-
تەبىئەتتىكى ماتېماتىكا - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2010-06-01
-
فۇنكىتسىيىنىڭ گىرافىكىنى سىزېش قۇرالى - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-06-01
بۇگۇن تور ئارىلاۋىتىپ فۇنكىتسىيىنىڭ گىرافىكىنى سىزېشنىڭ بىر ياخشى قۇرالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.بۇ قۇرال توردا مەشخۇلات قىلىش قۇرالى بولۇپ ماڭا خېلى ياراپ قالدى . بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئۇچ ۋە تۆت ئۆلچەملىك شەكىللەرنى سىزغىلى بولىدىكەن.پارامېتىرلىق تەڭلىمە،تېرگونومېتىرىك تەڭلىمە ، تەتۇر تېرگونومىتېرىك تەڭلىمە، لوگارىفمىلىق تەڭلىمە،مۇتلەق قىممەتلىك تەڭلىمىلەرنى قوللايدىكەن، گېرافىكلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىختىيارى ئۆزگەرتىشكە ھەم ئايلاندۇرۇپ تەڭشەشەكە بولىدىكەن، شۇڭا دوسلارغا تەۋسىيە قىلدىم.
-
بىر قانچە ئالگېبرالىق ئەگرى يۈز - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-05-31
-
قانۇنىيەتنى تاپالامسىز ؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-05-31
(1) 3, 0, 1, 5, 1, 5, 7, 2, 49, ?, ?, ?
(2) 1126311, 1225410, ?, 1423608, ?
(3) ?, 1819202122, 6061626364, 186187188189190, ?
(4) ZZ, 2, ZYZ, ZX, 2, ZUR, ZV, ?, ?
(5) 0, 5, -3, 5, -3, ?, 4, 3, 8, -4, 1, 3, ?, 7, 9, 6, ?, 8, 2, 3, 3, 5, 4, 7, 9
-
ئاجايىپ كاتتا فورمىلا - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-05-31
بۇ چىرايلىق فورمىلا ئۇشبۇ ئىراتسىئونال ساننىڭ تەخمىنى قىممىتىنى كۆرسۇتۇش ھالىتى بولۇپ، ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان قىززىقارلىق يىرى شۇكى ، ئوڭ تەرەپتىكى قىممەتلەر تەبى سان 1 دىن 9 غىچە بولغان سانلاردىن تۇزۇلگەن ئىپادىدۇر.ئۇنىڭ تىخىمۇ قالتىس يىرى شۇكى، بۇ بىر تەخمىنى قىممەت بولغىنى بىلەن ئونلۇق كەسىر چىكىتىدىن كىيىنكى ئىناۋەتلىك خانىلەر سانى: 457, 734, 525, 360, 901, 453, 873, 570 !
-
ئۇيغۇر ئالىمى فارابى ھەققىدە - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-05-31
فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى. فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى.
بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.
.
-
-
ماتېماتىكا ....شاكىلاتتۇر - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-05-30
سىز ھازىر كۆرۇپ تۇرغىنىڭىز بىر ماتېماتىكىلىق شاكىلاتتۇر ! شاكىلاتقا ئىنتېگرال ۋە تېرگونومىتېرىك فورمىلالار يىزىلغان. كارامەت... قالتىس! مىنىڭمۇ شۇنداق يىگۇم كىلىپ كەتتى، يىسىڭىز مۇشۇنداق شاكىلاتنى تېپىپ يەك.
-
سۆزى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە خەتلىك ، بىراق بەك ياخشى.... !
-
بارس ، يولۋاس . تۈرك خەلقلىرىدىكى ئون ئىككى مۆچەلدىن بىرىنىڭ نامى . تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېىلپ ، ئون ئىككى يىلغا ئات قوغان . ئۇلار باللىرىنىڭ ياشلىرىنى ، جەڭ تارخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋرى قىلىشى) بىلەن ھېسابلىنىدۇ .
تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگنمەكچى بولغان ، بۇنىڭغا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن ئېنىقلاشتا خاتالاشقان ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن : «بىز بۇ تارخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق ، بىزنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ . شۇڭا ، بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى ، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن ، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن» . خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللىغان . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرىغان . بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن . بىرمۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان . ئۇلاردىن ئون ئىككى خىل ھايۋان سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن . ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان . سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتكەن. شۇڭا، يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ چاشقان يىلى دېيىلگەن -
يۇمۇر، يۇمۇر ، يۇمۇر، يۇمۇر! - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]
2009-05-12
بىر ماتېماتىك باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
........
___ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟
ماتېماتىك :
___ ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !
__ سەن دەپ باقە ، دۇنيادا ئەڭ پىخسىك ئادەملەر كىمۇ؟
__ ئەلۋەتتە ماتېماتىكلار-دە ، ئۇلار ھەتتە بىر مىللىمېتىرنىمۇ تالىشىدۇ ! -
شاھمات تاختىسىدىكى ماتېماتىكا - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-05-12
خەلقئاراچە شاھمات تاختىسىدا 8x8=64 كاتاكچە بار بولۇپ ، خالىغان بىر يۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئورۇندىكى ئات ، يۇرۇش يولىنى تەكرارلىماي 64 كاتاكچىنى تولۇق يۇرسە ،ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كىلىدۇ . نېمە ئۇچۈن؟
بۇ مەسىلىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدا ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. سىناپ باقامسىز؟
-
مەشھۈر ماتېماتىكا مەسىللىرى (1) - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-05-12
قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچ
ئوخشاپ كىتىدىغان 10 تال ئاچقۇچ ۋە ئېتىلگەن 10 قۇلۇپ بولۇپ ، ھەر بىر ئاچقۇچ پەقەت بىر قۇلۇپنىلا ئاچالايدۇ. قۇلۇپ بىلەن ئۇنىڭ ئاچقۇچىنى جۈپلاش ئۈچۈن، ئەڭ ئاز بولغاندا قانچە قىتىم ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سىلىپ ئىچىپ بىقىش كىرەك بولىدۇ ؟ -
كېچىنى كۇندۇزگە ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-05-07
-
تۆگە بىلەن مەدەن ئىزدەش - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-05-07
مەلۇم بىر يەرنىڭ تېگىدە مەدەن بولسا ، شۇ يەر پوستىنىڭ سىلىشتۇرما ئېغىرلىقى يۇقۇرى ، ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى چوڭراق بولىدۇ. سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولۇگىيە ئالىملىرى مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن تۆگە بىلەن مەدەن ئېزدەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان .
تۆگە بىلەن مەدەن ئىزدەش مۇنداق بايقالغان: گېئولۇگلار قازىقىستاندىكى جايلارنىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتىنى ئىنىقلاۋاتقاندا ، بىر قىزىقارلىق ئەھۋال يۇز بەرگەن . ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ كىچىك نوقتىلار تۇتاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان تېرايىكتورىيە تۆگىلەرنىڭ مېڭىش يۆنۇلىشى بولغان. بۇ ھادىسە تۆگىلەرنىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ كىچىك جايلارنى تاللاپ ماڭىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئېغىر يۇك ئارتىلغان تۆگە ماڭغىلى ئۇنىمىغان جاينىڭ ئېغىرلىق كۇچى كويفېنسىنتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بۇنداق جايدىن مەدەن چىقىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى. بۇ ئالىملار تۆگىگە ئېغىر تۇك ئارتىپ ماڭدۇرۇپ باققان ، ئاندىن تۆگە ماڭغىلى ئۇنىمىغان جايلارنى بۇرغۇلاپ تەكشۇرگەن . دەرۋەقە بۇ ئۇسۇل ئوبدان ئۇنۇم بەرگەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار 20 نەچچە جايدا كان تاپقان ھەم نۇرغۇن راسخۇتنى تېجەپ قالغان.