-
يۇسۇپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-11-10
10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ خىل ئىلىم قوبۇل قىلىشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە يوللىرى كۆپ تەرەپمىلىك بولغان بولسا ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
داستاندا مۇنداق بىر بېيىت بار :4382 . تىلىسەڭ يەنە سەن ئالگېبىرانى ئۇق ،
يەنە ئوقلىدىسىنىڭ ئىشىكىنى سوق ............(يەنە ئۆگىنەي دېسەڭ ئالگېبىرانىمۇ ئۆگىنىپ قوي، ئىېۋكىلىدنى ئۇستاز تۇتۇپ'ئۇنىڭ گېئومىتېرىيىسىنىمۇ ' ئۇگەن )بۇ يەردە تېلغا ئىلىنغان " ئوقلىدىس" بولسا ماتېماتىك ئىېۋكىلىدنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەپچە ئىيتىلىشى ئىدى.مانا بۇ پۇتۇن كىتابتا تىلغا ئىلىنغان بىردىن - بىر ماتېماتىكا ئالىمىنىڭ ئىسمى بولسا كىرەك .بۈيۈك يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» بىلەن دۇنيادا شۆھرەت قازانغان. بۇ ئەسەر دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەڭ تارالغان ماتېماتىكا ئەسىرى بولۇپ،2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېماتىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ كەلمەكتە، كوپېرنىك، گالىلېي، دېكارت، نيۇتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئېۋكلىد ئۆمرىدە نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئومۇم ئېتىراب قىلغان بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىغا ئايلاندۇرۇپ، فورمال لوگىكا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئاكسىئوما، ئېنىقلىمىنى چىقىش قىلغان، ھۆكۈملۈكلەرنى ئىسپاتلاپ تېئورېمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر يۈرۈش گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، بىر مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما − گېئومېتىرىيىنى شەكىللەندۈرگەن. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا23 ئېنىقلىما،5 پوستولات،5 ئاكسىئوما،467 ھۆكۈملۈك بار.ماتېماتىك ئېۋكلىد
بىز يۇقارقى چۇشەنچىلىرىمىزدىن مۇنداق بىر نەچچە نوقتىنى يىغىنچاقلىيالايمىز:(1) "قۇاتادغۇ بىلىك" يالغۇزلا بىر داستان بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تۇرلۇك ئىلىملەرنى، جۇملىدىن تەبىئى پەن ۋە ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭمۇ قامۇس خاراكتىرلىك چاقىرىقنامىسى بولغان.مۇشۇنداق بىر "خانغا تەقدىم قىلىنغان" چاقىرىقنامىلەرنىڭ تۇرۇتكىسىدە قارىخانىلار سۇلالىسى دائىرسىدە نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرى مەيدانغا كەلگەن ، ئەبۇ ئابباس پەرغانى ، ئەبۇ نەسىر ارابى ، ئەبۇ رەيھان بىرونى ، نەسىرىدىن تۇشى ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر بۇلار جۇملىسىدىندۇر. بەلكىم نامى بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولمىغان باشقا ماتېماتىك ۋە مۇتىپەككۇرلارمۇ بار بولىشى مۇمكىن.(2) يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋېرداشلىرى تىلغا ئالالمىغان مۇشۇنداق بىر داڭلىق ماتېماتىكنى تىلغا ئالغان بۇيۇك ئالىم بولۇش سۇپىتى بىلەن ئېۋكىلىدنىڭ بىر يۇرۇش ماتېماتىكىلىق نەزەرىيىلىرى بىلەن چوقۇم تونۇشلۇق - دەپ ئىيتالايمىز.ھىچ بولمىغاندا ئېۋكىلىد نەزەرىيىلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ، ئۆزىگە ئوخشاش ئالىملاردىن سۆھبەتدىشى بار بولىشى كىرەك.، بولمىسا سۆيۇنۇپ تىلغا ئالغان بۇ ماتېماتىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇ بىلمەس ئىدى.شۇڭا بىز قەتئى قىلىپ : " ئۇيغۇرلار ئىېۋكىلىد ماتېماتىكىسى بىلەن ئەڭ دەسلەپ ئۇچراشقان مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى" دېيەلەيمىز.(3) ئېۋكىلىدنىڭ " گېئومىتېرىيە ئاساسلىرى" دېگەن كىتابىنىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك خەنزۇ رايۇنلىرىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقتى مىڭ سۇلالىسىنىڭ 1607 -يىللىرى بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ئىلگىركى تارىخى يازمىلاردا ئېۋكىلىدنىڭ ئىسمى تىلغا ئىلىنغان پاكىتنى تاپقىلى بولمايدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئىلغار ماتېماتىكا ئەسىرى بىلەن ئۇچراشقان تارىخى ئىلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك رايۇنلىرىدىن تولۇق 5 ئەسىر ئىلگىرى بولغان، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. شۇڭا جۇڭگۇ ماتېماتىكا تارىخىنى يازغاندا يۇسۇپ خاس ھەجىب تىلغا ئالغان بۇ بايانلارنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
收藏到:Del.icio.us