-
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2010-09-09
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ
ئەگەر ئاتاڭ بىلەن ئوقۇتقۇچۇڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە تاشلىنىپ ، ئۇلاردىن بىرىنىلا كېپىللىككە ئېلىپ چىققىلى بولسا ، بالا بولغۇچى ئىكەنسەن ، ئاۋۋال ئوقۇتقۇچۇڭنى كېپىللىككە ئېلىپ چىق .
__ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن
ئوقۇتقۇچى _ بىر مىللەتنىڭ نادانلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كېسىلىنى شىپا تاپقۇزۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ھارمايدىغان خالىس تۆھپىكار . شۇڭا ، بىزدە جاپالىق مېھنىتى بەدىلىگە ئىنسان قەلبىنى ئىلىم بېزەكلىرى بىلەن زىننەتلىگەن ئۇستازلارنى قەدىردان ئاتا - ئانىمىز بىلەن بىر قاتاردا ، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار . بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئاغزىغا ئىلىم نېنىنى سالغان ئوقۇتقۇچىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ كەلگەن . كەڭ ئاتا - ئانىلارمۇ بىلىم - ئىستېدات نەمۇنىلىرى بولغان ئۇستازلارنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغان . ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئەمەل ، شۆھرەت ، ھۆرمەت تەمەسىدە بولماي ، ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ھېسابلانغان ئەۋلادلار ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلغان . قىسقىسى ، قايسى دەۋردە بولمىسۇن ئىلىمنى ئۇلۇغلاش ، ئىلىمنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش ، ئۇنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش خىسلىتى خۇددى ئۈزۈلمەس ئېقىندەك ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن . لېكىن بۈگۈنكى مائارىپ ئەھۋالىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن دىئاگنوز قويىدىغان بولساق ، ئىلگىرىكىگە ئانچە ئوخشاشمايدىغان ئەھۋاللارنى بايقايمىز . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئاپتورلىرىمىز ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالىمىز ھەققىدە بەزى سوغۇققان مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ باردى . بۇ مۇلاھىزىلەردە قايناش ، ئاغرىنىش ، خۇرسىنىش ۋە ئۈمىدسىز كەيپىياتلار كۆپ بولدى . بۇنداق بولۇشتىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر بار ، ئەلۋەتتە . ئەمما ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزسەك ، ئاغرىنىشىمىزغا ھېچقانداق ئورۇن قالمايدۇ . چۈنكى ، خۇرسىنىش ، ئۈمىدسىزلىنىش ھاياتىي كۈچنىڭ ئاساسەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ياكى ئۇ ئاجىزلارنىڭ ھايات مەنتىقىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ، قېنى كىم بىزنىڭ مائارىپىمىزنى ھاياتلىق ھۈجەيرىسى قۇرۇپ كەتكەن مۇردا دېيەلەيدۇ ؟ مائارىپىمىز يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار ، دوكتورلار ، شائىر ، ئەدىبلەر ، سەنئەتكارلار نېمىنىڭ مەھسۇلى ؟ ئۇ نەتىجە ئەمەسمۇ ؟ بەلكىم بەزىلەر مائارىپىمىزدىن باشقىچىرەك نەتىجە كۈتىدىغاندۇ . ھاياتلىق بار يەردە ئارزۇ - تەلەپ بولىدۇ . ئەمما ، تەلەپ سەۋەب ئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بار نەرسە . بولمىسا ، تەلەپ قىلغۇچى ئازاب بىلەن بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ . شۇڭا ، نېمىنى تەلەپ قىلىشنى بىلىشمۇ بىلىم ھېسابلىنىدۇ . ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتىدۇ . ھايات ئۇنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ . بىز تەپەككۇر بار يەردە ھاياتلىق بار دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز . بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، بىزنىڭ مائارىپىمىز بار ، بەلكى ئۇ ئاجايىپ زور يوشۇرۇن ئىستىقبالغا ئىگە . چۈنكى ، ئۇ پىكىر قىلىۋاتىدۇ .
ئەگەر راستتىنلا ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە مائارىپىمىزدىن ئەمەس ، مائارىپ روھىمىزنىڭ يىگىلەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىش كېرەك . مائارىپ روھى ئۆلگەن يەردە مائارىپ بولمايدۇ . بىر مىللەتنىڭ مائارىپ روھى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ . مائارىپ روھى ئاساسلىقى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش روھىدۇر . تېخىمۇ كەسكىنرەك قىلىپ ئېيتقاندا ، پىكىر قىلىش ۋە ياشاش روھىدۇر . ئەگەر مائارىپ روھى بولمىسا ، 100 قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ ، مىليون كىشىلىك تەربىيىلىگۈچىلەر قوشۇنىنىڭ بولۇشى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ . مائارىپ روھى ئۆلمىگەن جايدا ھەر بىر ئائىلە مەكتەپكە ، ھەر بىر ئاتا - ئانا تەلەپچان ئۇستازغا ئايلىنىدۇ .
بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا بولىدۇ . ئۇلار 2000 يىلدىن كۆپرەك سەرسان - سەرگەردانلىق ھاياتىدا ، فاشىستلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا باشلىرى چېپىلسىمۇ ، كۆزلىرى ئويۇۋېتىلسىمۇ ، مىللىي روھىدىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالمىدى . ئۇلارنىڭ مىللىي روھى بىلىم ۋە قابىلىيەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان مىللىي ئېتىقاد ئىدى . ئۇلار ھەممىدىن بەك مائارىپقا ئەھمىيەت بەردى . مائارىپ ئارقىلىق بىلىم ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى . غايە مەشىلى توپتوغرا 2000 يىل لاۋۇلدىدى . ئۇلار ئاۋۋال ئەقىلغا سىغىندى ، ئەقىل ئارقىلىق پۇل تاپتى ، پۇل ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزدى . ئۇلارنىڭ ھاياتى بىزگە مىللىي روھ ( مائارىپ روھى ) ، بىلىم ۋە ئەقلى ھەم ئۇيۇشقاقلىق بولىدىكەن ، ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتەرلىك .
يەرشارىدا بەزى مىللەتلەرگە ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ماكان ئاتا قىلىنغان . ئۇلار ئالتۇن ئۈستىگە دەسسەپ يۈرۈشكەن . ھەر بىر كۈنىنى خۇددى بايرامدەك خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزگەن . ئەمما تارىخنىڭ چاقى ئايلىنىپ ، ھاياتنىڭ ئىككىنچى بىر يۈزىگە يۈزلەنگەندە ، ئۇلاردا تۇيۇقسىز بىچارىلىك كۆرۈلگەن ، ئۇلار ھاياتتىمۇ تۆت پەسىلنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتمىگەچكە ، < بوران – چاپقۇن> ئالدىدا تېڭىرقاپ قالغان . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ھايات مەنتىقىسىدە جۇغراپىيىلىك ماكان ئەۋزەللىكىدىن پەيدا بولغان ھۇرۇنلۇق ۋە بىپەرۋالىق ئىزنالىرى بار . ئۇلار باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان نەرسىگە سەل قارىغان .
يۇقىرىقى سېلىشتۇرمىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى ، ئىنسانغا ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان نەرسە بىلىم ، ئەقىل ۋە ھايات تەجرىبىسىدۇر . ماقالىنىڭ باش قىسمىدا دەپ ئۆتكەندەك ، بىز بۇ جەھەتتە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە . ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىقنىڭ رەڭدار گۈللىرى ئەنە شۇ تۇپراقتا بىخلىنىدۇ ، چېچەكلەيدۇ ، مېۋە بېرىدۇ . ئۇنداقتا ، ئەنئەنىنى نېمە دەپ چۈشىنىش كېرەك ؟ ئەنئەنە ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ياكى مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن غەلىبە - نۇسرەتلەر ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ مۇقەددەس غەلىبىلەرنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش روھىدۇر . مانا بۇ ، ھەقىقىي ئەنئەنىدۇر . بىر مىللەتنىڭ مائارىپى شۇ مىللەتنى ئەنئەنىسىنى تېپىۋېلىشقا يېتەكلىشى ، شۇ ئاساستا بۈگۈننىڭ تەلەپ - ئېھتىياجىغا جاۋاب ئىزدىشى كېرەك . ھازىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى باشلىنىپ كەتتى . مەركەزنىڭ « غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش » چاقىرىقى شىنجاڭدا بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ . بۇ كۈرەش دەل مىللەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدۇر . ھازىرقى دەۋردە كىشىلەر ئۆز زامانىسىغا خاس بىلىم ، قابىلىيەت ئىگىسىگە ئايلانمىسا ، ھەتتا ئۆز قورسىقىنىمۇ باقالماي ، ئاچ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . بۈگۈنكى دەۋر _ كاللىسىدىكى بايلىق ئېچىلسا بەخت ئىشىكى ئېچىلىدىغان ، « تاش » « ئالتۇن» غا ئايلىنىدىغان ؛ كاللىسىنى دات باسسا ، ئەقىل پىچىقى گال بولسا ، « ئالتۇن » مۇ «تاش»قا ئايلىنىپ قالىدىغان دەۋر . شۇڭلاشقىمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياج زورىيىپ كەتتى . نۆۋەتتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىسە ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى مائارىپ روھىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تونۇپ يېتىپ ، بەختىيار كېلەچەككە ئۇل سالمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى . «دۆلەتنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا ، مائارىپنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا .» بۇ سۆز ناھايىتىمۇ جايىدا ئېيتىلغان . ئۇنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ !
http://www.koyuktagh.com/bbs/viewthread.php?tid=323
收藏到:Del.icio.us