-
مەخپىي نومۇرشۇناسلىق دېگەن نىمە ؟ - [يېڭى ئارىلىق پەنلەر]
2010-08-25
مەخپىي نومۇر تىلغا ئېلىنسا ، كۆپچىلىك تەبىئىي ھالدا سىياسىي ، ھەربىي پائالىيەتلەرنى ۋە مەخپىي خىزمەتلەرنى ئويلايدۇ . ئەمەلىيىتتە ھازىر مەخپىي نومۇر بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق . مەسلەن ، سىز بانكىغا پۇل قويغاندا ئامانەت كىنىشكىسىدا مەخپىي نومۇر بولىدۇ ، بەزى ئورۇنلار مۇھىم ھۆججەتلىرىنى ساقلاش ئۈچۈنمۇ مەخپىي نومۇرلۇق چامادان ئىشلىتىدۇ ، بانكىدىكى كومپيۇتېر تورى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان مەخپىي نومۇر سىستېمىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى قوغدايدۇ .
كومپيۇتېرنىڭ قوللىنىلىشى كۈنسايىن كومپيۇتېر بىلەن تور ئامبار بىر گەۋدىلەشكەن نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەلىپ ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى مەخپىيەتلىك ساقلاش ئۇقۇملىرىدىن خېلىلا يىراقلاپ كېتىپ ، مەخپىي ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە مەخپىي ئاچقۇچنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بىرلەشكەن زامانىۋى يېڭى بىر پەن--- مەخپىي نومۇر شۇناسلىق شەكىللەندى . ھازىرقى مەخپىي نومۇرشۇناسلىقنىڭ ئەنئەنىۋى مەخپىي نومۇرشۇناسلىقتىن پەرىقلىنىدىغان ئالاھىدىكىلى ، ئەڭ تۆۋەن چىقىم بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ھەمدە ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش (EDP) سىستېمىسى توپلىغان ۋە ئالاقىلىشىدىغان زور كۆلەمدىكى سىپىرلاشقان ئۇچۇرلارنى قوغداش .
مەخپىي نومۇرشۇناسلىقتىكى تۈپكى مەسىلە << چۈشىنىشلىك سانلىق مەلۇماتلار ئارقىمۇ ئارقىلىقى (ئاشكارا بولىدۇ) نى قارىماققا تاسادىپىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقىمۇ ئارقىلىقى (مەخپىي بولىدۇ) غا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى لايىھىلەپ ، ئۇنى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مەخپىي نومۇرنى تەھلىل قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش ، كېيىنكىسى بولسا مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئالاقىلىشىشقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئەسلىدە بار بولغان ئۇچۇرلار تېخنىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ . بۇنداق ئالماشتۇرۇشلارنىڭ ئورۇنلاش ئۇسۇلى كودلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كودلاشتۇرۇش سىستېمىسى بىر كود دەپتەر ياكى بىر كود لۇغەتكە مۇھتاج ، ئۇ ھەرپ ، سۆز ، جۈمىلىلەرنى قانداق قىلغاندا مۇناسىپ مەخپىي نومۇرلار گۇرۇپپىسىغا تەرجىمە قىلىشنى چۈشەندۈرىدۇ . مەخپىي نومۇر سىستېمىسى مۇنداق ئىككى ئاساسىي بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ : بىرى مەخپىي نومۇر ھېسابلاش ئۇسۇلى ، ئۇ بىر جەريان بولۇپ ياكى بىر گۇرۇپپا قائىدىلەر ياكى باسقۇچلاردىن تەركىب تاپىدۇ ؛ يەنە بىرى بىر گۇرۇپپا ئۆزگىرىدىغان مەخپىي ئاچقۇچ بولۇپ ، ئۇ ئىشلەتكۈچى تاللىۋالىدىغان بىر گۇرۇپپا قىسقىراق ، مەخپىي رەقەم ياكى بەلگىلەر ئارقىمۇ ئارقىلىقى بولىدۇ .
مەخپىي نومۇر ھېسابلاش ئۇسۇلىنى سانى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئالماشتۇرۇشلار گۇرۇپپىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ . بىر ئالاھىدە ئالماشتۇرۇش بولسا قوللىنىلىدىغان ئالاھىدە ئاچقۇچقا باغلىق بولىدۇ . ھەر بىر ئالماشتۇرۇش ئاشكارىنى مەخپىي قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ . ئاشكاتىنى مەخپىي قىلىپ ئۆزگەرتىدىغان ئالماشتۇرۇش مەخپىيلەشۈرۈش دېيىلىدۇ . ھەر بىر ئالماشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئەكسى ئالماشتۇرۇشى بولۇشى كېرەك . بۇنداق ئەكسى ئالماشتۇرۇش مەخپىيەتلىكنى يېشىش دېيىلىدۇ . ئۇ بىر مەخپىي ئاچقۇچ بىلەن پەرق ئېتىدۇ . يۇقىرىدىكى ئۇقۇملارنى ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇ فۇنىكسىيە ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ . P نى بارلىق مۇمكىن بولغان ئاشكارا گۇرۇپپىلاردىن تۈزۈلگەن توپلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەيلى ، ھەم بولسۇن ؛ C نى بارلىق مۇمكىن بولغان مەخپىي گۇرۇپپىلاردىن تۈزۈلگەن توپلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەيلى ، ھەم بولسۇن . مەخپىيلەشتۈرۈش جەريانىنى E قائىدە بىلەن چۈشەندۈرەيلى . P دىكى ھەربىر تەشكىل قىلغۇچى P غا نىسبەتەن ، C دىن تەشكىل قىلغۇچى c نى ئۇنىڭغا ماس قويايلى ، يەنى بولسۇن . E بولسا ئاماشتۇرۇشلار فۇنىكسىيىسى بولىدۇ . P توپلام فۇنىكسىيىنىڭ ساھەسى دېيىلىدۇ ، C توپلام فۇنىكسىيىنىڭ باغلىق ساھەسى دېيىلىدۇ .
20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا مەخپيلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى قائىدىلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە مەخپىي نومۇر شۇناسلىقنىڭ قوللىنىلىدىغان يېڭى ساھەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ ، مەخپىي نومۇر شۇناسلىق مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى . 1977- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۆلچەم ئىدارىسى بىر مەخپىيلەشتۈرۈش ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچىمى دەپ ئېلان قىلدى ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى مەخپىيلەشتۈرۈش ئۆلچىمى (DES) بولۇپ ، بۇ ، مەخپىي نومۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى . 1980- يىلى 12- ئايدا ، ئامېرىكا دۆلەت ئۆلچەم جەمئىيىتى بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئامېرىكا سودىدا قوللىنىلىدىغان مەخپىيلەشتۈرۈش ھېسابلاش ئۇسۇلى دەپ ئېلان قىلدى . يەنە بىر نامايەندە بولسا مەخپىي ئاچقۇچى ئاشكارلانغان مەخپىي نومۇرشۇناسلىق بولدى . مەسلەن ، RSA ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن بوغچا شەكىللىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ، كېينكى ماقالە <<نېمە ئۈچۈن بەزى مەخپىي نومۇردا مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئاشكارلانسىمۇ ، يەنىلا مەخپىيەتلىك ئاشكارلانمايدۇ >> دا قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز .
ئالاقىلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى ئالاقىلىشىش تورلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ، مەسلەن ، تېلفۇن سىمى ، مىكرو دولقۇن ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ، مەخپىي نومۇر شۇناسلىق بىردىنبىر ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ۋاستە بولىدۇ .http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=22314&extra=page%3D1
历史上的今天:
سانلارنىڭ مەنىسى ، سىمۋولى، 2010-08-25ئاددىي كەسىردىن ئەپچىل پايدىلىنىش 2010-08-25چەكسىز چوڭ ۋە چەكسىز كىچىك 2010-08-25زىيان قانچىلىك؟ 2010-08-25
收藏到:Del.icio.us