوللايدۇ. ئەمما ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى پوۋاسون بۇ ماقالىقىنى«چۈشەنگىلى بولمايدىكەن» دەپ تەستىق سۆز يېزىپ قايتۇرىۋېتىدۇ. 1831 - يىلى گالۇئا پادىشاھنى قوغداش پارتىيىسىگە قارشى كۈرەشكە داۋاملىق قاتنىشىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىر يىغىنىدا ئۇ پادىشاھ لۇئى فىلىپنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. گالۇئا تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئايال ئۈچۈن دوئىلغا چىقماقچى بولىدۇ. ئەينى زاماندا ئىجىتىمائىي شارائىت ئۇنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. دوئىل ۋاقتى 1832 - يىلى 30 - ماي قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى گالۇئا ئۆلۈم تەھدىتىنى ئالدىن سېزىپ، بىر سائەت ئىچىدە قىسىقىغىچە خاتىرە يېزىپ ھەم دوستىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۆزى ئاساس سالغان نەزىرىينىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ خېتىدە ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى ياكوبى بىلەن گائۇستىن ئۆزىنىڭ تېئورىمىسىغا ئادىل پىكر بېرىشىنى ھەمدە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە گالۇئا ئۆز رەقىبى بىلەن دوئىلغا چىقىدۇ. ئوق ئۇنىڭ ئۈچىينى تېشىپ ئۆتىدۇ - دە، ئۇ يىقىلىدۇ. بۇ يولۇچى دېھقان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچى كۈنى يەنى 1832 - يىلى 31 - ماي ئەتىگەندە تالانتلىق گالۇئا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نەچچە مىڭلىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر قاينىشىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى يېزىلغان خەت ئېلان قىلىندى. بۇنى گالۇئا كۆرەلمىدى. ئەلۋەتتە، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، گالۇئانىڭ خىزمىتى جامائەت تەرىپىدىن كەڭ ئېتىراپ قىلىنىدى. گالۇئا ھەر بىر ئالگىبرالىق تەڭلىمىدە ئالاھىلىدىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئورۇن ئالماشتۇرۇش توپلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېپىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادە ئارقىلىق يەشكىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ نەزىرىسى توپلام نەزىرىيىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىشىغا ئاساس سالدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن داشۆلەردە ياش گالۇئانىڭ سىزما سۈرىتى ئېسىلىدۇ.