1
سۇمۇرۇغ مېنى جاۋاھىرلار غارىغا ئېلىپ كىردى. قولۇمغا “جاھاننامە” ئەينىكىنى ئالدىم. كۆزۈمگە قىزىل يۇلغۇنلۇق يولدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈلدى…
“جاھاننامە” دىن
1980 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى سەمەرقەندتىكى “ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى” تەسۋىرلەنگەن ئالبومىنى قولۇمدا تۇتۇپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم. تەسەۋۋۇرۇم بوشلۇقىدا ئالتۇن قاناتلىرىنى دالا گۈلخانلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئۆركەشلىرىگە ئۇرۇپ قايتا تۇغۇلغان سۇمۇرۇغىنىڭ جەسۇر ئوبرازى چاقناپ، ئۇنىڭ خۇش بېشارەتلىك كۈلكە ئاۋازى ياڭرىغاندەك بولدى. بەئەينى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: ئەقىل مەنتىقە بىلەن يەكۈنلىيەلمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى قەلبىم مۇھەببەت بىلەن ئالدىن ھېس قىلغۇدەك، بىر ئۈمىدۋار، ئىللىق روھىيەت ۋۇجۇدۇمنى شېرىن لەرزىگە سالدى. كۆز ئالدىمدا بىرەر يېڭى بايقالغان يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىقبال – ئانا يۇرتۇمنىڭ ئەزگۈ گەۋدىسى ئۈستىگە چۈشكەن ئەنقا قۇشىنىڭ شولىسى جىلۋىلەندى، بىردىنلا ئەقلىمگە كەلدىم: “كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ!”
مەن شۇ ماۋزۇدىكى ماقالەمنى يېزىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە “شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلىنىڭ 1992 – يىل 2 – سانىدا ئېلان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى “كاساندىرانىڭ جۆيلۈشى (كاساندىرا – رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئالدىن بىلگۈچى)” ھېسابلانغان بۇ ھۆكۈم، مانا 1992 – يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلقئارا يەرمەنكە يىغىنى ئارقىلىق رېئال تارىخنىڭ تۇنجى سەھىپىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.
ھەئە، شۇنداق! بىر نەچچە ئەسىر “ئەسھابۇلكەھق” دەك ئۇخلىغان “يىپەك يولى” روھى ئويغاندى. مىلادىدىن ئىلگىرى ياۋروپا – ئاسىيا بوشلۇقىدا جەۋلان قىلغان “يىپەك يولى” سۇمۇرۇغى قايتا قانات قاقتى. تارىخ ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئېراسىغا قەدەم قويدى.
جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا چوڭ ئېچىۋېتىش، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى تەخىرسىز يولغا قويۇش سىياسىتىگە ئۇل سالغان ھازىرقى زامان ئېڭى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شەرق – غەرب ئالاقىلىرىنىڭ يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇز قاتلىمىنى ئېرىتىۋەتتى. زامانىۋى تاشيول، ياۋروپا – ئاسىيا ئىككىنچى تۆمۈريولىنىڭ پائالىيەتكە كىرىشى، ھاۋا قاتنىشى كېلىشىملىرى بىلەن تېلېگراف – تېلىكس ئالاقىلىرىنىڭ قايتا جانلىنىشى قۇم بارخانلىرى ئىچىگە غەرق بولغان قەدىمكى يىپەك يولى خارابىلىرى ئۈستىدە يېڭى يىپەك يولىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى نامايان قىلدى! ئالەم زۆرۈرىيەتلىرى شۇنى تەقەززا قىلدىكى، بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس تارىخىي يۈزلىنىشنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس!
قەدىمكى رىم ئالىمى لۇكرەئوس ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇشىنى تۇنجى قېتىم “كونا تاشقورال دەۋرى” دەپ ئاتىدى. بۇ قاراش 19 – ئەسىردە قوبۇل قىلىندى. 1865 – يىلى جون. لوبىك “كونا تاشقورال (پالەئولەتىك) دەۋرى”، “يېڭى تاشقورال (نەئولەتىك) دەۋرى” ۋە مىس (برۇنزا)، تومۇر قوراللىرى دەۋرى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1877 – يىلى ئامېرىكىلىق قەدىمكى دەۋر تارىخىي تەتقىقاتچىسى مورگان “قەدىمكى جەمئىيەت” ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىنى “ياۋايىلىق دەۋرى”، “ۋارۋار (نادان) لىق دەۋرى”، “سىۋىلىزاتسىيە (مەدەنىيەت) دەۋرى” دەپ ئۈچكە بۆلگەن، ئالدىنقى ئىككى دەۋرنى جون. لوبىكنىڭ “كونا تاشقورال دەۋرى” بىلەن “يېڭى تاشقورال دەۋرى” گە تەققاس قىلغان، تومۇر ۋە دۆلەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى دەۋرنى “سىۋىلىزاتسىيە دەۋرى” دەپ ئاتىغانىدى.
مەن يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئېراسىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارايمەن. بۇ ئاساسسىز ئېيتىلغان ئەمەس، ئەلۋەتتە!
مېنىڭچە، ياۋروپا – ئاسىيا – ئافرىقىدىن ئىبارەت “كونا قۇرۇقلۇق” تا مىلادىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى باشلانغان ۋە يېقىنقى زامان تەسۋىرىي ئىبارىسى بويىچە “ئۇلۇغ يىپەك يولى” دەپ ئاتالغان قەدىمكى كارۋان ئالاقىلىرىدىن بۇرۇن ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەرق – غەرب يۈرۈشىنى باشلىغان. ھازىرغىچە، قىسمەن ئەپسانە ئەدەبىياتىغا ئايلىنىپ كەتكەن، قىسمەن ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىيا – غار سىزمىلىرى، ئىندىئان ئىمپېرىيىلەردىن قالغان پىرامىدا ۋە قەسىر خارابىلىرى شەكلىدە ئىزاھسىز تىلسىم بولۇپ تۇرۇۋاتقان “غەيرىي رەسمىي تارىخ” ئەنە شۇ ئەڭ قەدىمكى شەرق – غەرب مەدەنىيەت قانىلىنىڭ تارىخىي شەھىرى ھېسابلىنىشى لازىم.
قەدىمكى سىبىرىيە كىشىلەر نەزىرىدە ئاللىقانداقتۇر “بوش ماكان”، “ئورمان پادىشاھلىقى” بولۇپ تۇرماقتا. بىز ئەگەر بۇ ماكاننىڭ 10 مىڭ يىل، ھەتتا تېخىمۇ يىراق زامانلاردىكى “غەيرىي رەسمىي تارىخ” ئىغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭدا ھەرىكەتچان ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ ئاللىقاچان شەرق – غەرب سەپىرىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھازىرقى ئورال – ئالتاي تىللىرى تۈركۈمىدىكى خەلقلەرگە تونۇش ئادىتى، فولكلور – ئەپسانىلىرى، سەنئەت رىتىملىرى ئوخشاپ كېتىدىغان قەدىمكى سىبىرىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى تەخمىنەن 20 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئاسىيا بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى تۇمشۇقى – “ئۈزۈلۈش” ۋە “ئۈزۈلدى” ئارىلىدىكى تۇتاش مۇزلۇق ئارقىلىق ئالياسكا ۋە شىمالىي ئامېرىكا، كېيىنچە جەنۇبىي ئامېرىكىغا ئۆتكەن. ئۇلار مايمۇنسىمان ئىنسان ئىزى تېپىلمىغان بۇ زېمىندا ئۇزاققا سوزۇلغان ئىپتىدائىي تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھىندىستانغا بارىمەن دەپ “ئوتلۇق يەر” بوغۇزىدا تۇتقۇن بولغان كولومبو تەرىپىدىن ناتوغرا ھالدا “ئىندىئان” لار دەپ ئاتالغان. ئۇلار غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ قىرغۇچى ۋە قۇللاشتۇرغۇچى ھەربىي يۈرۈشلىرىدە خانىۋەيران بولۇشتىن ئىلگىرى “ئولمىك مەدەنىيىتى”، “تىئوتۋاكان مەدەنىيىتى” قاتارلىق ئاجايىپ مەدەنىيەت تىپلىرىنى ياراتقان. مىسىر پرامىدىلىرى سىياقى ئۇلۇغۋار ھەم سىرلىق “تەڭرى ماكان – تىئوتۋاكان” پىرامىدىسى بىلەن فرانسىيىدىكى مەشھۇر ئالتامىرا غار سىزمىلىرى، ئىسپانىيىدىكى راسكو غار سىزمىلىرى، يېقىندىلا فرانسىيىنىڭ مارسىل شەھىرى يەنىدىكى كىچىك دېڭىز قولتۇقىدىن تېپىلغان سۇ ئاستىدىكى غارغا سىزىلغان رەسىملەر ئەنە شۇ ئەڭ قەدىمكى، ئەمما تېخى سىرى يېشىلمىگەن شەرق – غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى پائالىيەتچان مەدەنىيىتى، مېنىڭچە، مۇشۇ قانال ساھىلىغا كۆمۈلگەن. ئۇ مۆجىزە شەكلىدە ئېچىلغۇسى ۋە بىزنىڭ قاتمال تارىخىي قاراشلىرىمىزغا يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئوزۇق بېغىشلىغۇسى.
بۇ بىرىنچى مەدەنىيەت ئېراسىنىڭ كېيىنكى سەھىپىسى سومەر – ئاندىرونوم – ئارى تۈركۈمىنىڭ سىكتاي – ساك قەبىلىلىرىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 – يىللىرىدىن تاكى 1000 – يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە – شەرقتە كۇڭفۇزى، غەربتە سوقرات ئالەمگە كەلگۈچە بولغان دەۋرلەرگىچە داۋاملاشقان. ۋەھالەنكى، چىن – خەن ئىمپېرىيىلىرى، گرېتسىيە، ئاخمانىيلار ئىمپېراتورلىرى غەرب ۋە شەرقكە يۈرۈش قىلىپ، “ئۇلۇغ يىپەك يولى” بەرپا بولغۇچە ئۆتكەن بۇ بەھەيۋەت مەدەنىيەت باسقۇچىمۇ تېخى يورۇتۇلغىنى يوق!
رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 5 – 6 ئەسىر ئىلگىرى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، 15 -، 16 – ئەسىرگىچە ئىككى مىڭ يىلدەك داۋام قىلغان يىپەك يولى ئالاقىلىرىنى مەن شەرق – غەرب مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ئىككىنچى تارىخىي ئېراسى دەپ قارايمەن.
ئاتنى “جاھانكەزدى” ۋاسىتە قىلغان، ئەڭ قەدىمكى “ئاتلىقلار مەدەنىيىتى” نى ياراتقان خەلق ئەڭ دەسلەپكى شەرق – غەرب ئالاقىلەر لىنىيىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، تۆگىنى “جاھانكەزدى” ۋاسىتە قىلغان، قەدىمكى “يىپەك يولى مەدەنىيىتى” نى شەكىللەندۈرگەن يېڭى شەرق – غەرب ئالاقىلىرى باشلاندى. ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بۇ قايناق ئالاقە يولى ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، دېڭىز – ئوكيان قاتنىشىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يېڭى قۇرۇقلۇقلارنىڭ بايقىلىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن چۆلدەرەپ قالدى. نەتىجىدە، شەرقتىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرى تەدرىجىي سوۋۇپ، ئۇنىڭ موجىزىدار يادىكارلىقلىرى خارابىغا ئايلاندى. ئەينى يىللاردىكى قايناق مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىمۇ بارا – بارا تەبىئىي يوسۇندا يىپەك يولىنىڭ سىمۋولى بولغان چۆل كېزەر تۆگىنىڭ خاراكتېرىگە ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەشىنى قۇمغا تىقىۋېلىشنى ئامان – ئېسەنلىك دەپ بىلىدىغان تۆگىقۇشنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاپ قالدى.
مانا ئەمدى “قاناتلىق تۆگە” ئوبرازىنى سىمۋول قىلغان شەرق – غەرب ئالاقىلىرىنىڭ ئۈچىنچى تارىخىي ئېراسى باشلاندى، ھەربىر ئالاقىدار ئېراسىنىڭ ئۆز ئەپسانىلىرى، رىۋايەت – لەگىندىلىرى، ھېكايە – داستانلىرى، ئەقىدە ھېكمەتلىرى بولغىنىدەك، ئۈچىنچى ئىرامۇ ئۆز سەھىپىلىرىنى ئۆز زامانىغا مۇناسىپ لەگىندا ۋە ھېكمەتلەر بىلەن بېزەندۇرگۇسى. “يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت” ئىككىنچى ئىرانىڭ – يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا بىنا قىلغان موجىزىدار خەزىنىسىدىكى خۇددى ئەنقا تۇخۇمىنىڭ توققۇز گۆھىرىدىن ئىبارەت.
2
يولدا تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلىگەن مىللەت مەدەنىيەتتە ئىلگىرى كەتكەن مىللەتتۇر.
- خىيال دەپتىرىمدىن
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ بىرىنچىسى يول ۋە سىرتقى تىجارەتتىن ئىبارەت
يىپەك يولى – ئۆز زامانىسىدىكى سان – ساناقسىز تۇرمۇش رىتىملىرى، ھېسسىيات دولقۇنلىرى، تەپەككۇر ئېقىملىقى، تاغ – جىلغا، يايلاق – بوستان قاتناش ئىزلىرى بىلەن سەپەر مەنزىلگاھلىرى قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان ئەڭ ئۇلۇغ قانات سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.
يىپەك يولى قەدىمكى ئاتلىقلار مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى يايلاق – دالا يولىدىن پەرقلىق ھالدا قەدىمكى ئىمپېرىيىلەر، شەھەر – قەلئە مەملىكەتلىرى بويلاپ سوزۇلدى. چۆل – جەزىرە ۋە بوستانلىقلار ئۇنىڭ مېلودىيىسىنى تەشكىل قىلدى. بۇ خۇددى چالغۇ تارىلىرىغا ئوخشاش، ئىككى مىڭ يىللىق شەرق – غەرب مەدەنىيىتىنىڭ گارمونىك ئاھاڭىنى چېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ قانات ئىدى.
يىپەك يولىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئاچقان. ئۇنىڭدا يۈرگەن كارۋانكەش سودىگەرلەرنىڭ تۆھپىسى لەشكەر تارتىپ، جەڭ سۇتۇقلىرىنى ياڭراتقان پادىشاھ – سەركەردىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ھەسەل ھەرىسى بىلەن رەڭدار كېپىنەكلەردەك گۈلدىن گۈلگە قونۇپ بەرگ جامىدا شەبنەم ئىچكەن كارۋان تارتقۇچى سودىگەرلەر شاراپىتىدىن يىپەك يولىدا ماددىي مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرى ئالمىشىپ تۇردى. يىپەك يولىنىڭ ئاۋانگارت كارۋانلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرى بۇلمىش ۋە خەنزۇ مەنبەلىرىدە “خۇرجا” (贿胡) دەپ ئاتالغان بۇ سودىگەرلەردە ئىككى ئالاھىدىلىك بولغانىدى:
ئۇلار ئۆز ماكانىدا يۆتكەلمەي دۇكان – ساراي ئاچىدىغان ھۆپىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئەكسىچە يۇرتمۇ – يۇرت، قەلئەمۇ قەلئە، تاغمۇ تاغلاردىن ئېشىپ خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئۇلۇغ توقۇلمىسىغا ئارقاق بىلەن ئورۇش تارتقۇچىلار ئىدى. ئۇلار يىراق ئەجدادلىرى – ئارىيان – سىكتاي – ساكلارنىڭ “جاھانكەزدى” ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرقنى غەربكە، غەربنى شەرقكە “يۆتكەپ كېلىش” جەريانىغا ئۆلمەس تۆھپە قوشتى. ئۆز ماكانىدا رەستە قۇرۇپ، دۇكان – ساراي ئاچقان تىجارەتچىلەر بۇ توقۇلمىغا گۈل چەكتى.
ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى، ئۇلار ئەينى زامان مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادىتىگە تويۇنغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار بولدى. ئۇلار سودىگەر كەلگەندە “قىلنى قىرىق يارغان” بىلەن، دوستلۇق، مېھماندوستلۇق، ساخاۋەتكە كەلگەندە، “ئالتۇن چاچقۇ چاچىدىغان” مەردانىلاردىن ئىدى.
يىپەك يولى تۈپەيلى، قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا ئاددىيغىنا يايلاق ياكى بوستان مەدەنىيىتى رايونى ياكى يېزا ئىگىلىكى رايونى بولماستىن، بەلكى خەلقئارا سودا – تىجارەتنى تىركەك قىلغان يېزا ئىگىلىكى، ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە چارۋا ئىگىلىكى دىيارى ئىدى. ئاددىي يىپەك – مەشۇتقا سىكتاي – ساك ئالتۇنپەزلىرى ئەنئەنىسى بىلەن ئىش قوشۇپ “زەرھەل”، “كىمخاپ” قىلىپ، يىراق رىم – مىسىر دىيارىدا يۇقىرى باھادا ساتقان “خورجا” كارۋانلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ئۇچ ئامەتكە ئىگە بولغانىدى:
ئۇنىڭ بىرى، تەكلىماكان ئەتراپىدا ھەشەمەتلىك ئوردا – شەھەرلەر، خەلقئارا ئالاقە تۈگۈنلىرىنى مەيدانغا كەلدى. ئەينى زاماندارىم، باغدات، چاڭەن، لوياڭ شەھەرلىرى ئۇلار بىلەن ھۆسنداش بولدى. ئۇ چاغلاردا ھەرقايسى ئوكيانلار ساھىلىدا “ئايغا تاقاشقان بىنالار” بىلەن بېزەلگەن ھازىرقى پورت – شەھەرلەر بولمىغان.
ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق غەربىي يۇرتلۇقلار ئۆز دەۋرىنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىدە ئالدىنقى قاتاردا نىسبىي مەندە پاراۋان ۋە مەئىشەتلىك تۇرمۇشتا ياشايتتى. بىز تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەلتەنەتلىك پايتەختىدە ھەشەمەتلىك ئوردا بەگزادە، خانزادىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىنىش – تارىنىش (ھەتتا گۈللۈك بۆك كىيىش)، زىبۇ – زىننەت، ئوي – روزىغار، تاماقلىنىش، ئات مىنىش، سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىغانلىقىنى ھېچقانداق غەربىي نورمال ھادىسە دەپ قارىمايمىز.
ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربىي يۇرتلۇقلار ئۆز دەۋرىدە نەمۇنىلىك مەدەنىيەت مۆجىزىسى ياراتتى. ئەگەر غەربىي يۇرت ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ھېسابلانغان “خۇرجا” سودىگەرلىرىنىڭ خەلقئارالىق سودا كىرىمىگە يۆلەنمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئەقلىمىزنى لال قىلىۋاتقان مۇنداق زور ھەجىمدىكى تاشكېمىر سەنئىتى قەسىرلىرى تىزمىسىنى يارىتىلمىغان بولاتتى. مەلۇمكى، شىمالىي ۋەي خانلىقى ئۆز دەۋرىدە پۈتۈن ۋەي خانلىقىنىڭ ئاساسلىق مالىيىسىنى سەرپ قىلىپ بىر قانچىلا تاش كېمىر سەنئەت سارىيىنى سالالىغانىدى. قاراخانىيلار، كېيىنچە تۆمۈرىلەر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ بىناكارلىق مۆجىزىلىرىمۇ (ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپى ساقلانمىغان) خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي جۇغلانمىدىن ئايرىلمىغان. بۇ غەربىي يۇرتنىڭ ئەينى زاماندا خەلقئارا سودىنى باش بۇلاق كۆزى قىلغان ئىقتىسادىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يىپەك يولى ۋە خەلقئارا سودا – تىجارەت تۈپەيلى پوچتا، بېكەت، قانۇن ۋە پۇل مۇئامىلىسى تارىخقا كىرىپ كەلدى. قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ خەت – ئالاقە كارۋانچىلىقى – پوچتا، “خۇرجا قوناق” – بېكەت – مەنزىلگاھلىرى مەيدانغا چىقتى. يول بىخەتەرلىكى، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۇركۇملىشىشى، قاراقچىسىزلاشتۇرۇش، قورۇل بېجى، قورۇلدىن ئۆتۈش يول ئىگىدارچىلىق مەزمۇن قىلىنغان قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى راۋاجلاندى. يىپەك يىلى ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئاقچا ۋە ئالتۇن – كۆمۈر تەركىبى مەسىلىسىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويدى. يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مېتال پۇللىرىنىڭ يۇرتىمىزدىن كۆپلەپ تېپىلىشى، شىنجاڭدا ئەينى زاماندا قۇيۇلغان مەتال ئاقچىلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تارىخىي ئىزلىرىدىن تېپىلىشى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يىپەك يولىدىكى بىرىنچى ھېكمەت – يول ۋە ئۇنى چۆرىدىگەن سودىگەرلەر گۇرۇھى، بېكەت – رابات، شەھەر – قەلئە، شەھەر مەدەنىيىتى، قانۇن ۋە پۇل مۇئامىلىسى مەدەنىيىتى مەخسۇس تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان كاتتا تېما، شۇنىڭدەك ئۇ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا ئەتىۋارلاشقا مۇناسىپ جىلۋىدار جاۋاھىرات.
ئىنسان – سەنئەتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن سۈپەتتۇر. ھۈنەر – سەنئەت ئىنساننىڭ ئۆز نۇشىسىنى تامغا قىلىپ تۇرمۇشنى خاتىرىلەش تارىخىدىن ئىبارەت.
- خىيال دەپتىرىمدىن
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئىككىنچىسى ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت
ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز – ئۆزىگە تۇنجى سەنئەت ھوجىرىسى شەكلىدە قىزىقىپ بېرىشىدىن تاكى ئۇنىڭ پۈتۈن ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىغا ھۈنەر – سەنئەت چېچەكلىرى نەقىش قىلىشىغىچە بولغان سىمۋوللۇق نەفاسەت قەسىرىنى ئۆز كۆكسىگە جۇلالاندۇرغانىدى.
مەلۇمكى، ئىنسان كونا تاشقورال دەۋرىدىلا ھۈنەرۋەن سۈپىتىدە گەۋدە كېرىپ تاشقى ئالەم ئوبيېكتلىرىغا نەزەر تاشلىغان. ئۇلار كېيىنچە ھەتتا يۇلتۇزلار تولغان ئاسمان سەتھىنىمۇ ھەرخىل گېئومېترىك سىزىقلار ياكى شەكلەن ئوخشاتماسلىق بىلەن “چومۇچ”، “تاروزا”، “چوڭ ئەيىق”، “ئالتۇن قوزۇق”، “قوزا” قاتارلىق تەققاس ئىسىملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارغا ھۈنەر – سەنئەت سىمۋولىزم تۈسىنى بەرگەن. قەدىمكى غار سىزمىلىرى ئەنە شۇنداق مەيدانغا كەلگەن.
يېڭى تاشقورال دەۋرى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھۈنەر – سەنئەت بىخ سۈرگەن ۋە باھار چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرغان دەۋر بولدى. بىز قىيا تاش سىزمىلىرىدىن، توتېم قالدۇقلىرىدىن، بولۇپمۇ كۆپلەپ تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك بۇيۇملاردىن يىپەك يولىدىن ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى ماھىر ھۈنەرۋەنلەردىن بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. مەشھۇر ئاندورونوپلار مەدەنىيىتى، ئافىناشەفلار مەدەنىيىتى، تاكار مەدەنىيىتى، قاراسۇغ مەدەنىيىتى، ئۈرۈمچى يېنىدىكى ئالغۇي قەدىمكى قەبرىگاھلىقى بىلەن ئالتاي بازىرى، چەرچەن – لوپ زاغۇنلۇق تىپىدىكى قەدىمكى قەبرىگاھلىق قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تېپىلغان ئات – ئەگەر جابدۇقلىرى، تۇرمۇش ۋە زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن ۋە تۇچقا ئىشلەنگەن ئەۋرىشىم – قاتلىما ھايۋان تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن سەنئەت دۇردانىلىرى، بولۇپمۇ ئالمائاتا يەنىدىكى كونا قورغاندىن تېپىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 -، 6 – ئەسىرگە تەئەللۇق سىكتاي قەھرىمانىنىڭ ئالتۇن قاسىراق زەنجىردە ياسالغان نەقىشلىك جەڭ كىيىمى، دۇبۇلغا ۋە خەنجىرى سىكتاي – ساك ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتتى.
مەركىزىي ئاسىيا ھۈنەر – سەنئىتى توقۇش ساھەسىدە غايەت زور تارىخىي تۆھپە ياراتقان. بىز ئاددىي يۇڭ رەخت توقۇشتىن (مەسىلەن، بازىرىق قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ئات – تۆگە كارۋانلىرى چۈشۈرۈلگەن گىلەم جىيەكلىرى بىلەن ئاتلىق يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى نامرات كىشى كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن رەڭدار گىلەملەر)، تاۋار – دۇردۇن، ئەتلەس توقۇش ۋە كالۋۇتۇندا گۈل چېكىشكىچە مەركىزىي ئاسىيا ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ماھارىتى ۋە ئالەمشۇمۇل داڭقىنى بىلىمىز.
ئەتلەس، جۈملىدىن ھەرخىل گۈل – نەقىشلىك كىيىم نۇسخىلىرى مەركىزىي ئاسىيادىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن كۆپلەپ تېپىلغان. بىز سەمەرقەنت يەنىدىكى ئەپراسىياپ قەلئە خارابىسىدىن، پەنجىكەنت، باراھشاھ، جۈملىدىن دەندان ئويكۇك، قىزىل، قۇمتۇرا، شورچۇق، بېزەكلىك بۇددا تاشكېمىرلىرىغا سىزىلغان تام رەسىملىرىدىن ھەرخىل يىپەك ۋە زەرباپ كىيىم نۇسخىلىرىنى كۆرىمىز. بۇلار ئىچىدە ئەتلەس شۇنچە داڭ چىقارغانكى، كەييۇەن يىللىرى (713 – 742) چاڭئەندە “ئەتلەس ئۇسسۇلى” ئوينالغان. لى جۇلىڭ “بەش پارچە شاڭچىڭ نەزمىسى” دېگەن شېئىرىدا ئەتلەس ئۇسسۇلىنى مۇنداق تەرىپلىگەن:
پۈتتى ئەتلەس نەغمىسى ئاسماندا قوزغالدى شامال،
ئون ۋىلايەت ئۇستىنى باستى ئىپار ئۆتمەي ھايال.
شۇي نىڭ “ھۇئاڭچىڭگۇڭ قەسىرىدە دۇشىرىنگە مۇشائىرە” ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازغان:
ئۇچۇرۇپ مامۇق كەمەرنى ياڭرىسا لەرزان سادا،
تاشلابان يەڭگىل قەدەمنى ئەۋرىشىم “ئەتلەس” كېلۇر.
مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئەتلىسى ئوتلۇق دەشت – چۆل ۋە يېشىل بوستان مەنزىرىسىنى سىمۋول قىلغان (布元火) بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرغا ئىلھام بولغان.
ئەلىشىر نەۋائى ئەتلەسنى ئاسمان نۇرلىرىغا، شەپەقكە ئوخشاتقان ۋە مۇنداق يازغان:
پەلاسى ھۇزنىمەن، ئەي ئەتلەس چەرھ،
ماڭا لايىق ئەمەس ۋالا قۇماشىڭ.
(مەنىسى: ئەي پەلەك ئەتلەس مەن پالاستەك غەمكىنمەن، ماڭا ئالىي كىيىملەر لايىق ئەمەس).
چۇن تۇشەرلەر ئاقىبەت ئۇستۇڭگە ھارا بىرلە قەرش،
نى ئاسىغ ئاستىڭدا گەر چەرھ ئەتلەسىدىندۇر فىراش.
(مەنىسى: ئۇستىڭگە ئاھىر تاش – تۇپراق چۈشىدىغان تۇرسا، ئەگەر ئاستىڭدا چەرھ ئەتلىسىدىن كۆرپە سېلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟)
ھارا تۈبىگە ياتقۇڭ، يوق سۇد ئەگەر يۈز يىل
كۆك ئەتلەس ئۈستىدە جىسمىڭنى ياتىپ ئاغنات.
(مېنىسى: كۆك (ئاسمان) ئەتلىسى ئۈستىدە يۈز يىل يېتىپ جىسمىڭنى ئورناتقىنىڭ بىلەنمۇ ھېچ پايدىسى يوق، چۈنكى ئاخىر بەرىبىر تاش ئاستىدا ياتىسەن).
بىز يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ھالقىسىدىكى مەتال ۋە توقۇلما ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئاجايىپ جەلپكار پاۋلىئونىغا نەزەر سالساق، ھەرخىل كىيىم – كېچەك، مەتال توقا – تاسما، پىچاق – خەنجەر، ئاپتوۋا – چىلاپچا، باش – ئاياغ كىيىملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، يېمەك – ئىچمەك ئەسۋابلىرى، ياغاچ قىرما ۋە قاشتېشى ئويمىلىرى، بىناكارلىق قۇرۇلما ۋە نەقىش – بېزەك ھۈنەر – سەنئىتى، تېرە – بۇلغارى ھۈنەرۋەنلىكى، مەي، مۇراببا، گۈلقەنت، ئەدرەك، پاتاسى ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر يۈرۈشلەشكەن ۋە خېرىدارلىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز. مەركىزىي ئاسىيانىڭ چالغۇ قوراللارنى ئىشلەش تېخنىكىسى ئەزەلدىن مەشھۇر بولغان.
يىپەك يولى ئىبارىسى كېيىنكى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنغان بولۇپ، بۇ يولدا شەرق – غەربنىڭ، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئات، يىپەك گەزلىمە، زەر كىمخاپ، قاشتېشى ۋە ياقۇپ، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى، تېرە – يۇڭ، پار – پۇر، چاي، دورا – دەرمەك، ھوش پۇراق ماتېرىياللار، پاختا – چىگىت، گىلەم – كىگىز قاتارلىقلار سودىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغاچقا، ھۈنەر – سەنئەت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى راسا راۋاجلانغان.
يېغىلىق – جەنگو زامانىدا جاۋ بېگىلىكىنىڭ پادىشاھى جاۋ ئۇلىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 325 – 229 يىللار) قوشۇن توزۇش ئۈچۈن تارىختا مەشھۇر “خۇلاردىن كىيىنىشىنى ئۆگىنىش” ھەرىكىتىنى قوزغىغانىدى. ھەن زامانىسىدا كېڭەيمىچى ئىمپېراتور ليۇچى مەركىزىي ئاسىيا مۇزىكىلىرى ۋە شىمالدىكى مىللەتلەر پاسونىدا ھەربىي ئوركېستىر ۋە چەۋەنداز قوشۇن قۇردى. شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي – تاڭ سۇلالىلەر دەۋرىدە، بولۇپمۇ كەييۇئەن (713 – 742) يىللىرى چاڭئەندە مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يۇئەن جىڭنىڭ “فاچۇي” ناملىق شېئىرىدا:
بولدى ئۇيغۇرچە ياسانما قىز – ئاياللار مەشغۇلى،
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرسىمان.
ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇزىننەت، تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەس – بەستلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.
دەپ يازغىنى، خۇئارۇي خانىمنىڭ “قەسىر نەزمىسى” دېگەن شېئىرىدا:
مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى، ئۇيغۇر لىباسى كىيگىنى،
جىلۋە قىلدى بۇ لىباستا تال چىۋىقتەك بەللىرى.
دەپ يازغىنى ئەينى زامان رېئاللىقىنىڭ شېئىر – نەزمىلىرىدە ئەكس ئەتكەن قىسمەن ئۈچۈرى ئىدى.
يىپەك يولىدىكى ئىككىنچى ھېكمەت – ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى يالغۇز ھەرقايسى ئەللەر ئېتنولوگىيە مەزمۇنلىرىغا ھۆسن قوشۇپ قالماي، ھازىرقى ئۇيغۇر قاتارلىق يىپەك يولى ئوتتۇرا ئۆتكىلىدىكى خەلقئارا تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مەپتۇنكار ئېستېتىك سېھرىنى نامايان قىلىپ كەلدى. يېڭى يىپەك يولى پۈتۈن دۇنيا بىر – بىرىگە يانداشقان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن كۆپ قاناللىق خەلقئارا ئىقتىساد ۋە بازارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئىشەنچ بىلەن ئېيتىش مۇمكىنكى، ھۈنەر – سەنئەت مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ يېڭى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىشقا سالغۇسى ۋە ھۈنەر – سەنئەتنىڭ يېڭى، ئاۋات مەنزىرىسى بىلەن ئۆز ئەنئەنىلىرىنىڭ يېڭى زامان فورماتسىيىسىنى تۈزگۈسى.
ئىنسانىيەت ئۆز بەخت – سائادىتىنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزلىرىنى تېپىش يولىدا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن تونۇشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاسمان يورۇتقۇچىلىرىنى بىلىش ھالىتى ئۆزىنىڭ بەخت – سائادەتكە قانچىلىك ئېرىشكەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپ بولۇپ قالدى.
- خىيال دەپتىرىمدىن
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئۈچىنچىسى تەبىئەتنىڭ بىلىش ھېكمىتىدىن ئىبارەت
قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، جۇغراپىيە ۋە ھېسابلاش قاراشلىرى ئەڭ قەدىمكى ئالەم يارىلىش ئەپسانىلىرى بىلەن بىللە يىراق ئۆتمۈشتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانىدى. قەدىمكى قاراخان تەڭرىم، مەرگەن تەڭرى، قۇياش ئىلاھى مېتىرا توغرىسىدىكى قاراشلار ئۆزىنىڭ ئەپسانىۋى خاراكتېر ئالغانلىقى بىلەن يەنە ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى. ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلىرى ئىپتىدائىي كوسمولوگىيىلىك – ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنىڭ بىخى ھەم ئۇرۇقى بولدى. چەكسىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان قىسمى ھەر دەرىجىلىك ئىلاھىيەت قاراشلىرىغا ئاساس سالغاندەك، يەنە ئاسترونومىيىلىك ساددا قاراشلارغىمۇ ئاساس سالدى.
چەكسىز زېمىندىكى سەپەر مۇساپىسىدە قۇياشقا قاراپ تەرەپلەرنى، يۇلتۇزغا قاراپ پەسىللەرنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىمال ئىپتىدائىي ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنىڭ ئاسترونومىيىلىك ساۋاتى بولسا كېرەك. ئۇلار 12 ئوكەك (بۇرچ) بويىچە دەسلەپكى ئاي ۋە يىلنى بەلگىلىگەن. غارلارغا ئاتنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تەكرار سىزىق ياكى چېكىتلەرنى تامغا قىلىش، ھەتتا ئاي، كۈن شەكلىنى چېكىش ئارقىلىق ھەربىر يىلدا بىر قېتىم ئات قۇربانلىق قىلىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خاتىرىلەپ دەسلەپكى سالنامە بېكىتكەن. كېيىنچە، 12 يىلنى بىر مۆچەل بىلىدىغان، ھەربىر يىلنىڭ مەلۇم ھايۋان نامىدا ئاتايدىغان ئادەت پەيدا بولدى. بۇنداق مۆچەلدىكى 12 يىلنى 12 ھايۋان نامىدا ئاتاش ئارى – سومەر، سىكتاي – ساك ياكى تۈركىي خەلقلەر زامانىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
شامان باخشىلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇنەججىملىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ھەربىي يۈرۈشلەردە خان مەسلىھەتچىسى بولغان. يۇلتۇز كۆرۈش، چۈش ئۆرۈش، يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇش شىمالىي دىغارلار زامانىدىن ياكى يېقىنقى قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىگىچە ساقلانغان. “شەرھى ئاسامۇل مۇسلىمىن” دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، “تۈرك پەيغەمبەرلىرى” دېگەن تەرەپتە “ئامان”، “ئەمىق”، “ئۈمىد”، “پۇراھ”، “تاھىن”، “تابۇي”، “كوسان”، “ئەركىل”، “ساۋان”، “سوغۇن”، “دىۋىل”، “سالاق”، “تاپقىر”، “ئانۇق”، “قىتىن”، “نارۇن”، “ھامۇن”، “چىجىل”، “پاسان”، “ياۋۇق”، “ياھۇر” قاتارلىق كىشى ناملىرى تىلغا ئەلىنغان. بۇ بەلكى قەدىمكى شامان مۇنەججىملەرنىڭ ناملىرى بولسا كېرەك. گابائىن خانىم قاتارلىقلار ئېلان قىلغان “تۇرپان تېكىستلىرى” ئارىسىدا ئاسترونومىيە، ھاۋارايى ۋە ياداگەرلىك، پالنامىلارغا ئائىت سەھىپىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر مۇنەججىمچىلىكىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىدىن دالالەت بېرىدۇ.
يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي بەلۋېغىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر توپلىغان ئاسترو – ماتېماتىكىلىق بىلىملەر شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۆلچەم – ھېسابلاش بىلىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭى سىنكرتىك قاتلام ھاسىل قىلدى. ئەل خارەزمى، فەرغانى، فارابى، ئىبىن سىنا، بىرۇنى، ئومەر ھەييام، نەسرىدىن تۇسى، ئۇلۇغبەگ قاتارلىق ئۇلۇغۋار ئىلىم ئەللامىلىرى ئۆز پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئاسترو – ماتىماتىكىسىنىڭ ئىلمىي ئۇلىنى قۇردى. بۇ، يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ئوچىقىدا روياپقا چىققان غايەت كاتتا ئىلمىي ھېكمەت دۇردانىسىدۇر.
ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى، ئاسترو – ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ يىپەك يولىدىكى بۈيۈك ئاساسچىسى مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمى (783 – 850) ئۆزىنىڭ “ئاسترونومىيىلىك جەدۋەل”، “ھىندى رەقەملىرى توغرىسىدا رىسالە”، “مۇزىكا توغرىسىدا رىسالە”، بولۇپمۇ ئالگېبراغا ئاساس سالغان “ئەلجەبىر ۋەل مۇقابەلە” ناملىق ئەسەرلىرى شۇنداقلا خەلىپە مەمۇن دەۋرىدىكى “بەيتۇل ھېكمەت” دەپ ئاتالغان پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان ئەڭ نازۇك ئىلمىي تۆھپىسىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى بولدى.
ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل فەرغانى (؟ – 861) قەشقەرگە يېقىن فەرغانىدە تۇغۇلۇپ، خەلىپە مەمۇن ئاكادېمىيىسىدە (ئىشخانىسىدا)، كېيىنچە مىسىردا ئاسترو – ماتېماتىكا ۋە ئۆلچەم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ “كىتابەتى ئۇسۇل ئىلمۇل نۇجۇم”، “ئالماگىستاغا بەغىشلايدىغان پەلەكىيات رىسالىسى”، “پەكە چەمبەرلىرى سەۋەبىياتى”، “ئەلمەجەستى ھەققىدە”، “ئىلمۇل ھەيە (پەلەك ئىلمى)”، “ئەل فەرغانىنىڭ جەۋەللىرى”، “ئاي يەرنىڭ ئۈستىدە ۋە ئاستىدا بولغاندا ۋاقىت ئېنىقلاش رىسالىسى”، “ئۇستۇرلاپ بىلەن ئەمەل قىلىش كىتابى”، “يەتتە ئىقلىم ھەسابى”، “ئۇستۇرلاپ ياساش ھەققىدىكى كىتابى” قاتارلىق ئەسەرلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، مىسىر، ھىندىستان، ماراكەش، گېرمانىيە، فرانسىيىلەردە ساقلانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى 1145 -، 1175 -، 1193 -، 1533 -، 1537 -، 1590، 1910 – يىلىرى ئىئونناسىۋىل، فىرارد كرەمون، گوۋل، رەگومونتان، شيونىر، ھرستىمان، كامپاني، روزەنفلىد، دوربروۋىسكىي، سەرگىيۋە، ۋىدەمان قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئەبۇنەسىر فارابى (870 – 950) “پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى”، “شەرھى ئەل مەجەستى”، “كىتابۇل لەۋھىق”، “ئەۋكلىدنىڭ 1 – ۋە 5 – كىتابلىرىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە شەرھى”، “گىئومەتىرىك نازۇك شەكىللەر توغرىسىدىكى كىتاب”، “يۇلتۇز ھەققىدكى سۆھبەتتە توغرا ۋە ناتوغرىلىق ھەققىدە رىسالە”، “ئارىفمىتەكا مۇقەددىمىسى”، “تەسەۋۋۇرلۇق گىئومەتىرىيىگە مۇقەددىمە”، “بوشلۇق ۋە مىقدارى”، “خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە” قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا تەبىئەتشۇناس پەيلاسوپلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئەبۇئەلى ئىبن سىنا (980 – 1037) فارابى ناتۇرال پانتەئىزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى، بۈيۈك “شەيھۇل رەئىس”، تىبابەتشۇناس بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ ئەللۇددەۋلەنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن بىر مەزگىل ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ئىبن سىنا ئۆزىنىڭ “كىتابۇششىغا”، “دانىشنامە”. “كۆزىتىش ئەسۋابى ياساشتا ئەۋزەل ئۇسۇل كىتابى”، “يەرنىڭ ئەلەم مەركىزىدىكى ھالىتى”، “ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كۆرۈنمە مۇساپىلىرى”، “يورۇتقۇچىلارنىڭ كېچىلىك كۆرۈنۈشى ھەققىدە”، “ئاسمان سىفىراسى ۋە ئادەملەرنىڭ ئوي – ماكانلىرى”، “شەمس ۋە قەمەرى يىل پەسىللىرىنىڭ ھەمدە كېچە ۋە كۈندۈز زامانلىرىڭ قانۇنىيىتى”، “يۇلتۇزلار ھۆكۈمىنىڭ رەددىيىسى”، “جۇرجان شەھىرى ئۇزۇنلۇقىنى تۈزىتىش ھەققىدىكى رىسالە” قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېخانىكا، مۇزىكا مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ توختالغان.
ئەبۇل ۋاپائەل بۇزجانى (940 – 998) خۇراساندا تۇغۇلۇپ، باغداتتا كاتتا ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم بولۇپ تونۇلدى. ئۇ “ئارىفمېتىكىغا مۇقەددىمە”، “ئارىفمېتىكا ھەققىدە رىسالە”، “ئاسترونومىيىگە مۇقەددىمە كىتاب”، “ئاسمان سىفىراسىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى ئېنىقلاش ھەققىدە كىتاب”، “ئەل مەجەستى”، “دىئوفانت ئەسىرىدىكى جۈملىلەرنى ئىسپاتلاش ھەققىدە كىتاب” قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئىبن سىنا ۋە بەرۇنىنىڭ بۇ زاماندىشى بىرونى بىلەن كېلىشىپ باغدات ۋە خارەزىمدە ھىجرىيىنىڭ 387 – (مىلادىيە 997 -) يىلىدىكى ئاي تۇتۇلۇشنى بىللە كۆزەتكەن.
خارەزملىك ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن يۈسۈپ كاتىپ خارەزمى مىلادىيە 990 – يىلى يازغان “مەفاتىھۇل ئولۇم” (“ئىلىم ئاچقۇچى”) ناملىق ئەسىرىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ھەققىدە توختالغان.
خوجەندلىك ئەبۇمۇھەممەد ھەمىد ئىبن قىدىر ئەل ھۇجەندى ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكا بولغان. ئۇ رەي شەھىرىدە فەھرۇد دەۋلە (977 – 996) سارىيىدا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ “ئېۋكەلىدنىڭ ئېغىشى ھەققىدە”، “ئۇستۇرلاپنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەققىدە”، “ئاسترونومىيە قانۇنى”، “فەھرى سەكىستانتى” (فەھرۇد دەۋلەگە ئاتالغان ئاسترونومىيىلىك ئەسۋاب) قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان. ياي شەكىللىك سەكىستانت نۇشىسى ئۇلۇغبەگ رەسەتھانىسىدىمۇ ساقلانغان.
خارەزملىك ئەبۇرەيھان بىرۇنى (973 – 1048) ئەينى زاماندا خارەزمدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئاتايدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە “بەرۇنى” (سىرتتىن كەلگەن) نامىدا ئاتىلىپ شۆھرەت قازانغان. ئەبۇرەيھان مۇھەممەد ئىبن بەرۇنى “گەئودىزىيە”، “فارماكوگىنوزىيە”، “ھىندىستان”، “مەنرالوگىيە”، “يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بىلىمگە مۇقەددىمە”، بولۇپمۇ “قانۇن مەسۇدىي” ناملىق قامۇس كەبى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ پەلسەپە جەھەتتە ئارىستوتېل ۋە فارابىغا ئەگەشكەن. ئەشەرىنىڭ دىموكراتنىڭ ئاتوم تەلىماتىنى روھانىيلەشتۇرۇشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاتومنىڭ ماددىي جىسىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى نوپۇز دېگەن قاراشنى رەت قىلغان ۋە نوپۇز – ئىلىمنىڭ نوپۇزى، دەپ قاراشنى پەندە تەجرىبە ۋە مۇھاكىمىنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە قوشقان تۆھپىلىرى يەر مەركەز (گەئوسەنتىر) قاراشلىرىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتكەن.
ئومەر ھەييام (1040 – 1123) نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مەلىك شاھ ھوزۇرىدا، ۋازىر نىزامۇل مۇلىك ھامىيلىقىدا “مەلىك شاھ ئاسترونومىيە جەدۋىلى” نى ئىشلەپ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن ئۇ “ئالگېبرا ۋە ۋەلمۇقەبەلە ۋەزىپىلىرىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە رىسالە”، “ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىلىك كىتابىدىكى قىيىنچىلىقلارغا شەرھى”، “ئارىفىمىتكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر” قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئومەر ھەييام ئوز رۇبائىيلىرى ئارقىلىق كوسمۇلوگىيىلىك چۈشەنچىلىرىنى ئىنان تۇرمۇشى قاراشلىرى بىلەن قايتا يۇغۇرۇپ، زامانىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئىدىيىلىرىنى جۇلالاندۇرغان.
چېڭگىزخاننىڭ ئىستېلاچىلىق يۈرۈشلىرى تىنجىغاندىن كېيىن خانبالىقتا (بېيجىڭدا) جامالىدىن ناملىق ئۇيغۇر مۇنەججىمنىڭ شۆھرىتى شەرق ئاسمىنىنى قاپلىغانىدى.
ھىلاكۇخان دەۋرىدە ياشىغان خۇراسانلىق ئالىم ئابدۇجاپپار مۇھەممەد ئىبن ئەلھەسەن نەسىرىددىن تۇسى (1201 – 1274) ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۈرلىرى قەسىرىدە ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ “ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىسىگە شەرھى”، “پېتولمىنىڭ ئەلمەجەستىگە شەرھى كىتاب” قاتارلىق ماتېماتىكىغا دائىر 12 كىتاب يازدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە “ئاسترونومىيىلىك داستان” ناملىق شېئىرىي ئەسىرىمۇ بار. نەسىرىددىن تۇسى “ئىلىھانىيە ئاسترونومىيە جەدۋىلى” نى ئىشلەپ چىققان ۋە مارغى رەسەتگاھىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئەسلىددىن، پەھىرىددىن ۋە سەدرىددىن قاتارلىق ئۇچ ئوغلىمۇ مەشھۇر ئاسترونوملاردىن بولغان.
تومۇرىيلەردىن مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ (1394 – 1449) يىپەك يولى ئاسترو – ماتېماتىكا ئىلمىدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلۇغ تەبىئەتشۇناس سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى – ئەلى قۇشچى، كېيىنكى زامان ئالىملىرىدىن جەمشىد قۇشچى، ئالائىددىن قۇشچى ئۇشبۇ ئىلىمنى ئۇلۇغبەگ يەتكۇزگەن ماقامغا يەتكۈزۈلمىدى.
ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي مەكتىپى “تۆت ئۇلۇس تارىخى”، “ئارىفمېتىكا رىسالىسى”، “ئاسترونومىيىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تەپسىلات”، “ئاساسىي فىگورىلار ھەققىدە تەپسىلات”، “سىنۇس ھەققىدە رىسالە” بولۇپمۇ تۆت قىسىملىق “يېڭى كوراگان ئاسترونومىيە جەدۋىلى” (1437 – يىلى تاماملانغان) ناملىق ئەسەرلىرىنى يازدى. ئۇنىڭدا 1022 يۇلتۇز خاتىرىلەنگەن ۋە بىر يىل 365 كۈن 6 سائەت 9 مىنۇت 10 سېكۇنت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇلۇغبەگنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن پەسلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن گەرچە ئەلىشىر ناۋائى، زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر، بايا رەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى ۋە ئابدۇرېھىم نىزارىدەك ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇر شائىرلارغا مەيدانغا كەلگەن، ئاماننىساخان، قىدىرخان ۋە دەرۋىش ئەلىدەك مۇزىكىشۇناسلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان، خاندەمر، مىرزا ھەيدەر، موللا موسا سايرامىدەك تارىخشۇناسلار قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ، بۈيۈك تەبىئەت ئىلمى بويىچە، خۇسۇسەن ئالەمشۇمۇل دەستۇر ياراتقۇچى ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرى مەيدانغا كەلمىدى. ھۇماقۇشى بۇنداق تالانت ئىگىلىرىنىڭ تۇخۇمىنى يىپەك يولىغا ئەمەس، بەلكى غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىغا كۆمگەنىدى.
ئېلېمېنتار ئارىفمېتىكىغا ئاساس سېلىش؛ نۆل (لاتىنچە، “يوق”) ئۇقۇمىنى سان – سېفىرگە ئېلىپ كىرىش؛ ئالگېبرا تەڭلىمىلىرىنى مەيدانغا ئېتىش؛ گىئومېترىيە بولۇپمۇ تېرىگىنومېترىيىنى ئورە تۇرغۇزۇش؛ سان چۈشەنچىلىرىنى ئېنىقلاش؛ سىنۇس ۋە كوسىنوس، ئىنتېگرال ۋە دىففېرېنسىئاللىق كاتېگورىيىلەرنى تۇرغۇزۇش؛ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتېماتىكا لوگىكىسىغا ئاساس سېلىش؛ ئاسترونومىيىلىك ئەينەك ۋە ئەسۋابلار ئىشلەش؛ يۇلتۇزلار (1022 يۇلتۇزلۇق گۈمبەز) جەدۋىلى ئىشلەش؛ كالېندار توزۇش؛ ئېكۋاتورنىڭ قىيپاشلىقىنى ئۆلچەش، يۇقىرىدىن تاشلانغان نەرسىنىڭ شەرقكە يۆتكىلىپ چۈشىشىدىن يەرنىڭ غەربتىن شەرقكە ئايلىنىشىنى گەپوتەزا قىلىش؛ ئاينىڭ تۇتۇلۇشى، تولۇشى ۋە دېڭىز دولقۇنىنى ئېنىقلاش؛ زېمىننى ئىقلىم (بەلۋاغ ۋە زۇننار) لارغا بولۇش؛ ئالخىمىيە ۋە ساختا ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنى تەنقىد قىلىش؛ گرېك ماتېماتىكلىرى ۋە مۇنەججىملىرىنىڭ تار دائىرىلىك قاراشلىرىنى قايتا كۆزىتىپ باھالاش… مانا بۇلار مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمىدىن ئۇلۇغبەككىچە بولغان ئالتە ئەسىر ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئالتە ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. ئەمما، بۇ موجىزىدار زېمىندا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتچىلىك ئۇرۇشلىرى، ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكلىرى، كىتاب كۆيدۈرۈش، ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇرلارنى دارغا ئېسىش، نەچچە ئونلاپ كاللا مۇنارى ياساش، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش، مەمتىلى ئەپەندىنى كۆيدۈرۈش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قازا چىللاش ۋە زىيالىيلار ھۇسەمەتھورلۇقىدىن باشقا تەبىئەت ئىلمىدە قايسىبىر نادىر چېچەك ئېچىلدى؟!
يوقلۇق بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى. ئېيتىۋاتقانلىرىمىز سالنامە – تارىخلاردا سۆزلەنمىگەن تارىخ پەلسەپىسى ھەقىقەتلىرى.
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ ئۆزىگە خاس تىلسىم ئامەت ۋە موجىزىدار بەرىكەتلىرى بىلەن خەلقىمىزگە شاراپەت ئېلىپ كەلگۈسى. ئىشىنىمىزكى، ئەگرى – توقايلىقلاردىن ئۆتۈپ، يوقاتقان ئۇلۇغ ھېكمەت – تەبىئەت ئىلمى جاۋاھىراتلىرىنى خەلقىمىز يەنە ماھىر قوللىرىغا ئالغۇسى.
ئەگەر ئۆز تەشۋىشلىرىڭدىن خالاس بولساڭ، پەلەك تەشۋىشلىرىنىمۇ بەجا قىلالايسەن.
- ئىبن سىنا
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ تۆتىنچىسى تېبابەت ھېكمىتىدىن ئىبارەت
ئىنساننىڭ تاشقى ئالەم مۆجىزىلىرىگە قىزىقىشىدىن ئۆز روھىيىتى ئىچىگە يوشۇرۇنغان غايىۋى ھەم تەنقىدىي ئىككى قۇتۇپلۇق مەنىۋى دۇنياغا قەدەم قويۇشىدىكى دەسلەپكى ئۆتكەل ئاسترو – ماتېماتىكىلىق ئىزدىنىشلەردىن تېبابەتچىلىك پائالىيىتىگە يۈزلىنىش بولدى. ئەمما، تاكى گۇمانىستىك پىكىر ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگىچە ئىنسان ئۆز جىسمىنى تەبىئىي ياكى غەيرىي تەبىئىي – ئىلاھىي ئوبيېكت سۈپىتىدە كۈزىتىشتى.
دەسلەپكى تېبابەتچىلىك ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھىمايە قىلىشى، بەدەنلىرىگە پۇراقلىق گىياھلار سۈركىشى، ھەرخىل ھاشارات ۋە چاققۇچى ھايۋانلارغا قارشى لاي – لاتقىلار بىلەن بەدەنگە قاتلام ياكى نەقىشلەر چېكىشى، كېيىنچە پېرىخونلۇق – ئوقۇش، داغلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن داۋام قىلدى. ئېھتىمال، بۇ خىل ساددا تېببىي پائالىيەت يىپەك يولىدىن ئىلگىرىكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ دائىمىي ھەمراھى بولسا كېرەك.
ئاتلىقلار مەدەنىيىتى كۆچمەن ھايات ۋە پائالىيەتچان تۇرمۇش رىتىمىنى پەيدا قىلدى. جاراھەت ۋە سۇنۇق، تۇغۇت ۋە ئىچ ئۆتكۈ ئۇ چاغدا ئىپتىدائىي تېبابەتچىلىكنىڭ دائىمىي، ئەمما جىددىي تېمىسى ئىدى. سىكتاي مەتال ئىدىشى سىرتىغا سىزىلغان “سۇنۇق تېڭىش” رەسىمى بىزگە ئارىيلار زامانىدا ئاتلىق مەركىزىي ئاسىيا ئاھالىلىرى ئۆز زامانىسىنىڭ مائىر ھەرۇرگلىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ “سېرىق پادىشاھ ناملىق يېزىلغان ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى” ناملىق كىتابىدا، مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن ئۇچ مىڭ يىللار ئىلگىرىلا زەھەرلىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى تىلغا ئىلىنغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى يېزىلغان “ئەۋلىيا تەرىقچى نامىغا يېزىلغان شىپالىق گىياھلار” ناملىق كىتابتا مەركىزىي ئاسىيا دورىلىرى ھەققىدە توختالغان. سۇي – تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە “غەربىي يۇرت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رېتسېپلىرى”، “غەربىي يۇرت مەشھۇر تېۋىپلىرىنىڭ تۆت جىلدلىق مەخپىي رېتسېپلىرى”، چىڭ چەن يازغان “خۇرلارنىڭ شىپالىق گىياھلىرى”، سۇڭ سىماۋ يازغان “بىباھا دورا نۇسخىلىرى” قاتارلىق ئەسەرلەردە<
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us