-
ماتېماتىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2010-08-08
ماتېماتىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇگۈلمىرە مەمەتباشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسى ھەر بىر سائەتلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى شۇ دەرسنىڭ ئۆزىدە بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش، ئىزدىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر:1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىدىكى يۈزەكى تەھلىللىرىنى پىششىقلاپ، ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكىدا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆتۈلگەن دەرسنى دەرسخانىنىڭ ئۆزىدە ئىگىلىتىپ، مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماتېماتىكا دەرسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىغا باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئوبدان قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماتېماتىكىلىق شەكىل، ئىسخېما، ھەرىكەت ۋە ئاۋاز قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى بەزى ئابستراكت ئۇقۇم، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق ۋە بىۋاسىتە نامايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.3. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى قايتۇرما ئىنكاس ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماتېماتىكا مەشىقى يېڭى مەزمۇن ۋە بىلىملەرنى پۇختىلاش ھەم مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا دەرسىگە مۇناسىۋەتلىك كۆنۈكمە ۋە مەشىقلەرنى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى مۇستەھكەملىشىگە ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، تېپىشماق، ئويۇن، ئويلىنىش خاراكتېرلىك ماتېماتىكا مەشىقلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئاساسەن، بىلىمنى ئوقۇغۇچىدىن ئېلىپ يەنە ئوقۇغۇچىغا قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
收藏到:Del.icio.us
<< كۆچۈرۈشنى چەكلەش كودى | باش بەت | ئامىركىلىق ماتېماتىك جۇن تايىت 2010-يىللىق ئابېل ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى >>