.
ئىنسانلار ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ «تاشقى پلانېتا ئادەملىرى» نى ئىزدەۋاتقىنىدا، ناۋادا تاشقى پلانېتا «ئادەملىرى» ئۇچراپ قالسا،
ئۇلار بىلەن قانداق سۆزلەشكۈلۈك دېگەن قىيىن بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى. روشەنكى، ئىنسانلارنىڭ تىلى، يېزىقى، مۇزىكىسى ئەسقاتمايتتى. جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى خۇا لوگېڭ سان بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سخېمىنى تاشقى پلانېتا «ئادەملىرى» بىلەن سۆزلىشىش تىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ سخېمىدا تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى3 ،4 ،5 بولغان ئۈچ كۋادرات بار، ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئۈچبۇلۇڭ قورشالغان، ئۈچ كۋادرات چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش كاتەكچىلەرگە بۆلۈنگەن، ھەربىر تەرەپتىكى بۇ كاتەكچىلەرنىڭ سانى شۇ تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇق سانىغا تەڭ بولىدۇ، ئىككى كىچىك كۋادراتنىڭ كىچىك كاتەكچىلىرىنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم9 ۋە15 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى25 بولۇپ، چوڭ كۋادراتنىڭ كىچىك كاتەكچىلىرىنىڭ سانىغا تەڭ. بۇ شەكىل: «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ كاتېتلار (ئىككى تىك تەرەپ) كۋادراتلىرىنىڭ
يىغىندىسى گېپو تىنوزا (يانتۇ تەرەپ) كۋادراتىغا تەڭ» دېگەننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ گوگۇ تېئورېمىسىدۇر
.
.
غەربتە كىشىلەر ئۇنى پىفاگور تېئورېمىسى دەيدۇ. گوگۇ تېئورېمىسى قەدىمىي ۋە ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىر تېئورېما، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا،4000 يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن جۇڭگودىكى بۈيۈك يۈي گوگۇ تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىككى يەرنىڭ يەر پەرقىنى بەلگىلەپ قىياننى تىزگىنلىگەن. قەدىمكى مىسىرلىقلارمۇ گوگۇ تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ تىك بۇلۇڭلارنى ئارغامچىغا تۈگۈن تۈگۈش ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلەپ، ئېھرامنىڭ كۋادرات شەكىللىك ئاساسى (ئۇنىڭ تۆت تىك بۇلۇڭى بار) نى بەلگىلىگەن، گوگۇ تېئورېمىسى ھازىرقى زاماندا تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ. ياغاچچى3 ،4 ،5 لىك تانا تارتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تىك سىزىق ياكى تىك بۇلۇڭلارنى بەلگىلەيدۇ، ئۆينىڭ چېدىر لىمىغا كېتىدىغان ماتېرىيال ۋە كراننىڭ خىزمەت ئېگىزلىكى گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ھېسابلىنىدۇ. گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا، قۇرۇلۇش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، گوگۇ تېئورېمىسىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قوللىنىلىش دائىرىسىگە ھېچقانداق ماتېماتىكىلىق تېئورېمىلار تەڭ كېلەلمەيدۇ.
جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەر خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك، گوگۇ تېئورېمىسىنى كەشىپ قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى. بۇ گوگۇ تېئورېمىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ ئاساسىي قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەبىئىي ھالدا باشقا پلانېتىلاردىكى «كىشىلەر» نىڭ ئىنسانلار بىلەن «گېپى بىر يەردىن چىقىپ قېلىشى» مۇمكىن دەپ ئويلىدى. شۇ سەۋەبتىن گوگۇ تېئورېمىسىنى تاشقى پلانېتا «كىشىلىرى» بىلەن پىكىرلىشىدىغان ئالەم تىلى قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ.