-
قىسقىچە مەزمۇنى: تېخىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان زېنو پارادوكسى، بېركلېي پارادوكسى رۇسىسېل پارادوكسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پارادوكس ئائىلىسى، شۇنداقلا كانتورنىڭ توپلام نەزەرىيىسىدىكى ئىككى لوگىكىلىق خاتالىق ئاشكارلىغان ھازىرقى چەكسىزلىك كۆز قارىشى، سانلىق مىقدارلار سىستېمىسى ۋە لىمىت نەزەرىيىسىدىكى كەمتۈكلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئارقىلىق ھازىرقى لىمىت نەزەرىيىسىدىكى كەمتۈكلۇك بىلەن ھازىرقى چەكسىزلىك كۆز قارىشى ۋە سانلىق مىقدارلار سىستېمىچانلىقى، خاراكتېر ۋە مىقدارلىق مەشغۇلىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاساسىي مەزمۇندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئانالىز قىلىنىپ، ھازىرقى لىمىت نەزەرىيىسىدىكى ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈك كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ھالقىلىق سۆزلەر: ھەقىقىي چەكسىزلىك؛ يوشۇرۇن چەكسىزلىك؛ پان چەكسىزلىك؛ ئالدامچىلىك لوگىكىسى؛ بېركلېي پارادوكسى؛ لىمىت نەزەرىيىسى؛ ماتېماتىكىلىق پەلسەپە؛ ماتېماتىكا ئاساسى.
-
ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كالېندارلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-20
。
مىلادىيە كالېندارى
مىلادىيە كالېندارى (公历) ____ ھازىر دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان كالېندار بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى (قۇياش كالېندارى) تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ كالېنداردا ئادەتتىكى يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن؛ ھەر تۆت يىلنىڭ ئۈچ يىلى ئادەتتىكى يىل، تۆتىنچى يىلى كەبىسە يىلى ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولمىغان يىللاردا، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولغان يىللاردا، 400 (تۆت يۈز) گە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، 400 (تۆت يۈزگە) پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر تۆت يۈز يىلدا 97 قېتىم كەبىسە يىلى بولىدۇ. بۇ كالېنداردا بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنىدۇ. 1-،3-،5-،7-،8-،10-،12- ئايلار 31 كۈنلۈك بولۇپ، چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ 4-،6-،9-،11- ئايلار 30 كۈنلۈك بولۇپ كىچىك ئاي ھېسابلىنىدۇ. 2-ئاي بولسا ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كبىسە يىلى 29 كۈن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە مىلادىيە كالېندارى مىلادىيە 1949-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قوللىنىلدى. -
ماتېماتىكا[数学] - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
ماتېماتىكا[数学]
رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكلى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ماتېماتىكا دەپ ئاتىلىدۇ .
ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى تارىخي دەۋىرلەردە ، ئىنسانلارنىڭ ماتېماتىكا ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاش بولمىدى ، ئەڭ دەسلەپ پەقەت بەزىبىر ئاددىي سانلار ۋە گېئومېترىيلىك شەكىل - جىسىملار ھەققىدىكى ئوقۇملارغا ئىگە بولدى ؛ 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئارىفېتىكا ، ئېلېمېنتار ئالگېبرا ، ئېلېمېنتار گېئومېتريىە ۋە تېرگونومېتريىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئېلمېنتار ماتېماتىكا ئومۇمەن مۇكەممەللەشتى . 17- ئەسىردە ئىشلەپ چىقىرش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش بىلەن كىشلەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئۇقىمىغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكا ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مىقدارلارنىڭ بىر -بىرىنى شەرت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ۋە شەكىللەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگرشىنى تەتقىق قىلىدىغان بولدى ، شۇ ئارقىلىق ھەركەت ۋە دېئالېكتىكا ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرىلدى . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ تەبىئەت ھادىسلىرىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىش ، بىلىش ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئوبدان تىزگىنلەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىندى ؛ شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرسى ئۈلۈكسىز كېڭىيىپ ، مەزمۇنى كۈنسايىن بېيىپ باردى . -
ئارىفمېتىكا --- 算术 - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
ئارىفمېتىكا [算术]
ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەڭ دەسلەپكى (باشلانغۇچ) قىسمى، ئۇ تەبىئىي سانلار ۋە ئۇلار ئۈستىدە قوشۇش ، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرىنى بېجىرىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن سانلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئەمەللەر قائىدىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا قوللىنىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئارىفمېتىكا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئالگېبرا ۋە سانلار نەزەرىيسىگە ئايلىنىدۇ.
-
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
。
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书]
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گوزىجيەن (ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپنى باشقۇرىدىغان ئورگان ۋە ئالىي بىلىم يۇرتى ) دە ماتېماتىكا دەرسخانىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «جۇپى ھېسابلاش دەستۇرى»، «توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا»، «سۈنزى ھېسابلاش دەستۇرى»، «ۋۇساۋ ھېسابلاش دەستۇرى»، «شياخۇياڭ ھېسابلاش دەستۇرى»، «جاڭ چيۇجيەن ھېسابلاش دەستۇرى»، «دېڭىز ئاراللىرى ھېسابلاش دەستۇرى»، «ۋۇجىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى»، «جۇيشۇ»، «جىگۇ ھېسابلاش دەستۇرى» دىن ئىبارەت ئون ھېساب كىتابىنى دەرسلىك قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇڭا كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب» دەپ ئاتالغان.
مەنبە: جاڭلۇڭخۇا تۈزگەن «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ماتېماتىكىدىن ئىزاھلىق لۇغەت» -
توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا --- - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا [九章算术]
«ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب» نىڭ ئەڭ مۇھىم بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا يېغىلىق ۋە چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە فېئوداللىق تۈزۈم ئورنىتىلىشتىن مۇستەھكەملەنگىچە بولغان بىر مەزگىل ئىچىدىكى ماتېماتىكا نەتىجىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلەنگەن. بۇ كىتاب تۆۋەندىكىدەك توققۇز بابقا بۆلۈنگەن:
(1) يەر ئۆلچەش (ئاددىي كەسىرلەرنى تۆت ئەمەل بويىچە ھېسابلاش ۋە تەشىلىكتىكى شەكىللەرنىڭ يۈزىنى تېپىش ئۇسۇلى)؛
(2) ئاشلىق (ئاشلىق سودىسىغا دائىر ھېسابلاش ئۇسۇلى) ؛
(3) تەقسىملەش (تەقسىملەش نىسبىتىگە دائىر ھېسابلاش ئۇسۇلى )؛ -
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت - [ماتېماتىكا كىتاپخانىسى]
2010-09-20
1980 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى سەمەرقەندتىكى “ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى” تەسۋىرلەنگەن ئالبومىنى قولۇمدا تۇتۇپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم. تەسەۋۋۇرۇم بوشلۇقىدا ئالتۇن قاناتلىرىنى دالا گۈلخانلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئۆركەشلىرىگە ئۇرۇپ قايتا تۇغۇلغان سۇمۇرۇغىنىڭ جەسۇر ئوبرازى چاقناپ، ئۇنىڭ خۇش بېشارەتلىك كۈلكە ئاۋازى ياڭرىغاندەك بولدى. بەئەينى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: ئەقىل مەنتىقە بىلەن يەكۈنلىيەلمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى قەلبىم مۇھەببەت بىلەن ئالدىن ھېس قىلغۇدەك، بىر ئۈمىدۋار، ئىللىق روھىيەت ۋۇجۇدۇمنى شېرىن لەرزىگە سالدى. كۆز ئالدىمدا بىرەر يېڭى بايقالغان يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىقبال – ئانا يۇرتۇمنىڭ ئەزگۈ گەۋدىسى ئۈستىگە چۈشكەن ئەنقا قۇشىنىڭ شولىسى جىلۋىلەندى، بىردىنلا ئەقلىمگە كەلدىم: “كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ!”
مەن شۇ ماۋزۇدىكى ماقالەمنى يېزىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە “شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلىنىڭ 1992 – يىل 2 – سانىدا ئېلان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى “كاساندىرانىڭ جۆيلۈشى (كاساندىرا – رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئالدىن بىلگۈچى)” ھېسابلانغان بۇ ھۆكۈم، مانا 1992 – يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلقئارا يەرمەنكە يىغىنى ئارقىلىق رېئال تارىخنىڭ تۇنجى سەھىپىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. -
كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ گۆھەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-16
سۆزلىشىشتىكى ئۈچ گۆھەر — ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت، كەچۈرۈڭ.
جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر — كەمتەرلىك، ئەدەپ، ياخشى تەرىپ.
تەربىيە كۆرگەنلەردىكى ئۈچ گۆھەر — تىنچ بولۇش، مېھرىبان بولۇش، سالماق بولۇش.
ئۆي تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — ئېجىل – ئىناقلىق، خۇشال – خۇراملىق، تىنچلىق.
غىزالىنىشتىكى ئۈچ گۆھەر — تەڭپۇڭلۇق، چەك قويۇش، شۈكۈر قىلىش.
ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر — پىيادە مېڭىش، نەپسىنى يىغىش، كەيپىياتىنى تەڭشەش.
ئاتا – ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر — تەربىيەلەش، مەسۇلىيەت، شەرەپلەندۈرۈش.
روزغار باشقۇرۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — كىرىم – چىقىمدا پىلان بولۇش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش.
-
ياش ماتېماتىك غەنى غوپۇر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-09-16
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور غەنى غوپۇر 1972-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئاساس ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر ماگىتېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى تەتقىقات ئورنىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باۋجيې مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىلمى دوكتور ئاشتى كۈچمە تەتقىقات پونكىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 2003-يىلى 6-ئايدا بۇ يەردىكى تەتقىقاتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزى تەربىيەلىگەن تۇنجى پوستدوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (31 يېشىدا پروفېسسور بولغان)، دوكتور ئاسپىرانتپار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭخۇئا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.
-
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2010-09-09
ئوقۇتقۇچى _ بىر مىللەتنىڭ نادانلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كېسىلىنى شىپا تاپقۇزۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ھارمايدىغان خالىس تۆھپىكار . شۇڭا ، بىزدە جاپالىق مېھنىتى بەدىلىگە ئىنسان قەلبىنى ئىلىم بېزەكلىرى بىلەن زىننەتلىگەن ئۇستازلارنى قەدىردان ئاتا - ئانىمىز بىلەن بىر قاتاردا ، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار . بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئاغزىغا ئىلىم نېنىنى سالغان ئوقۇتقۇچىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ كەلگەن . كەڭ ئاتا - ئانىلارمۇ بىلىم - ئىستېدات نەمۇنىلىرى بولغان ئۇستازلارنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغان . ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئەمەل ، شۆھرەت ، ھۆرمەت تەمەسىدە بولماي ، ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ھېسابلانغان ئەۋلادلار ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلغان . قىسقىسى ، قايسى دەۋردە بولمىسۇن ئىلىمنى ئۇلۇغلاش ، ئىلىمنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش خىسلىتى خۇددى ئۈزۈلمەس ئېقىندەك ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن . لېكىن بۈگۈنكى مائارىپ ئەھۋالىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن دىئاگنوز قويىدىغان بولساق ، ئىلگىرىكىگە ئانچە ئوخشاشمايدىغان ئەھۋاللارنى بايقايمىز . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئاپتورلىرىمىز ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالىمىز ھەققىدە بەزى سوغۇققان مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ باردى . بۇ مۇلاھىزىلەردە قايناش ، ئاغرىنىش ، خۇرسىنىش ۋە ئۈمىدسىز كەيپىياتلار كۆپ بولدى . بۇنداق بولۇشتىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر بار ، ئەلۋەتتە . ئەمما ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزسەك ، ئاغرىنىشىمىزغا ھېچقانداق ئورۇن قالمايدۇ . -
كومپېلىكىس سان ۋە ئۇنىڭ مەنىسى - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2010-09-09
-
ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقتۇرۇش - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-09-06
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشى ئۇلارنىڭ ماتېماتىكادەرسىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىغا باغلىق بولىدۇ. كۆزىتىشىمچە، كۆپ ساندىكىئوقۇغۇچى يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى ماتېماتىكا دەرسىدىن سوۋۇپ كېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، ماتېماتىكائوقۇتقۇچىسى دەرسنى ئالاھىدە ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغائەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1.ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتىنىچۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى دەرسنىڭ ئۆزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىماتېماتىكا دەرسىدىكى ھەر بىر مەزمۇننى سۆزلەشتىن بۇرۇن، چوقۇم شۇ مەزمۇننى ئۆگىنىشمەقسىتىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرسكە بولغانقىزىقىشىنى قوزغىشى ھەم دەرسنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ھەلقىلالمىغان مەسىلىلەرگە كونكرېت چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكەماھىر بولۇشى كېرەك. ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىئومۇميۈزلۈك يېتەكلەشكە، دەرسخانىدا ئەركىن، ئازادە بولۇشقا، ھەر كىمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈشكە ماھىر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشقىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماتېماتىكائۆگىنىشكە كىرىشتۈرەلەيدۇ. -
تۈز سىزغۇچ، تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ ۋە سىركۇل - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-09-06
سىركۇل بىلەن تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ جۇڭگودا كەشىپ بولغان. قەدىمكى كىشىلەر ئۇلاردىن ئۆلچەش، چەمبەر ۋە تىك بۇلۇڭلۇق شەكىللەرنى سىزىشتا پايدىلانغان. «سىركۇل» چەمبەر سىزىشتا ئىشلىتىلگەن، «تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ» پۈكلەپ تىك بۇلۇڭ شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەگرى سىزغۇچ بولۇپ، ئۈستىگە شكالىلار ئويۇلغان. سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلار كەشىپ بولغان يىلنى ئېنىقلىماق تەس، لېكىن مىلادىيىدىن15 ئەسىر بۇرۇنقى چىغىناق - تاغاق يېزىقىدا 规 (گۇي - سىركۇل) ۋە 矩 (جۈي - تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ) دېگەن ئىككى خەت خاتىرىلەنگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس سىماچيەن «تارىخنامە» دە مۇنداق يازغان: شيا يۈي قىياننى تىزگىنلىگەندە «سول قولىدا ئۆلچەش تانىسى، ئوڭ قولىدا سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنى ئېلىپ يۈرگەن»، بۇنىڭ مەنىسى شيا يۈي سول قولىدا ئۆلچەش تانىسى، ئوڭ قولىدا سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، قىيان تىزگىنلەش لايىھىسىنى تۈزگەن دېگەنلىك. بۇ شيايۈي قىيان تىزگىنلىگەن دەۋرلەردىلا (مىلادىيىدىن2000 يىل بۇرۇن) سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچتىن ئىبارەت ئىككى خىل گېئومېتىرىيىلىك قورال بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى گېئومېتىرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. -
چوت (سەنپەن) ۋە چوت سوقۇش - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-09-06
。
چوتنى جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن زامانلار ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش ئاساسىدا، تەخمىنەن14 - ئەسىر ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوت ھېسابلاش چوكىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كەڭ تارقىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە ئەڭ ئومۇملاشقان ھېسابلاش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چوت بىلەن ھېسابلاش چوت سوقۇش دېيىلىدۇ. جۇڭگودىن باشقا بەزى رايونلاردا چوت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، كەڭ تارقىلالمىدى. قەدىمكى مىسىرلىقلار سودا - سېتىق قىلغاندا، يەرگە قۇم يېيىتىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىقچە سىزىپ، ئاندىن ئۇششاق تاشلارنى بۇ ئېرىقچىلارغا تىزىپ، ئېرىقچىلاردىكى تاشلارنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئارقىلىق قوشۇش، ئېلىشنى ئىشلىگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى چوت ھېسابلىنىدۇ. كېيىن، ياۋروپالىق سودىگەرلەر ئېرىقچىسى بار تاختاينى قۇم ئورنىغا، مەخسۇس ياسالغان ئۇرۇقلارنى تاش ئورنىغا ئالماشتۇرغان. كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۇ ھېسابلاش تاختىسى ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان چوتقا ئاز - تولا ئوخشىغان. لېكىن، بۇ ھېسابلاش تاختىسى پولاتتىن ياسالغاچقا، ئېغىر ۋە قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربلىكلەردە قاپىيىلەشكەن ئاغزاكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئىشلىتىشكە ئەپلىشىپ بەرمەي، بارا - بارا شاللىنىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردا چوت ھەربىر تاياققا10 ئۇرۇق ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ. -
تاناسىپلىق سىركۇل - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-09-06
。تاناسىپلىق سىركۇل سېكتور شەكىللىك سىركۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى گالىلېي1597 - يىلى ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. بۇ سايمان بىر رامكا ھەم رامكا بىلەن تۇتاشقان ۋە كېرىپ - يىغقىلى بولىدىغان ئىككى پۇتلۇق سىزغۇچتىن تۈزۈلگەن. سىزغۇچنىڭ پۇتلىرىغا شكالا ئويۇلغان (سانلار رامكا ئوقىدىن باشلىنىدۇ ۋە رامكا ئوقى نۆل نۇقتا بولىدۇ). تاناسىپلىق سىركۇلنىڭ پرىنسىپى بەك ئاددىي، پەقەت ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن (ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ ماس كېسىكلىرى تاناسىپ تۈزىدۇ دېگەن خۇسۇسىيىتىدىن) پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: (1) بېرىلگەن كېسىكنى تەڭ بەشكە بۆلگىلى بولىدۇ؛ (2) سىزىلغان خەرىتىنىڭ ماسشتابىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ (3) سىزمىچىلىقتا، خەرىتىدە بېرىلگەن a، b، c مىقدارلارنىڭ تۆتىنچى تاناسىپلىق مىقدارىنى تاپقىلى بولىدۇ (يەنى a:b=c:x دىكى x نى تاپقىلى بولىدۇ)؛ (4) بىرەر سان كۋادراتىنىڭ سىزغۇچنىڭ بىر پۇتىغا ئويۇلغان شكالىسىدىن پايدىلىنىپ، ساننىڭ كۋادراتى ۋە كۋادرات يىلتىزىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ (5) بىرەر سان كۇبىنىڭ سىزغۇچنىڭ بىر پۇتىغا ئويۇلغان شكالىسىدىن پايدىلىنىپ، ساننىڭ كۇبى ۋە كۇب يىلتىزىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ (6) ئالاھىدە ياسالغان تاناسىپلىق سىركۇلدىن پايدىلىنىپ، ھېسابلانغان شكالىغا ئاساسەن، بىرلىك چەمبەرنىڭ مۇئەييەن گرادۇسلۇق يايىنىڭ قارشىسىدىكى خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تاپقىلى، ئەكسىچە، خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن بۇلۇڭنىڭ گرادۇسىنى تاپقىلى، يەنى ئۇنى بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تاناسىپلىق سىركۇل ھەم گېئومېتىرىيىلىك شەكىل سىزىش قورالى، ھەم ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۆلچەش ۋە سىزمىچىلىقتا پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۇ17 - ئەسىردە ياۋروپادا تولىمۇ كەڭتارقالغان ۋە200 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن. بۇ قورال دۇنياغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگوغا كىرگەن.