( ماركىدىكى سۇرەتتە: ئەرەپ ماتېماتىكى ئەل كائىندى )
.
ھازىر ئاددىي كەسىرنى ئىپادىلەشتە، بىر كەسىر سىزىقى « _ » سىزىلىپ، سۈرەت كەسىر سىزىقىنىڭ ئۈستىگە، مەخرەج كەسىر
سىزىقىنىڭ ئاستىغا يېزىلىدۇ، ئارىلاش كەسىرنىڭ پۈتۈن سان قىسمى كەسىر سىزىقىنىڭ سول تەرىپىگە يېزىلىدۇ. مەسىلەن ⅞,½,¼7 دېگەندەك. لېكىن، كىشىلەر ئاددىي كەسىر بىلەن يېڭى تونۇشقاندا، ئۇ مۇنداق ئىپادىلەنمەيتتى. ئاددىي كەسىرنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئېلىمىزدە بامبۇك تاياقچىلىرى بىلەن ھېسابلاش ئىچىدىكى بۆلۈش ئەمىلىدىن بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ئارىلاش كەسىر64 بامبۇك چوكىلىرىنى رەسىمدىكىدەك تىزىش بىلەن ئىپادىلەنگەن. ھىندىلارنىڭ ئاددىي كەسىرنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى دۇنيادا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇلار سۈرەتنى ئۈستىگە، مەخرەجنى ئاستىغا، ئارىلاش كەسىرلەرنىڭ پۈتۈن سان قىسمىنى ئەڭ ئۈستىگە يازغان. مەسىلەن، نى بىلەن،2 نى بىلەن ئىپادىلىگەن. ئاخىرىدا ئەرەبلەر كەسىر سىزىقىنى ئىجاد قىلىپ، سۈرەت ۋە مەخرەجنى بىر توغرا سىزىق بىلەن ئايرىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاددىي كەسىرنى ھازىرقىدەك ئىپادىلەش شەكلى بارلىققا كەلگەن. باشقا بەلگىلەرگە ئوخشاش، كەسىر سىزىقىمۇ بارلىققا كەلگەن ھامان قوبۇل قىلىنىپ كەتمىگەن، بەلكى تەدرىجىي قوبۇل قىلىنغان.18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سەھىپىنى تېجەش ۋە يېزىشقا قۇلاي بولۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، a/b بىلەن ئىپادىلىگەن.