-
ئەلى نەسىن ۋە دۇنيانىڭ تۇنجى "ماتېماتىكا يېزىسى" - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-03-24
ئەلى نەسىن ۋە دۇنيانىڭ تۇنجى "ماتېماتىكا يېزىسى"
CNN TÜRK قانىلى يېقىنقى "يېڭىلىق ياراتقۇچىلار (Fark Yaratanlar | ChangeMakers)" سەھىپىسدە، دۇنيانىڭ تۇنجى "ماتېماتىكا يېزىسى"نى قۇرۇپ چىققۇچى، مەشھۇر تۈركىيە ماتېماتىكا ئالىمى ئەلى نەسىننى تونۇشتۇردى.
فامىلىسىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئەلى نەسىن مەشھۇر يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ ئوغلى. ئۇ 1956-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرىنى شۋېتسارىيدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرستېتى ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1995- يىلى دادىسى ئەلى نەسىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۈركىيگە قايتقان ۋە نەسىن فوندى (1973-يىلى ئەزىز نەسىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئوقۇشسىز بالىلارنى ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي ۋە ئاخىرقى مەقسەت قىلغان بىر فوند) غا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ، ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرستېتى (İstanbul Bilgi Üniversitesi) ماتېماتىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 2003-يىلى يانۋاردىن باشلاپ "ماتېماتىكا دۇنياسى ژۇرنىلى"نىڭ مەسئۇل مۇدىرى، 2004-يىلىدىن باشلاپ "نەسىن نەشرىياتى" باشقۇرغۇچىسى، 2006-يىلىدىن باشلاپ "تۈرك ماتېماتىكا ئىتتىپاقى"نىڭ ئىقتىسادىي بۆلۈمى مۇدىرى... قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ پۈتۈن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇ 2007-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن قۇرۇپ چىققان "نەسىن ماتېماتىكا يېزىسى"دۇر.
نەسىن ماتېماتىكا يېزىسى، ئەزىز نەسىننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ئوغلى ئەلى نەسىن تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ 3-چوڭ شەھىرى ئىزمىر شەھەر سىرتىدىكى، نەسىن فوندىغا قاراشلىق 55 دۆنۈم (تۈركىيە يەر بىرلىكى، تەخمىنەن 920 چاسا مېتىر) يەردە 2007-يىلى مايدا قۇرۇلغان. پۈتۈن يېزا ئەمەلىيەتتە بىر ماتېماتىكا دەرسخانىسى بولۇپ، مۇھىتى ناھايتى تەبئىي، ئازادە ۋە ئارامبەخش. يېزىدا تېلىۋىزور، تېلىفون، قاتناش ۋاستىلىرى... دېگەندەك نەرسىلەر يوق بولۇپ، جىمجىت ۋە ئاكادېمىك بىر مۇھىت يارىتىلغان.
http://www.nevsale.com/viewthread.php?tid=44
收藏到:Del.icio.us
<< شىۋېتسىيە ئارخىبخانىسىدىكى رەسىملەر | باش بەت | ئامىرىكىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ماتىماتىكا دەرىسى >>