-
ماتېماتىكا[数学] - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
ماتېماتىكا[数学]
رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكلى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ماتېماتىكا دەپ ئاتىلىدۇ .
ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى تارىخي دەۋىرلەردە ، ئىنسانلارنىڭ ماتېماتىكا ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاش بولمىدى ، ئەڭ دەسلەپ پەقەت بەزىبىر ئاددىي سانلار ۋە گېئومېترىيلىك شەكىل - جىسىملار ھەققىدىكى ئوقۇملارغا ئىگە بولدى ؛ 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئارىفېتىكا ، ئېلېمېنتار ئالگېبرا ، ئېلېمېنتار گېئومېتريىە ۋە تېرگونومېتريىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئېلمېنتار ماتېماتىكا ئومۇمەن مۇكەممەللەشتى . 17- ئەسىردە ئىشلەپ چىقىرش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش بىلەن كىشلەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئۇقىمىغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكا ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مىقدارلارنىڭ بىر -بىرىنى شەرت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ۋە شەكىللەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگرشىنى تەتقىق قىلىدىغان بولدى ، شۇ ئارقىلىق ھەركەت ۋە دېئالېكتىكا ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرىلدى . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ تەبىئەت ھادىسلىرىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىش ، بىلىش ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئوبدان تىزگىنلەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىندى ؛ شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرسى ئۈلۈكسىز كېڭىيىپ ، مەزمۇنى كۈنسايىن بېيىپ باردى . ماتېماتىكا كەڭ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ۋە ئۆزگەرتىسى داۋامىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ھېسابلاش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغانلىقتىن ، ئۇنىڭ بۇ خىل تولى تېخىمۇ روشەن بولدى . مەزمۇن جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ماتېماتىكىلىق لوگىكا ، سانلار نەزەرىيسى ، ئالگېبرا ، گېئومېترىيە ، توپولوگىيە ، فۇنىكسىيەلەر نەزەرىيسى ، فۇنكسىئونال ئانالىز ، دېففېرىنسىئال تەڭلىمىلەر ، ئېھتىماللىق نەزەرىيسى ۋە ماتېماتىكىلىق سىتاستىكا ، ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ... قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈندى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ،ئوپراتسىيە ئىلمى ، كىبېرنېتىكا ( كونتىرول قىلىش ئىلمى ) قاتارلىق ئارلىقتىكى پەنلەرمۇ بارلىققا كەلدى . دەر ۋەقە ، ماتېماتىكا تەتقىق قىلىدىغان سانلىق مىقدار ۋە شەكىلنىڭ مەنىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تىلغا ئېلىندىغان مەنىسىدىن كۆپ چوڭقۇر ۋە كەڭ بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ماتېماتىكا پەقەت بىر پەنلا بولۇپ قالماي« پۈتكۈل كائىناتقا ئورتاق بىردىنبىر تىل » بولۇپ قالدى .历史上的今天:
ماتېماتىك لىبېك 2010-09-20ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى 2010-09-20ئالماشتۇرۇش [变换] 2010-09-20ۋېكتورلۇق بوشلۇق 2010-09-20ئارخىمېد (阿基米德) 2010-09-20
收藏到:Del.icio.us