-
ئالەم تىلى-قەدىمكى گوگۇ تېئورېمىسى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-08-23
.ئىنسانلار ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ «تاشقى پلانېتا ئادەملىرى» نى ئىزدەۋاتقىنىدا، ناۋادا تاشقى پلانېتا «ئادەملىرى» ئۇچراپ قالسا، ئۇلار بىلەن قانداق سۆزلەشكۈلۈك دېگەن قىيىن بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى. روشەنكى، ئىنسانلارنىڭ تىلى، يېزىقى، مۇزىكىسى ئەسقاتمايتتى. جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى خۇا لوگېڭ سان بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سخېمىنى تاشقى پلانېتا «ئادەملىرى» بىلەن سۆزلىشىش تىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ سخېمىدا تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى3 ،4 ،5 بولغان ئۈچ كۋادرات بار، ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئۈچبۇلۇڭ قورشالغان، ئۈچ كۋادرات چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش كاتەكچىلەرگە بۆلۈنگەن، ھەربىر تەرەپتىكى بۇ كاتەكچىلەرنىڭ سانى شۇ تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇق سانىغا تەڭ بولىدۇ، ئىككى كىچىك كۋادراتنىڭ كىچىك كاتەكچىلىرىنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم9 ۋە15 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى25 بولۇپ، چوڭ كۋادراتنىڭ كىچىك كاتەكچىلىرىنىڭ سانىغا تەڭ. بۇ شەكىل: «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ كاتېتلار (ئىككى تىك تەرەپ) كۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى گېپو تىنوزا (يانتۇ تەرەپ) كۋادراتىغا تەڭ» دېگەننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ گوگۇ تېئورېمىسىدۇر. غەربتە كىشىلەر ئۇنى پىفاگورتېئورېمىسى دەيدۇ..گوگۇ تېئورېمىسى قەدىمىي ۋە ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىر تېئورېما، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا،4000 يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن جۇڭگودىكى بۈيۈك يۈي گوگۇ تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىككى يەرنىڭ يەر پەرقىنى بەلگىلەپ قىياننى تىزگىنلىگەن. قەدىمكى مىسىرلىقلارمۇ گوگۇ تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ تىك بۇلۇڭلارنى ئارغامچىغا تۈگۈن تۈگۈش ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلەپ، ئېھرامنىڭ كۋادرات شەكىللىك ئاساسى (ئۇنىڭ تۆت تىك بۇلۇڭى بار) نى بەلگىلىگەن، گوگۇ تېئورېمىسى ھازىرقى زاماندا تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. ياغاچچى3 ،4 ،5 لىك تانا تارتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تىك سىزىق ياكى تىك بۇلۇڭلارنى بەلگىلەيدۇ، ئۆينىڭ چېدىر لىمىغا كېتىدىغان ماتېرىيال ۋە كراننىڭ خىزمەت ئېگىزلىكى گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ھېسابلىنىدۇ. گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا، قۇرۇلۇش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قوللىنىلىش دائىرىسىگە ھېچقانداق ماتېماتىكىلىق تېئورېمىلار تەڭ كېلەلمەيدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەر خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك، گوگۇ تېئورېمىسىنى كەشىپ قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى. بۇ گوگۇ تېئورېمىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ ئاساسىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەبىئىي ھالدا باشقا پلانېتىلاردىكى «كىشىلەر» نىڭ ئىنسانلار بىلەن «گېپى بىر يەردىن چىقىپ قېلىشى» مۇمكىن دەپ ئويلىدى. شۇ سەۋەبتىن گوگۇ تېئورېمىسىنى تاشقى پلانېتا «كىشىلىرى» بىلەن پىكىرلىشىدىغان ئالەم تىلى قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ. -
ئاز- تولا مۈجمەل ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (1) - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-08-22
.
لوتفى ئاسكەر زادەھ ۋە ئۇنىڭ مۈجمەل ماتېماتىكىسى
رىشات ئابدۇرسۇل
Simon Frazer University, كانادا
2007_يىلى 13_يانۋار.
ئالدى بىلەن گەپنى Georg Cantor(رۇسىيىلىك, 1845.3.3-1918.1.6) نىڭ توپلام نەزىريىسىدىن باشلايلى. كانتور توپلىمىنىڭ ئېنىقلىمىسى:مەلۇم بىر شەرتنى قانائەتلەندۈرىدىغان چەكلىك ۋە چەكسىز نەرسىلەرنىڭ توپلانمىسىنى توپلام دەيمىز. ئۇيغۇرچىدىكى توپلام دېگەن گەپنىڭ مەنىسى شۇ پېتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشىدىغان نەرسە پەقەت بىر "مەلۇم شەرت". مەسىلەن، مەلۇم بىر سىنىپ(شەرت)نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالساق مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر توپلام بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىزلار(شەرت)نى ئالساق بۇمۇ بىر توپلام بولىدۇ، بۇ سىنىپتىكى يېشى X ياشتىن تۆۋەن(شەرت)لەر دېسەك بۇمۇ بىر توپلام ھاسىل قىلىدۇ.Lotfi A. Zadeh
توپلامنى تەشكىل قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئېلېمېنتلىرى دەپ ئاتايمىز. توپلام بىلەن ئېلېمېنتلىرى ئارىسىدا “تەۋە” ياكى “تەۋە” ئەمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى مۇناسىۋەت بولىدۇ. قارا تىلدا ئېيتقاندا “يا-ئۇياق” “يا-بۇياق” دېگەندىن ئىبارەت مۇناسىۋەتتۇر. -
كۆپلىگەن ماتىماتىكلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم بولغان ماتىماتىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان لىقىنى ئېيتىشىدۇ . بىراق تېخى ھەل بولمىغان بۇ مەسىلىلەر ئىچىدە بىرى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ئۇ بولسىمۇ داڭلىق رىمان قىياسىدۇر .
رىمان قىياسى 1859- يىلى گېرمابىيە ماتېماتىكى فريېدرىخ رىمان ( Friedrich B. riemann ) تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن بىرى ، ماتېماتىكلارنى گاڭگىرىتىپ كەلدى . يېقىندىن بۇيان ماتېماتىكلارنىڭ فىزىكىلىق نۇقتىنەزەردىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر قىلىشىغا ئەگىشىپ ، رىمان قىياسىنى ئىسپاتلاش قىزغىنلىقى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۇرۇلدى.
رىمان قىياسى رىماننىڭ سانلار نەزەرىيەسى ساھەسى ( سانلار نەزەرىيەسى پۈتۈن سانلارنى تەتقىق قىلىدىغان ماتېماتىكا تارمىقى ) گە چېتىلىدىغان بىردىنبىر نەزەرىيەسىدۇر . ئۇ تۈپ سانلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر چوڭقۇر نەزەرىيەلەرنى بايان قىلغان . 2،3،5 ۋە 7 گە ئوخشاش 1 ۋە ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق كۆپەيتكۈچىسى بولمىغان سانلار گويا سان ئوقىدا تەرتىپسىز كۆرۈلىدىغاندەك قىلىدۇ . ئېۋكېلىد تۈپ سانلارنىڭ سانى چەكسىز بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . بىراق مەسىلە شۇكى ، ئۇلار قەيەردە ؟ ئۇلارنىڭ قانداق بەلگىلىك فورمۇلىسى ياكى قانۇنىيتى بولۇپ ، كىشىلەرگە ئۇلارنى سان ئوقىنىڭ قەيەرلىرىدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمدۇ ؟Bernhard Riemann, 1863
رىمان قىياسىدا ، ئۇ بىر فورمۇلا ئارقىلىق تۈپ ساننىڭ ئورنىنى تەسۋىرلىگەن . ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشىلىكتىكى نۇقتىلار توپلىمىنىڭ zetaفۇنكىتسىيەسىنىڭ كومپلېكىس تەكشىلىكتىكى نۆل نۇقتىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، ماتېماتىكلار تەرىپىدىن « تەكشىلىكتىكى نۆل نوقتا » دەپ ئاتالغان ئاشۇ يىلتىزىدىن باشقا ، zeta فۇنكىتسىيەسىنىڭ يىلتىزى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ يىلتىزلارنىڭ « تەكشىلىكتىكى نۆل نۇقتا » دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ سەۋەبى ، بۇ نوقتىلاردا ماتېماتىكلار كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم بولغانلىقىدىن ئىبارەت . بىراق رىمان بۇنىڭغا قارىتا ئىسپات بەرمىگەن .
يەنە بىر ئامال بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ رىمان قىياسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش . كۆپ يىللاردىن بىرى ، ماتېماتىكلار
چوڭ تىپلىق كومپيۇتېر ئارقىلىق بۇ تۈز سىزىقنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ ، ھەمدە چەكسىز نۇقتىلار قاتارىدىكى نۇقتىلارنىڭ ئوخشاش بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ياتىدىغان ياكى ياتمايدىغانلىقىنى بىر -بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتى ، تاكى ھازىرغا قەدەر ، بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق . مەسلەن ، ئامېرىكا مىننىسوتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى ئاندرىف ئودلىزكونىڭ بايقىغىنىدەك ، 10- دىن 23- كىچە بولغان ھەمدە باشقا 20 مىليارد دانە نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولىدۇ .
فىزىكا ساھەسى نىيوتۇن كىلاسسىك مېخانىكىسى ۋە كىۋانت مىخانىكىسى دەپ ئىككى تارماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىلاسسىك مېخانىكىدا بىر جىسىمنىڭ ھەر قانداق بىر ۋاقىتتىكى تېزلىكىنى ۋە ئورۇن يۆتكۈلىشىنى بىلگىلى بولىدۇ . كىۋانت مىخانىكىسىدا بولسا جىسىمنىڭ ئورۇن يۆتكۈلىشىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ تېزلىكىنى ھەرگىز بىلگىلى بولمايدۇ ، ئەكىسچىمۇ شۇنداق .
فىزىكا ئالىملىرى سورىماي تۇرالمايدۇ ؛ كىلاسسىك مېخانىكا بىلەن كىۋانت مىخانىكىسى ئارىسىدا يەنە قانداق بىر ساھە باردۇر ؟ بۇ ساھە رىمان قىياسىنىڭ zeta فۇنكىتسىيسى ئېنىرگىيەسى يۇقىرراق بولغان قوزغۇتىلما ھالەتتىكى يادرۇنىڭ ئېنېرگىيە
دەرىجىسىنىڭ تۇتاش جايلاشمىغانلىقى بىلەن zeta فۇنكىتسىيىسىنىڭ نۆل نۇقتىدا جايلىشىشى كۆپلىگەن تەرەپلەردىن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . بۇ كېسىشىش نۇقتىسى ماتېماتىكلارغا يەنە بىر ئىزدىنىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .
بىراق تارىختىن قارىغاندا ، رىمان قىياسىنىڭ ئىستىقبالى خۇشاللىنارلىق ئەمەس . -
ئەڭ قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن ماتېماتىكا ئالىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-08-22
ماتېماتىكا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ فوتو ۋە سىزما سۈرەتلىرىمىز. بۇلارنىڭ كۆپى ئوتتۇرا ياشلىقلار ياكى ياشانغانلار، پەقەت فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى گالۇ ئالا بالىلىق مىجەزى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش يىگىت ئىدى. گالۇئا توپلام نەزىرىيىسىنى ئىجات قىلغانلىقتىن، ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىچىسى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇ 20 يىللا ياشىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ماتېماتىكا ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان ئەڭ ياش ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گالۇئا 1811 - يىلى 25 - ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوتتۇرا ھال ئوقۇغان. لېكىن ئۇ ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. 16 يېشىدا داشۆگە كىرمەكچى بولسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. 17 يېشىدا بىر پارچە ماقالە يازغان بولىسمۇ. لېكىن ئۇنى ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى گوسى يۈتتۈرۈپ قويغان. گالۇئا 18 ياشقا كىرگەندە ئوقۇتقۇچى بولۇش نىيىتىدە سىفەن شۆيۈەنگە كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ماتېماتىكا بويىچە مۇكاپات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يازغان ماقالىسىنى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى فورييې ئۆيىگە ئاپىرىپ يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. فرانسىيە 1830 - يىلى ئىيۇلدا بوربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش يۈزىسىدىن ئاممىۋىي كۈرەش پارتلىغاندا، گالۇئا ئىنقىلابىي ئىشلارغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر پارچە ماقالە يېزىپ پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە يوللايدۇ. ئەمما ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى پوۋاسون بۇ ماقالىقىنى«چۈشەنگىلى بولمايدىكەن» دەپ تەستىق سۆز يېزىپ قايتۇرىۋېتىدۇ. 1831 - يىلى گالۇئا پادىشاھنى قوغداش پارتىيىسىگە قارشى كۈرەشكە داۋاملىق قاتنىشىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىر يىغىنىدا ئۇ پادىشاھ لۇئى فىلىپنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. گالۇئا تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئايال ئۈچۈن دوئىلغا چىقماقچى بولىدۇ. ئەينى زاماندا ئىجىتىمائىي شارائىت ئۇنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. دوئىل ۋاقتى 1832 - يىلى 30 - ماي قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى گالۇئا ئۆلۈم تەھدىتىنى ئالدىن سېزىپ، بىر سائەت ئىچىدە قىسىقىغىچە خاتىرە يېزىپ ھەم دوستىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۆزى ئاساس سالغان نەزىرىينىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ خېتىدە ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى ياكوبى بىلەن گائۇستىن ئۆزىنىڭ تېئورىمىسىغا ئادىل پىكر بېرىشىنى ھەمدە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە گالۇئا ئۆز رەقىبى بىلەن دوئىلغا چىقىدۇ. ئوق ئۇنىڭ ئۈچىينى تېشىپ ئۆتىدۇ - دە، ئۇ يىقىلىدۇ. بۇ يولۇچى دېھقان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچى كۈنى يەنى 1832 - يىلى 31 - ماي ئەتىگەندە تالانتلىق گالۇئا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نەچچە مىڭلىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر قاينىشىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى يېزىلغان خەت ئېلان قىلىندى. بۇنى گالۇئا كۆرەلمىدى. ئەلۋەتتە، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، گالۇئانىڭ خىزمىتى جامائەت تەرىپىدىن كەڭ ئېتىراپ قىلىنىدى. گالۇئا ھەر بىر ئالگىبرالىق تەڭلىمىدە ئالاھىلىدىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئورۇن ئالماشتۇرۇش توپلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېپىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادە ئارقىلىق يەشكىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ نەزىرىسى توپلام نەزىرىيىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىشىغا ئاساس سالدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن داشۆلەردە ياش گالۇئانىڭ سىزما سۈرىتى ئېسىلىدۇ.
-
بلوگقا ئايلانما خەت كىرگۈزۇش كودى - [تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى]
2010-08-11
بۇ كود بەلگىلەنگەن مەزمۇننى ئاستىدىن ئۈسىتىگە قاراپ ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتەلەيدۇ ، ياقتۇرغانلار ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭلار.
تۆۋەندىكى كودنى 模板设置 دىن كىرىپ 首页设置 دىگەن يەردىكى
添加模块 دىگەن يەردىن 自定义html دىن بىرنى قوشۇپ ،
شۇ 自定义html نىڭ ئىچىگە قوشىسىز،
كود ئىچىدىكى مەزمۇننى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ،
كود ئارسىغا رەسىم قوشسىڭىزمۇ ، ھەتتا google ئېلانى قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ : -
قۇرئاندىكى ماتېماتىكىلىق سىرلار - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2010-08-11
-
ئامىركىلىق ماتېماتىك جۇن تايىت 2010-يىللىق ئابېل ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2010-08-08
نورۋىگىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۇنى بايانات ئىلان قىلىپ ، ئامىرىكىلىق ماتېماتىكا ئالىمى جۇن تايىتنىڭ ماتېماتىكا نەزەرىيىسىدە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن ئابېل مۇكاپاتى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئابېل مۇكاپاتى - نورۋىگىيە ھۆكۇمىتى 2002- يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان ماتېماتىكا ساھەسىدىكى دۇنياۋى كاتتا مۇكاپات بولۇپ ، نورۋىەىيىلىك داڭلىق ماتېماتىك ئابېل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەسىس قىلىنغان. مۇكاپات سوممىسى ئالتە يۇز مىليۇن نورۋىگىيە كرانتى ( تەخمىنەن بىر مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى) بولۇپ ، بۇ مۇكاپاتنىڭ يەنە "نوبىل ماتېماتىكا مۇكاپاتى" دېگەن نامىمۇ بار. -
ماتېماتىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2010-08-08
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسى ھەر بىر سائەتلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى شۇ دەرسنىڭ ئۆزىدە بىلدۈرۈش بىلەن بىللە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش، ئىزدىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر:
1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىدىكى يۈزەكى تەھلىللىرىنى پىششىقلاپ، ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكىدا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆتۈلگەن دەرسنى دەرسخانىنىڭ ئۆزىدە ئىگىلىتىپ، مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماتېماتىكا دەرسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىغا باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئوبدان قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماتېماتىكىلىق شەكىل، ئىسخېما، ھەرىكەت ۋە ئاۋاز قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى بەزى ئابستراكت ئۇقۇم، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق ۋە بىۋاسىتە نامايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم. -
كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودى - [تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى]
2010-08-08
بلوگىڭىزدىكى ئىسىل يازمىلارنىڭ «رۇخسەتسىز ھەمدە ئاپتورى ۋە مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن» ھالدا باشقا بلوگ ۋە تور بەتلەردە ئۇچۇپ يۈگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە ئىچىڭىز پۇشتىمۇ؟ بەلكىم تازا ئاچچىقىڭىز كەلدىغۇ دەيمەن؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودىدىن پايدىلىنىپ غەمدىن خالاس بولۇڭ.
1-خىل كود:
<SCRIPT LANGUAGE=javascript>
function click() {alert('رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ')}
function click1() {if (event.button==2) {alert('بىرنەرسە لازىم بولسا ئىنكاس يېزىڭ')}}
function CtrlKeyDown() {if (event.ctrlKey) {alert('ئېھتىيات قىلىڭ! مۇۋاپىق بولمىغان كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى كومپيۇتېرىڭىزنى كاردىن چىقىرىدۇ')}}
document.onkeydown=CtrlKeyDown;
document.onselectstart=click;
document.onmousedown=click1;
SCRIPT> -
ماتېماتىكا - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-08-06
نېمە ئۇ دېگىنە ماتېماتىكا ؟
بالىلىق يىللارنىڭ شىرىن خىيالى؟
" ؟ " نى مۇئەللىم ئالدىمغا قويۇپ،
قىنى تاپ -دەپ تۇرغان قىيىن سۇئالى؟بىشىدا تونۇشماق قىيىنتى،ئەمما،
سەن بىلەن دوسلاشتۇق ئۇزاق زامانلار.
مەن ئۈچۈن سەنسىزلىك ئەمدى مۇئەممە،
قىينالسام سۇئالدا باردۇر ئاماللار.بەزىدە مەن شۇنى ئويلاپ قالىمەن،
مەن ساڭا نە سەۋەپ ئامراقمەن شۇنچە.
گاھى سەن ئالدىمغا قويساڭ مەسىلە،
ئۇنىڭغا جاۋاب-دەپ تىزىمەن ئۈنچە. -
پېشقەدەم يازغۇچى --- مەسۈمجان زۇلپىقاروف - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-08-05
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە تارىخىي شاھىد مەسۇمجان زۇلپىقاروف ئۈزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
يېقىندا ئۇنىڭ " ئۇيغۇر ئۈرپ - ئادەتلىرى" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كۈپلىگەن شېئىر توپلاملىرى، دراممىلار ھەم " يانار تاغلار " قاتارلىق رومان ۋە پوۋېستلارنىڭ ئاپتورىدۇر. مەسۇمجان زۇلپىقاروف 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى ۋە مىللىي ئارمىيە كاپىتانى بولۇپ، كۈپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ھازىر ئۈزىنىڭ ئەسلىمىسىنى يازماقتا شۇنىڭدەك يەنە 20 - ئەسىر تارىخىغا ئاىت تۈت توملۇق رومانىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەسۇمجان زۇلپىقاروف 1925 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، 1955 - يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۈچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن ھەمدە بىر ئۈمۈر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
-
ئەسىر ئىگىسى- ئەبۇ رەيھان بۈرونى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-08-03
(973~1051)
ئۈزى ياشىغان ئەسىرنىڭ بۈرونى ئەسىرى دۈيىلىشىگە سەۋەب بولغان دۇنياۋى ئالىم ئەبۇ رەيھان بۈرونى ئاسىيانى يورۇتقان تۈت مەركىزىي ئاسىيالىق(شەرقىي ئاسىياغا بۇددا دىنىنى تاراتقان كومراجىۋا، غەربىي ئاسىياغا ئىسلام پەلسەپىسىنى تۇرغۇزغان فارابى، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۇنىۋۈرسال بىلىملەرنى يەتكۈزگەن بۈرونى، شىمالىي ئاسىياغا يۈزىق تاراتقان تاتاتۇڭا نى كۈرسىتىدۇ) نىڭ بىرى بولۇپ 973-يىلى خارەزىمدىكى قاش شەھرىنىڭ بۈرون دىگەن يۈرىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇق ئىسمى ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد بىننى ئەھمەد بۈرونى.
بۈرونى ئاتىسىدىن كىچىك يىتىم قۈلىپ مەدرىستە تىرىشىپ ئوقۇغانلىقتىن ياش ۋاقتىدا خارەزىمشاھلار تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ تۈرك، پارىس، ئەرەب تىللىرىنى ، قەدىمقى زامان تىللىرىدىن ئىبراي ۋە سۈرىيە تىللىرىنى پىششىق ئۈگەنگەن، 17يۈشىدا تۇنجى ئەسىرىنى يۈزىپ ماتىماتىكا، فىزىكا، پەلسەپە، دىن، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، تارىخ پەنلىرىدە شۇ زاماننىڭ ئالىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 1017-يىلى غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن غەزنىگە بۈرىپ ئىككى يىلدىن كۈيىن ھىندىستاندىكى راجاستان شىتاتىنىڭ ئاگمىر دىگەن يۈرىگە بۈرىپ سانسىكىرت يۈزىقىنى ئۈگەنگەن. لاھۇر، مۇلتان، پىشاۋۇر قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ «ھىندىستان ھەقىدە كىتاپ» ناملىق ئىلمى ئەسەرنى يازغان. سانسىكىرت ۋە ئەرەپ تىلىدا «قەدىمقى ئاسارە ئەتىقىلەر»، «مەسئۇدنىڭ ئىلمى نۇجۇم ۋە مۇنەججىملىك پىرىنسىپلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يۈزىش بىلەن بىللە ئوتتۇرا غەربى ئاسىيادىكى پىكىر ئۈقىمى ۋە كەسپى بىلىملەرنى، پەلسەپىۋى قاراش. ئاستىرونومىيە ۋە تەبىئى پەن-بىلىملىرىنى ھىندىستانغا يەتكۈزۈپ ئىسلام دىنىنىڭ ھىندىستانغا تارقىلىشىغا، ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا غەربى ئاسىيا ئارىسىدا ئىلمى ئالاقىنىڭ بولۇشىغا ئاساس سالغان. ئۈيتىشلارغا قارىغاندا بىرۇنى ھىندى تىلى ئۈگىنىپ، بىر يىلدا ھىندى تىلىدا كىتاپ يازغانلىقتىن ھىندى ئۈلىمالىرى چۈچۈپ كۈتىشكەن، غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەسئۇد ئۇنىڭ «قانۇنى مەسئۇد» ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن بىر پىل يۈكى كۈمۈش پۇل بەرگىنىدە برۇنى رەت قىلغان ئىكەن. بىرۇنى ئاخىرقى ئەسىرى بولغا«سەيدەلەفىتتىپ»(تىبابەت غوجىسى) ناملىق ئەسىرىنى 80يۈشىدا تاماملاپ 1051-يىلى غەزنە شەھرىدە ۋاپات بولغان. -
رىشات ئابدۇروسۇل تەبىئى پەن دوكتورى. كانادا سىمون فراسەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوست-دوكتۇر(دوكتۇر ئاشتى) تەتقىقاتچىسى. ماتېماتىكىلىق كونترول نەزىرىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رىشات ئابدۇروسۇل 1962-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەردە تۇغۇلغان. 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئۇ 1988-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ 3-قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتېتى تەبىئى پەن-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، 1991-يىلى 6-ئايدا شەخسى راسخوتى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا ياپونىيىگە چىققان، ھەم بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغان فاكۇلتېتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇغان. 1996-يىلى 9-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى 4-ئايدىن 1999-يىلى 3-ئايغىچە كومپيۇتېر شىركىتى «Algo21 corporation» دا كومپيۇتېر ئىنزھېنېرى بولۇپ ئىشلەپ، CAM(Computer Aided Manufacturing) سىستېمىسىنى تەتقىق ھەم ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلى ئۈزى ئوقۇغان مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كەسپى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 2004-يىلى لېكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ COE تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ «Human Adaptive Mechatronics» يەنى ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشالايدىغان ئېلېكتر مېخانىك سايمانلىرى (روبوت -- ماشىنا ئادەم) توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2005-يىلى 10-ئايدا ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۈچمەن بولۇپ بارغان بولۇپ، ھازىر كانادانىڭ Vancouver شەھەردە تۇرىدۇ. -
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (5) بىلال ئىلياس - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-07-30
بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن