-
توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا --- - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا [九章算术]
«ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب» نىڭ ئەڭ مۇھىم بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا يېغىلىق ۋە چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە فېئوداللىق تۈزۈم ئورنىتىلىشتىن مۇستەھكەملەنگىچە بولغان بىر مەزگىل ئىچىدىكى ماتېماتىكا نەتىجىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلەنگەن. بۇ كىتاب تۆۋەندىكىدەك توققۇز بابقا بۆلۈنگەن:
(1) يەر ئۆلچەش (ئاددىي كەسىرلەرنى تۆت ئەمەل بويىچە ھېسابلاش ۋە تەشىلىكتىكى شەكىللەرنىڭ يۈزىنى تېپىش ئۇسۇلى)؛
(2) ئاشلىق (ئاشلىق سودىسىغا دائىر ھېسابلاش ئۇسۇلى) ؛
(3) تەقسىملەش (تەقسىملەش نىسبىتىگە دائىر ھېسابلاش ئۇسۇلى )؛
(4) شاۋگۇۋاڭ (كۋادرات ۋە كۇب يىلتىز چىقىرىش ئۇسۇلى) ؛
(5) شاڭگۇڭ (گېئومېترىيىلىك جىسىملارنىڭ ھەجىمىنى تېپىش ئۇسۇلى) ؛
(6) تەكشى يۆتكەش (ئاشلىق يۆتكەشنى تەكشى ئۈستىگە ئېلىشنى باشقۇرۇشقا دائىر ھېسابلاش ئۇسۇللىرى) ؛
(7) پايدا-زىيان (پايدا-زىيان تۈرىدىكى مەسىلىلەرنى يېشىش ئۇسۇلى) ؛
(8) تەڭلىمە (بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى يېشىش ئۇسۇلى ۋە مۇسبەت-مەنپىي ئۇسۇلى) ؛
(9) گۇگۇ (گۇگۇ تېئورېمىسىنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئاددىي ئۆلچەش مەسىلىلىرىنى يېشىش ئۇسۇلى ) ؛
«شۇڭا ئۇ توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا» دەپ ئاتالغان، بۇ كىتابنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى ھەققىدە ئىسپات يوق، شۇنداق بولسىمۇ، ھېچبولمىغاندا مىلادى 1-ئەسىردە ھازىرقى نۇسخىسىدىكى مەزمۇنلار بارئىدى. بۇ كىتاب كۆپ قېتىم تولۇقلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن ليۇخۇي ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن لى چۇنفېڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەرگەن ئىزاھلىرى بار. بۇنىڭدىكى مەنپىي سان، كەسىر سانلارنى ھېسابلاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى يېشىش ئۇسۇللىرى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەردۇر. بۇ دۇنيا بويىچە قەدىمكى داڭلىق ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.http://kasim.m54.huyi2.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=434
历史上的今天:
ماتېماتىك لىبېك 2010-09-20ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى 2010-09-20ئالماشتۇرۇش [变换] 2010-09-20ۋېكتورلۇق بوشلۇق 2010-09-20ئارخىمېد (阿基米德) 2010-09-20
收藏到:Del.icio.us