ئونلۇق كەسىر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، سانلارنى خاتىرىلەش تېخىمۇ ئاسانلاشتى. مەسىلەن، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ تەقرىبىي قىممىتى1416 .3 نى ئاددىي كەسىر ئارقىلىق ئىپادىلىسەك، قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ تولىمۇ ئەپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ خانىلىق ئونلۇق كەسىر ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەمەللەر بار. ئامېرىكىلىق بىر مەشھۇر ماتېماتىكا تارىخى ئالىمى: »يېقىنقى زاماندىكى ھېسابلاشنىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈچ تۈرلۈك ئىجادىيەت: ھىندىستاننىڭ سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى، ئونلۇق سىستېمىدىكى كەسىر سانلار ۋە لوگارىفمىدىن كەلگەن« دېگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئونلۇق سىستېمىدىكى كەسىر سانلار دەل ئونلۇق كەسىرنى كۆرسىتىدۇ. غەربلىكلەر ئادەتتە ئونلۇق كەسىرنى بېلگىيىلىك ماتېماتىك ستېۋېن ئىجاد قىلغان دەپ قارايدۇ، لېكىن ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن كىشى گېرمانىيىلىك ماتېماتىك كلاۋىستۇر، ئۇ1593 - يىلى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئىشلەتكەن. ئەمما،19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئونلۇق كەسىرگە دائىر بەلگىلەر يەنىلا ئىنتايىن قالايمىقانىدى. ھازىرمۇ ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئېقىمى ۋە ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئېقىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى بار، ئالدىنقىسى پەش «,» نى، كېيىنكىسى چېكىت «.»نى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ستېۋېن ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئىجاد قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئونلۇق كەسىر ئىشلىتىلگەن. مىلادىيە3 - ئەسىردە، ئېلىمىزنىڭ ۋېي - جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ليۇ خۇي يازغان «توققۇز بابلىق ھېساب» نىڭ ئۈچ يېرىدە ئونلۇق كەسىر سان ئىدىيىسى قوللىنىلغان. جەنۇب - شىمال سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە، كالېنداردا تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەش ئۇسۇللىرى كۆپلەپ قوللىنىلغان: بىر يۈز ئون سەككىز مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئالتە يىگىرمە بەش (118296.25) سەكسەن توققۇز ئۈچ (89.3) بىر يۈز ئون توققۇز ئون ئىككى (119.12) بۇ خىل يېزىش ئۇسۇلى غەرب ئەللىرىدە تاكى19 - ئەسىرلەرگىچە قوللىنىلىپ كەلگەن ئونلۇق كەسىرلەرنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى5 .2 ياكى5 ,2 لەر بىلەن تامامەن دېگۈدەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سۇڭ - يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەش ئۇسۇللىرى بارلىققا كەلگەن: بۇ خاتىرىلەش ئۇسۇللىرى ئۇنىڭدىن300 نەچچە يىل كېيىن ستېۋېن ئىجاد قىلغان خاتىرىلەش ئۇسۇلىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئارتۇقچىلىققا ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئالقاشى دۇنيادا جۇڭگولۇقلاردىن باشقا بىرىنچى بولۇپ ئونلۇق كەسىرنى ئىشلەتكەن كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۇ1427 - يىلى يازغان «ئارىفمېتىكىنىڭ ئاچقۇچى» دېگەن كىتابىدا ئۇچرايدۇ. مەيلى شەرقتە بولسۇن ياكى غەربتە بولسۇن، ئونلۇق كەسىرنى تونۇش نەچچە يۈز يىللىق، ھەتتا نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.