-
ماتېماتىك لىبېك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-09-20
لىبېك(ھەنرى لەبەسگۇئە) بولسا فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى بەئائۇۋائىس رايونىدا، 1875-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۇدىي خەت تىزغۇچى بولۇپ تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. لىبېكنىڭ ھاياتى گادايچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاپىسى ئىشلەپ لىبېكنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. لىبېك باشلانغۇچ مەكتەپتىلا بەكلا تالانلىق ئوقۇغۇچى ئىدى. لىبېك 1941-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ 2 بالىسى بار ئىدى. ئۇ فرانسىيە ھەم وللېگە دىئە فرانە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەڭگۈلۈك پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.
لىبېك بولسا لىبېك ئىنتېگرالىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ 19-ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئانالىتىك ماتېماتىك ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گېئومېتىريىدىكى تەبىئىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئانالىتىك ماتېماتىكىغا يېڭى بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان لىبېك ئىنتېگرالى ئۇزۇنلۇق ھەم يۈزگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلگەن تەتقىقات بولۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ماقالىسىگە يىغىنچاقلايدۇ. بۇ نەزەرىيە ھازىرقى زامان ئىنتېگرال نەزىرىسىگە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن فۇريە (فوئۇئورىئەر) قاتار نەزەرىيىسى ھەم پوتېنسىئال نەزەرىيىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنى تەرەقى قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ توپولوگىيە گېئومېتىريىسى ۋە توپلامغا لىبېك ساننى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ ئاساسى چۈشەنچىسىگە تۆھپە قوشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ رىمان ئىنتېگرالىدا ساھەنى قورشاپ تۇرىدىغان ئەگرى سىزىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىزلىك چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز بولمىغان ئەگرى سىزىقلارغا كېڭەيتىپ ئىنتېگرال تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ماتېماتىكىدا دەۋرى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ.历史上的今天:
ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى 2010-09-20ئالماشتۇرۇش [变换] 2010-09-20ۋېكتورلۇق بوشلۇق 2010-09-20ئارخىمېد (阿基米德) 2010-09-20
收藏到:Del.icio.us