-
«تۇركىي تىللار دىۋانى» ئون ئىككى مۆچەل توغرىسىدا - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-05-13
بارس ، يولۋاس . تۈرك خەلقلىرىدىكى ئون ئىككى مۆچەلدىن بىرىنىڭ نامى . تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېىلپ ، ئون ئىككى يىلغا ئات قوغان . ئۇلار باللىرىنىڭ ياشلىرىنى ، جەڭ تارخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋرى قىلىشى) بىلەن ھېسابلىنىدۇ .
تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگنمەكچى بولغان ، بۇنىڭغا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن ئېنىقلاشتا خاتالاشقان ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن : «بىز بۇ تارخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق ، بىزنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ . شۇڭا ، بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى ، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن ، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن» . خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللىغان . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرىغان . بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن . بىرمۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان . ئۇلاردىن ئون ئىككى خىل ھايۋان سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن . ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان . سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتكەن. شۇڭا، يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ چاشقان يىلى دېيىلگەن .
ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قالغان.ئون ئىككى ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئون ئىككى يىل:
(1) چاشقان يىلى
2) ئۇي يىلى (كالا يىلى)
3) بارس يىلى(يولۋاس يىلى)
4) توشقان يىلى .
5) لەھەڭ يىلى (تىمساھ يىلى)
6) يىلان يىلى
7) ئات يىلى
8) قوي يىلى
9) مايمۇن يىلى
10) توخۇ يىلى
11) ئىت يىلى
12) توڭگۇز يىلى
توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدۇ.مەھمۇد كاشغەرىي ئېيتىدۇكى: بۇ كىتابنى يازغان يىلىمىز 466-يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيى بولۇپ، يىلان يىلى كىرگەنىدى. بۇ يىل ئۆتۈپ 467-يىلغا قەدەم قويغاندا، ئات يىلى كىرىدۇ. يىل ھېسابى بىز كۆرسەتكەن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.
تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەربىرىدە بىر خىسلەت بار دەپ تەخمىن قىلىدۇ.
مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە،
ئۇي يىلى (كالا يىلى) كىرگەندە ، ئۇرۇش كۆپىيىدۇ ، چۈنكى ئۇي بىر-بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان ،
توخۇ يىلى كىرسە ئۇرۇق-تۇققان كۆپىيىدۇ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدۇ، چۈنكى توخۇنىڭ يېمى دان، توخۇ داننى تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت-چاۋالارنى تاتلاپ چېچىۋېتىدۇ.
لەھەڭ يىلى كىرىشى بىلەن ھۆل يېغىن كۆپىيىپ ئاشلىق ئوخشايدۇ. چۈنكى، لەھەڭ (تىمساق) سۇدا ياشايدۇ.
توڭگۇز يىلى كىرىشى بىلەن قار كۆپ ياغىدۇ. سوغۇق قاتتىق بولىدۇ، پىتنە-پاسات كۆپىيىدۇ. تۈركلەر ئەنە شۇ يوسۇندا، ھەر يىلى بىرەر ھادىسە يۈز بېرىدۇ، دەپ ئېيتىشىدۇ.
تۈركلەردە ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ئېتى يوق. چۈنكى، «ھەپتە» دېگەن ئۇقۇم ئىسلامدىن كېيىن مەلۇم بولدى.ئايلارنىڭ ئىسمىغا كەلسەك، شەھەرلەردە ئەرەبچە ئاي ئىسىملىرى قوللىنىلىدۇ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلۈپ، ھەر ئۈچ ئاينى بىر نام بىلەن ئاتايدۇ . يىلنىڭ ئۆتۈشىنى شۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. مەسىلەن ، نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى «ئوغلاق ئاي» دەيدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى «ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي» دەيدۇ . چۈنكى، بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى «ئۇلۇغ ئاي» دەيدۇ . چۈنكى، بۇ ئاي يازنىڭ ئوتتۇرسىدا بولۇپ، بۇ چاغدا يەر يۈزى تۈرلۈك نېمەتلەرگە تولۇپ مال-ۋارانلار سەمىرىيدۇ، سۈت كۆپىيىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش. كۆپ ئىشلىتىلمىگەچكە، قالغان ئاي ئىسىملىرىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزۈڭ بىلىۋال.
ــ «تۈركىي تىللار دى دىۋانى»1-توم(449-452)بەتلەر
收藏到:Del.icio.us
评论
مەن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،مەن كۆپتىن بىرى ماتىماتىكا بىلوگىنى ياقتۇرۇپ كۆرۇپ كىىۋاتىمەن.مۇمكىن بولسا سىزنىڭ بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنىڭ بىرقۇرغۇچىسى بولۇپ قىلىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.يەنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمەن.ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز ھەرۋاقىت سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
مىنىڭ چ چ نومۇرۇم"282763137 ئىلخەت ئادرىسىم:يازالمىدىم