-
ئارخىمېد (阿基米德) - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-09-20
ئارخىمېد قەدىمكى يۇناننىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 287- يىلى ستسىليە ئارىلىدىكى سىراكۇزى شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ دادىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى ئىدى. ئارخىمېد كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا قەدىمكى يۇناننىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى ئېۋكىلىد ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 275- يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «گېئومېترىيە پىرىنسىپلىرى» نى ئۆگىنىدۇ. ئۇ 11 يېشىدا ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى – نىل دەرياسى بويىدىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ مەزگىللەردە مەشھۇر ئارخىمېد ۋىنتى (بۇرمىلىق سۇ چىقارغۇچى) نى كەشىپ قىلىپ، نىل دەرياسىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، ئۇ سىراكۇزىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.
ئارخىمېدنىڭ فىزىكىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى __ سىتاتىكا ۋە ئاقار جىسىملار ستاتىكىسى جەھەتتە بولۇپ، «تەكشىلىك شەكىللىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدا جىسىم ئېغىرلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ئارىلىقلىرىنىڭ تەتۈر نىسبىتىگە تەڭ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىشاڭ قانۇنىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئارخىمېد پىشاڭ قانىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، سىراكۇزى پادىشاھى گېنىروغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: «مەن كۈچنى چوڭايتىش ئامالىنى تاپتىم»، ماڭا بىر تايىنىش نۇقتىسى ۋە تۇرغۇدەك ئورۇن بولسىلا يەر شارىنى يۆتكىۋېتەلەيمەن.»
قاراڭ ، ئارخىمېد يەرشارىنى قورغىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئارخىمېد نېمانداق يامان ھە!!!
شۇ چاغلاردا پادىشاھ گېنرو مىسىر پادىشاھى تورام ئۈچۈن، بىر دانە چوڭ كېمە ياساتقانىدى. كېمىنى سۇغا چۈشۈرىدىغان كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر بىرلىكتە كېمىنى سۇغا چۈشۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ئورنىدىن قوزغىتالمايدۇ. پادىشاھ ئارخىمېدنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئامال قىلىپ بېقىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئارخىمېد بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، پىشاڭ، غالتەكلەر سىستېمىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن لايىھىلەپ چىقىدۇ. كېمە تەنتەنىلىك ھالدا سۇغا چۈشۈرۈش ئۈسكىنىسىگە پىشاڭ ئارقىلىق چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئارخىمېد ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى بىمالال ھالدا كېمىگە باغلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى پادىشاھقا تۇتقۇزىدۇ. پادىشاھ ئارغامچىنى يېنىككىنە تارتىشىغا ئاجايىپ سېھىرلىك مۆجىزە پەيدا بولۇپ، بۇ چوڭ كېمە ئاستا ئورنىدىن قوزغىلىپ سۇغا چۈشىدۇ.
ئارخىمېدنىڭ كۆپلىگەن كەشپىياتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى لەيلىتىش كۈچى قانۇنى، يەنى ئارخىمېد قانۇنىدىن ئىبارەت. بۇ قانۇننىڭ كەشىپ بولۇش جەريانى ھەققىدە تارىختا كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان مۇنداق بىر ھېكايە تارقىلىپ كەلمەكتە: گېنرو سىراكۇزىغا پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆز شۆھرىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، زەرگەرگە بىر دانە ئالتۇن تاج ياساپ بېرىشنى بۇيرۇپ خېلى كۆپ ئالتۇن بېرىدۇ. بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقان كۈنى زەرگەر چاقناپ تۇرغان تاجنى پادىشاھقا تاپشۇرىدۇ. تاج ئېغىرلىقى بىلەن زەرگەرگە بەرگەن ئالتۇن ئېغىرلىقىنىڭ تەڭ چىققانلىقى پادىشاھنى بەكلا رازى قىلىدۇ، كېيىچىرەك بىرى پادىشاھقا بۇ ئالتۇن تاجنىڭ ساپ ئالتۇن ئەمەسلىكىنى ئېيىتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەمما زەرگەرنىڭ جىنايەتلىك ئەپت-بەشىرىسىنى پاش قىلىشقا بىرەر ئامال بارمىدۇ؟ پادىشاھ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئارخمېدقا بۇيرۇق قىلىدۇ.
ئارخىمېد بىر نەچچە كۈن قاتتىق باش قاتۇرۇپ بۇ مەسىلىنى يېشەلمەيدۇ. بىر كۈنى ئۇ يۇيۇنۇش ئۈچۈن مۇنچىغا بارىدۇ. ئۇ لىقمۇلىق سۇ تولدۇرۇلغان ۋاننىغا چۈشكىنىدە، بىر قىسىم سۇنىڭ تېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ ھەم سۇنىڭ ئۆز بەدىنىگە نىسبەتەن كۆتۈرۈش كۈچى بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ بەدىنىنى بىر نەچچە قېتىم سۇغا چۆكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزى سىقىپ چىقارغان سۇنىڭ ئېغىرلىق مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھ تاجىغا ئەگەر كۈمۈش ئارىلاشتۇرۇلغان بولسا ، چوقۇم ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ساپ ئالتۇندىن ھەجىمى چوڭ بولىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئۇنى سۇغا پاتۇرسا، ئۇنىڭ ئۇچرايدىغان لەيلىتىش كۈچى ساپ ئالتۇننىڭكىدىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنچىدىن يالىڭاچ پېتى يۈگۈرگىنىچە چوڭ كوچا بويلاپ: «تاپتىم! تاپتىم!» دەپ ۋارقىرغان پېتى ئوردىغا قاراپ يول ئالىدۇ. ئارخىمېدنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى ئارقىلىق پادىشاھ تاجىسىغا ھەقىقەتەن كۈمۈشنىڭ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى ئىسپاتلىنىپ زەرگەر پادىشاھ تەرىپىدىن تېگىشلىك جازاسىنى يەيدۇ.
ئارخىمىېد ماتېماتىكا ساھەسىدىمۇ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «چەمبەرنىڭ ئۆلچىنىشى» دېگەن كىتابىدا، چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ چەمبەر دېئامېتىرىغا بولغان نىسبىتىنىڭ 71/223 بىلەن 7/22 نىڭ ئارىسىدا يەنى
بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ يەنە شار، سىلىندىر، ئېلپىسسوئىد ھەمدە كونۇس قاتارلىقلارنىڭ يۈزىنى ۋە ھەجىمىنى ھېسابلاش فورمۇلىلىرىنى تېپىپ چىققان. يەنە شارنىڭ سىرتقى يۈزى شارنىڭ چوڭ چەمبىرى يۈزىنىڭ 4 ھەسسىسىگە ، شارنىڭ ھەجىمى سىرتتىن ئۇرۇنغان سىلىندىر ھەجىمىنىڭ 3/2 سىگە، پارابولالىق سېگمېنتنىڭ يۈزى ئۇنىڭغا ئىچتىن تېگىشكەن ئۈچبۇلۇڭ (بۇ ئۈچبۇلۇڭ سېگمېنتنىڭ خوردىسىنى ئاساس، خوردىغا پاراللىل بولغان ئۇرۇنمىنىڭ ئۇرۇنۇش نۇقتىسىنى چوققا قىلغان) يۈزىنىڭ 3/4 گە تەڭ بولىدىغانلىقىنى تاپقان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە بەزىبىر ئايلانما ئىككىنجى تەرتىپلىك سىرتلارنىڭ ھەجىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئارخىمېد سىپرالىنى تەتقىق قىلغان. ئارخىمېد مىلادىدىن ئىلگىرىكى 212- يىلى قەدىمكى رىم ئارمىيىسى شەھەر قورغىنىنى بۇزۇپ سىراكۇزىغا بېسىپ كىرىدۇ. بۇ چاغدا يېشى يەتمىش بەشكە بارغان ئارخىمېد پۈتۈن زېھنى بىلەن ماتېماتىكا ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، بەزى گېئومېترىك مەسىلىلەرنى ئىسپاتلاۋاتاتتى. رىم ئەسكىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن ھۆركىرىشى ئۇنى چۆچۈتىۋېتىدۇ. ئارخىمېد ئەسكەرگە: «ھەي، سەن مېنىڭ رەسىم شەكىللىرىمنى دەسسەپ بۇزۇۋەتتىڭ، بۇ يەردىن يوقال» دەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرايدۇ. غالجىرلاشقان بۇ ئەسكەر ئۇنىڭ گېپىنى قىلچە چۈشەنمەي، قىلىچنى ئۇنىڭ بېشىغا تەڭلەيدۇ، شۇ چاغدىلا ئارخىمېد يۈزبەرگەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ، تەبىئىي ھالدا ئەسكەرگە: «مېنى سەل تۇرۇپ ئۆلتۈرسەڭمۇ كېچىكمەيسەن، مەن بۇ گېئومېترىك تېئورىمىنى ئىسپاتلىۋېتەي » دەيدۇ. ئەمما بۇ رەھىمسىز ئەسكەر بىر قىلىچ ئۇرۇش بىلەن ئارخىمېدنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.ئارخىمېد ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئەڭ ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغىنى مۇنداق بىر بايقاش ئىدى: ئېگىزلىكى بىلەن ئاساسىي يۈزىنىڭ دىئامېترى ئۆزئارا تەڭ بولغان سىلىندىرنىڭ ھەجىمى ئۇنىڭغا ئىچىدىن تېگىشىپ تۇرغان شار ھەجىمىنىڭ يېرىم ھەسسىسىگە تەڭ بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە سىلىندىرغا ئىچىدىن تېگىشىپ تۇرغان شار سىزىلغان گېئومېترىيىلىك شەكىل ئويۇلغان قەبرە تېشىنى مەڭگۈلۈك خاتىرە ئۈچۈن ئۇنىڭ قەبرىسىگە قويۇپ قويىدۇ.
http://kasim.m54.huyi2.com/bbs/forum.php?mod=redirect&tid=395&goto=lastpost#lastpost
历史上的今天:
ماتېماتىك لىبېك 2010-09-20ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى 2010-09-20ئالماشتۇرۇش [变换] 2010-09-20ۋېكتورلۇق بوشلۇق 2010-09-20
收藏到:Del.icio.us
评论