دوست سانلار يېقىن سانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شۇنداق ئىككى تەبىئىي ساننى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى يەنە بىر سانغا تەڭ بولىدۇ. پىفاگور مىلادىيىدىن بۇرۇنقى6 - ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان ماتېماتىكى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «دوست دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ «بۇ ئىككىنچى مەن دېمەكتۇر، خۇددى220 بىلەن284 كە ئوخشاش» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈن دوستنى بۇ ئىككى سانغا ئوخشىتىدۇ؟ ئەسلىدە220 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى1 ،2 ،4 ،5،10 ،11 ،20 ،22 ،44 ،55 ،110 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى284 بولىدۇ؛284 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى بولسا1 ،2 ،4 ،71 ،142 بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى220 بولىدۇ.284 بىلەن220 دوست سانلاردۇر. ئۇلار ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە بارلىق دوست سانلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر جۈپ دوست سان ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى جۈپ دوست سان (18416 ,17296)2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ،1636 - يىلى بايقالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار يېڭى دوست سانلارنى ئۈزلۈكسىز بايقىدى،1747 - يىلى ئەيلېر30 جۈپ دوست ساننى بىلگەن،1750 - يىلى يەنە60 جۈپكە يەتكۈزگەن. ھازىرغىچە ماتېماتىكلار900 جۈپتىن كۆپرەك مۇشۇنداق دوست سانلارنى بايقىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىنچى جۈپ ئەڭ كىچىك دوست سان (1210 ,1184) نى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيىلىك16 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بايقىغان. كىشىلەر يەنە دوست سانلار زەنجىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى: بۇ بىر قاتار تەبىئىي سان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى كېيىنكى سانغا تەڭ بولىدۇ، ئاخىرقى ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى بىرىنچى سانغا تەڭ بولىدۇ. مەسىلەن،12496،14288 ،15472 ،14536 ،14264 .28 دانە ساننى ئىچىگە ئالغان مۇشۇنداق بىر زەنجىر بار.
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
(220,284) 220=1+2+4+5+10+11+20+22+44+55+110=284 284=1+2+4+71+142=220 (1184,1210) 1184=1+2+4+8+16+32+37+74+148+296+592=1210 1210=1+2+5+10+11+22+55+110+121+242+605=1184 (2620,2924) 2620=1+2+4+5+10+20+131+262+524+655+1310=2924 2924=1+2+4+17+34+43+68+86+172+731+1462=2620 (5020,5564) 5020=1+2+4+5+10+20+251+502+1004+1255+2510=5564 5564=1+2+4+13+26+52+107+214+428+1391+2782=5020 (6232,6368) 6232=1+2+4+8+19+38+41+76+82+152+164+328+779+1558+3116=6368 6368=1+2+4+8+16+32+199+398+796+1592+3184=6232