نۆل مەنىسى: نۆل سانى ئىچكى قۇۋۋەتلەر ۋە بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەكىس ئېتىشىدۇر. بۇسان ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن ئىدراك قىلىشنى ۋە
ئۆتكۇرلۇك قابىليەتنى بىلدۈرىدىغان ئەمەلىيەتتۇر.
بىر مەنىسى : ھەرنەرسىنىڭ باشلىنىشىنى ۋە سەپەرگە چىقىشنى بىلدۈرىدىغان ساندۇر. يارالمىشلىق ۋە يۆلىنىش بىلەن
مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەرىكەتچانلىق ۋە ساغلام ، قۇۋۋەت چۈشەنچىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. سىمۋۇلى : يالغۇزلۇقنى، مۇتلەقلىقنى، قۇسۇرسىزلىقنى سىمۋۇل قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا مەڭگۈ ياشايدىغان، ھۆكىمى مۇتلەق، ھەمراھى بولمىغان ھەم يول كۆرسەتكۈچىسىمۇ بولمىغان ھىچقانداق شېرىكى يوق زات_ ئاللاھتۇر. ئاللاھ (اللە) دېگەن سۆزنىڭ تۇنجى ھەرپى بولغان ئەلىف (ا) بىر شەكلىدىدۇر ۋە بۇ سۆزنىڭ ئەبجەد ھېسابىدىكى ئاخىرىمۇ بىردۇر. بىرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ ساندىن ئىلگىرى ھىچقانداق بىر سان كەلمەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن بىر ئۆزىدىن ئىلگىرى كىلىدىغان سىفىر يوقلىققىمۇ سىمۋۇل قىلىنىدۇ. بىر بولسا يوقلۇقنى تەقىب قىلىدۇ ۋە باشقا سانلار ئۇنىڭدىن تۈرلىنىدۇ. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق خەلقلىرىدە ياراتقۇچى سىمۋۇلى بولغان فاللۇسمۇ بىر شەكلىدە سىمۋۇل قىلىنىدۇ. بىر ئۈچۈن باشقا سىمۋۇل ۋە ئېنىقلىمىلارمۇ ئاز ئەمەس. كۈنمۇ بىر دانىدۇر ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن مۇتلەق بىرنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە كۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. ئىككى مەنىسى: ئىچكى دۇنيانى ۋە بىلىش چوڭقۇرلىقىنى بىلدۈرىدىغان ساندۇر. تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن ۋە ساقلىغان سىرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. تازا، ساپ ۋە بولغانمىغان نەرسىلىلەرنى ئۆزىگە سىمۋۇل قىلغان. سىمۋۇلى: خەيرىلىك بولغان، قۇسۇرسىز ئالەمنى سىمۋۇل قىلىدۇ. قەدىمقى خەلقلەردە ئەتراپتىكى ئەڭ ئۇلۇغ چۈشەنچىلەرنىڭ تەكتى، مەنبەسىنى بىلدۈرۈپ كېلەتتى. پانى ئالەم باقى ئالەم، كۈن ئاي دېگەن شەيئىلەر ۋە چۈشەنچىلەر ، شۇنداقلا ئەركەك خوتۇن ، ئسسىق سوغۇق ، كېچە كۈندۈز دېگەنگە ئوخشاش ئىككىلىكلەر بىلەن بەخىتلىك ، خۇشاللىق ، شاد- خۇراملىقنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. ئۈچ مەنىسى: بىرلىكتە ئىشلەش ۋە ئورتاق ئىشلارنىڭ سىمۋولىدۇر. چەكسىز ئىنسان سۆيگۈسىنى، بىر ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ بەرگەن ئىسسىقلىقىنى ئۆزىگە سىمۋول قىلىدۇ. يەنە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. سىمۋولى: << ئاللاھنىڭ ھەققى ئۈچتۇر >>. كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان بۇ سۆز ئۈچنىڭ خاسىيەتلىك، قۇتلۇق سان ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئۈچ سانى قەدىمقى خەلقلەردە كۆك-يەريۈزى-يەر ئاستى ئۈچلىمىسى بىلەن قۇتلۇق ئىدى. بۇ ئۈچلىمە مىسىر ئەپسانىلىرىدە ئىسسىس- ئوسىرىس- ھورۇس شەكلىدىدۇر. يۇنان ئەپسانىلىرىدە بۇ زېئۇس- بوسېيدون- ھادېس(كۆك ۋە يەر- دېڭىز- يەرئاستى) شەكلىدە بولغاندۇر. خرىستىئان ئېتىقاتىدا بولسا ئاتا- ئوغۇل- قۇتلۇق روھ شەكلىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان(بەزى يەرلەردە ئاتا- ئوغۇل- مەريەم شەكلىدە). بۇنداق ئۈچلەش ئىسلام دىنىدىكى بەزى مەزھەپلەردە ئاللاھ- مۇھەممەد- ئەلى دېگەن شەكىلىدە كۆرۈلىدۇ، ئۈچلىمىنىڭ يەنە بىر سىمۋوللۇق مەنىسى بولسا خەيرىلىك بىرلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاتا- ئانا ۋە بالىمۇ بىر ئۈچلىمىدۇر. يەنە بەدەن- جان- روھمۇ بىر ئۈچلىمىدۇر. ئۈچ ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن ئىككى ساننىڭ يىغىندىسى ( 3= 2 +1 ) بولغانلىقى بىلەنمۇ ناھايىتى ئۈنۈملىكتۇر.