-
تۆت نەپەر ياش ماتېماتىك 2010-يىللىق فىلدىز ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2010-08-26
) سۇرەتتە : مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۇنۇش (
تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزىلىدىغان خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۇنى ۋىتنامدا ئۆتكۈزۈلۇپ ۋىتناملىق ماتېماتىك ۋۇ باۋجۇ قاتارلىق 4 نەپەر ياش ماتېماتىكقا, ماتېماتىكا ساھەسەدىكى نوبېل مۇكاپاتى- فىلدىز ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى。فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئوبرۇيلۇق خەلىقئارا مۇكاپات بولۇپ , تۆت يىلدا بىر نۆۋەت 40 ياشتىن تۆۋەن ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ。بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچىلەر ۋۇباۋجۇدىن باشقا يەنە فىرانسىيىلىك ماتېماتىك سېدرىك ۋىللانى ,ئىسرائىلىيە ماتېماتىكى ئىلون لىندىرشىت ,روسىيە ماتېماتىكى سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ قاتارلىقلارغا بىرىلدى。ۋۇباۋجۇ 1972-يىلى ۋىتنامدا تۇغۇلغان, ھازىر فىرانسىيە پارىژ 11-ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى,ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بولغان “ئاساسى لىمما ”لارنى ئىسپاتلاپ چىققان, ئۇنىڭ بۇ مۇۋاپەقىيىتى ئامىركىدا چىقىدىغان “دەۋىر”ژورنىلى تەرىپىدىن 2009-يىللىق ئون چوڭ ئىلىم -پەن ئىختىراسى بولۇپ باھالانغان ئىدى。 ئىلون لىندىرشىت 1970-يىلى ئىسرائىلىيىدە تۇغۇلغان, ھازىر ئىسرائىلىيە ئېبراي ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى, ئۇنىڭ ماتېماتىكىدىكى سانلار نەزەرىيىسى جەھەتتىكى تۆھپىسىگە بۇمۇكاپات بىرىلدى, سېدرىك ۋىللانى بىلەن سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ لارنىڭ ئېستاتىستىكا فىزىكىسىغا قوشقان تجھپىلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بىرىلدى,سېدرىل ۋىللانى بۇ يىل 36 ياش , فىرانسىيە ھېنرى-فورىنكار تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدۇ,سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ 1970-يىلى روسىيىدە تۇغۇلغان, ھازىر رىنىۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى。
http://www.sci.cn/news/showNews.asp?fNewsID=1734
历史上的今天:
قاراقچىنىڭ قىيىنچىلىقى 2010-08-26سىرلىق سان 2010-08-26مەنپىي ساننىڭ كىرگۈزۈلۈشى 2010-08-26ئونلۇق كەسىرنىڭ كەچۈرمىشى 2010-08-26
收藏到:Del.icio.us
评论
ئۇنداقتا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات قايسى ؟
1924 - يىلى تورۇنتودا يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى ، ماتېماتىك فىلدىز (John Charles Fields) قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندا قالغان ئىقتىسادى بىلەن بىر ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بەرگەن . ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىراسىنى بۇ مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات فوندىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا ۋەسيەت قالدۇرغان ھەمدە بۇ مۇكاپاتنى ھەر قانداق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتىماسلىققا تەكلىپ بەرگەن . شۇنداق بولسىمۇ خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ نامى بىلەن «فىلدىز مۇكاپاتى » (Fields Medal) دەپ ئاتاپ ، فىلدىزنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا بولسان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن .
فىلدىز كانادالىق ماتېماتىك بولۇپ ، 1863- يىلى توغۇلۇپ ، 1932- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . فىلدىزنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى ئويۇشتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش تەرەپلەردە زور رول ئوينىغان .
فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) بولسا، ماتېماتىكىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ئىككى ، ئۈچ ياكى تۆت ماتېماتىكلارغا ، خەلقئارالىق ماتېماتىكا ئويۇشمىسى
(International Mathematical Union قىسقارتىلىپ IMU دېيىلىدۇ ) نىڭ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى
(International Congress of Mathematicians قىسقارتىلىپ ICM دېيىلىدۇ) دا بېرىلدىغان بولۇپ . بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان - شەرپى بولۇپ قالدى .
1936 - يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن چاقىرىلغان ھەر قېتىملىق ICM نىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپى فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش بولدى . ICM بىلەن فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ھەر قايسى گېزىت ژورناللار بەس-بەستە زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلدى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مۇكاپات 15000 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىردانە ئالتۇن مېدال بېرىلدىغان چوڭ مۇكاپاتقا ئايلاندى . كىشىلەر ، فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئابرويى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكاپاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتراپ قىلىشتى ، ھەم ئۇنى «ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى » دەپ ئاتىدى .