泰勒斯. Thales تۇنجى ماتېماتىك تىرۇس (مىلادىدىن بۇرۇن 624-547)
.
بابىلۇنلۇقلار بىلەن قەدىمكى مىسىرلىقلار نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملىرىنى توپلىغان بولسىمۇ، ئۇلار «قانداق قىلىش كېرەك؟» لىكىنىلا بىلىپ، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىش كېرەك» لىكىنى بىلمەيتتى. قەدىمكى گرېكلەر ئەرەبلەردىن بۇ تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پۇختا ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ماتېماتىكا پېنىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.
ماتېماتىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۇنجى بولۇپ زور تۆھپە قوشقان كىشى تىرۇستۇر.
( تىرۇسنىڭ ئېھرامنىڭ ئىگىزلىكىنى ئۆلچىشى )
.
ئۇ قۇياشنىڭ شولىسىدىن پايدىلىنىپ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ھېسابلاپ چىققان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلانغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇلۇڭلارنىڭ ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىنى؛ تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئاساس بۇلۇڭلىرىنىڭ ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىنى؛ چەمبەرنىڭ خالىغان بىر دىئامېتىرى ئۇنى تەڭ ئىككىگە بۆلىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر ئىككى ئۈچبۇلۇڭنىڭ بىر تەرىپى ۋە بۇ تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭى ماس ھالدا ئۆزئارا تەڭ بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئىككى ئۈچبۇلۇڭ تەڭ بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغان ھەم بۇ بىلىملەرنى ئىسپاتلىغان. بۇ بىلىملەر ھازىر قارىماققا ئاددىي بىلىنگىنى بىلەن، ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالتىس نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. تىرۇستىن كېيىن، پىفاگور يادرولۇقىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ماتېماتىكىغا تۆھپە قوشتى.
.
ماتېماتىك پىفاگور
.
ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنىڭ بىرى «گوگۇ تېئورېمىسى» نى بايقىغانلىقىدۇر، غەربتە ئۇ «پىفاگور تېئورېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تېئورېمىدىن پايدىلىنىلغاندىن كېيىن، ئىرراتسىئونال سان بايقىلىپ،1 ىنچى قېتىملىق ماتېماتىكا كرىزىسى كېلىپ چىقتى. پىفاگوردىن سەللا كېيىن زېنو مەشھۇر تۆت پارادوكسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى ماتېماتىكا ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ترۇستىن زېنوغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، قەدىمكى گرېتسىيە ماتېماتىكىسىدا پۈتۈنلەي يېڭىچە تەرەققىيات بارلىققا
.
欧几里德 ماتېماتىك ئېۋكىلىد (مىلادىدىن بۇرۇن 325-265)
.
كەلدى. ئېۋكلىد ئۇنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، ماتېماتىكا تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر − «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى يېزىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۆگىنىۋاتقان تەكشىلىك گېئومېتىرىيىسى بىلىملىرى مۇشۇ كىتابنى مەنبە قىلىدۇ. ئېۋكلىدتىن كېيىن ئارخىمېد گرېتسىيە ماتېماتىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، كىشىلەر بۇ دەۋرنى «ئالېكساندرىيە دەۋرى» دەپ ئاتىدى. ئارخىمېدنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى خىزمىتى ئۇ ياشىغان دەۋردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەچكە، كېيىنكىلەر ئۇنى «ماتېماتىكا پىرى» دەپ ئاتاشتى.
阿基米德 ماتېماتىك ئارخىمىد (مىلادىدىن بۇرۇن 287-212)
.
ئۇ بىر خىل چوڭ سان سىستېمىسىنى لايىھىلىگەن، بۇ سىستېمىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل ئالەم قۇم دانچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتسىمۇ، قۇم دانچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا ساناپ چىققىلى بولاتتى. ئۇ ئىچتىن تېگىشكەن مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىك ۋە سىرتتىن ئۇرۇنغان مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىكلەرنىڭ تەرەپ سانىنى ئاشۇرۇپ سىزىش ئارقىلىق، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتىنىڭ Π=3.1408450704225352112676056338028 بىلەن3.1428571428571428571428571428571 =Π ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئۇ يۈز ۋە ھەجىمنى ھېسابلاش فورمۇلىسىنى تېپىپ چىققان، يەنە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئارخىمېد سپىرالىنى ئىجاد قىلغان. ئارخىمېدتىن كېيىن، قەدىمكى گرېتسىيە ماتېماتىكىسىدا ئەمەلىي قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئاسترونومىيە تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھىپپاركوس، مېنىلاس، پتولېمىلار ترىگونومېتىرىيىنى بەرپا قىلدى. نېكماشيۇس تۇنجى بولۇپ مەخسۇس سانلار نەزەرىيىسى ھەققىدە «ئارىفمېتىكا ئاساسلىرى» دېگەن كىتابنى يازدى. دىئوفانت ھەر خىل تەڭلىمىلەر، بولۇپمۇ ھەر خىل ئېنىقسىز تەڭلىمىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلدى. نەتىجىدە، ئېلېمېنتار ماتېماتىكىنىڭ بىرنەچچە تارمىقى − ئارىفمېتىكا، سانلار نەزەرىيىسى، ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە، ترىگونومېتىرىيىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ بابىلۇنلۇقلار، قەدىمكى مىسىرلىقلار تۆرەلدۈرگەن ماتېماتىكا «بوۋىقى» نىڭ قەدىمكى گرېتسىيىدىكى بۆشۈكتە دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
|