(1)
بىر ماتېماتىك باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
........
___ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟
ماتېماتىك :
___ ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !
(2)
__ سەن دەپ باقە ، دۇنيادا ئەڭ پىخسىك ئادەملەر كىمۇ؟
__ ئەلۋەتتە ماتېماتىكلار-دە ، ئۇلار ھەتتە بىر مىللىمېتىرنىمۇ تالىشىدۇ !
(3)
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
__ سەن مۇشۇ ئاددىي ئېلىش ئەمىلىنىمۇ بىلمىدىڭمۇ ؟ ؛ مەسىلەن بىر مىسال كەلتۇرۇپ بىرەي _ سىلەرنىڭ ئۆيۇڭلەردە 10 ئالما بولۇپ ،ئۇنىڭدىن سەن 4 نى يەۋەتسەڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ؟
ئوقۇغۇچى ئۇخ تارىتقان ھالدا :
__ نەتىجىسى قانداق بولماقچىتى، بىر شاپىلاق يەيمەن شۇ !
(4)
ئىككى قىز ئوقۇغۇچى تولا پاراڭ قىلىپ دەرىسخانىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپتۇ، بۇ نىڭدىن خاپا بولغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى:
__ ئىككى قىز بالىنىڭ ئاۋازى مىڭ ئۆردەكنىڭ ئاۋازىغا باراۋەر كىلىدىكەن_ دەپ دەرىستىن چۈشۈپ كىتىپتۇ. بىر دەمدىن كىيىن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايالى ئۇنى ئىزدەپ كەپتىكەن، ھىلىقى قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىغا خەۋەر قىلغىلى كىلىپ :
__ مۇئەللىم، تالادا سىزنى 500 ئۆردەك ئىزدەپ كەپتۇ - دەپتۇ !
(خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى)