-
كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ گۆھەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-16
سۆزلىشىشتىكى ئۈچ گۆھەر — ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت، كەچۈرۈڭ.
جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر — كەمتەرلىك، ئەدەپ، ياخشى تەرىپ.
تەربىيە كۆرگەنلەردىكى ئۈچ گۆھەر — تىنچ بولۇش، مېھرىبان بولۇش، سالماق بولۇش.
ئاىلىدىكى ئۈچ گۆھەر — خۇشاللىق، قىزىقىش ۋە كۆيۈمچانلىق.
ئۆي تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — ئېجىل – ئىناقلىق، خۇشال – خۇراملىق، تىنچلىق.
غىزالىنىشتىكى ئۈچ گۆھەر — تەڭپۇڭلۇق، چەك قويۇش، شۈكۈر قىلىش.
ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر — پىيادە مېڭىش، نەپسىنى يىغىش، كەيپىياتىنى تەڭشەش.
ئاتا – ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر — تەربىيەلەش، مەسۇلىيەت، شەرەپلەندۈرۈش.
روزغار باشقۇرۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — كىرىم – چىقىمدا پىلان بولۇش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش.
بىلىم ئىگىلەشتىكى ئۈچ گۆھەر — جانلىق بولۇش، ئەتراپلىق بولۇش، ھەقىقىي بولۇش.
دوست تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — سەمىمىي بولۇش، دۇرۇس بولۇش، ئاتا قىلىش.
قەلبتىكى ئۈچ گۆھەر — راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، كەڭ قورساقلىق.
收藏到:Del.icio.us