-
ماتېماتىك جەمشىد ھىجرى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-07-01
غەربتىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىجادىيەتلىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ئىنسانىيەت ھەزارىتىگە چوڭ خىزمەت قىلىشتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ياۋرۇپالىق ئالىملار غىياسۇددىن، دەپ تونۇلغان جەمشىد ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مەھمۇد كاشانى ھىجرى 9ـ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ماتېماتىكا ئالىمى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈنىمىزدە پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان ئونلۇق كەسىر سانلارنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئىجادىيەتنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ھېسابلاش جىھازلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا چوڭ رولى بولغاندۇر.
جەمشىد كاشانىنىڭ "مىفتاھۇل ھۇسساب فى ئىلمىلھىساب (ماتېماتىكاچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىدىكى ئاچقۇچى)" ناملىق ئەسىرى مەكتەب ۋە ئۈنىۋېرسىتىتلەردىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە غەرب ۋە شەرق ئالىملىرىنىڭ ئەسىرلەرچە تايىنىدىغان مەنبىئى بولغاندۇر. شۇنىڭدەك ئالىملار كاشانىي ئىجاد قىلغان ۋە دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ۋە قانۇنلارنى ئىشلەتكەندۇر.
جەمشىد ھىجرى 8ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراننىڭ كاشان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ھىجرىنىڭ 839ـ يىلى (1435ـ م) ۋاپات بولغاندۇر. ئۇ ۋاپاتىدىن 20 يىل ئاۋۋال كاشاندىن سەمەرقەنتكە كۆچۈپ بارغان ۋە ئونلۇق كەسىر ساننى ئۇ يەردە ئىجاد قىلغان. كاشانى ئونلۇق كەسىر سانلارنى قانداق ئىشتىلىتىش ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ، ئۇنى ئىشلىتىش يوللىرىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ تارىختا بىرىنچى قېتىم ماتېماتىكا ئىلمىنى ھەممە ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئۇ تەقرىبى نىسبەتتە ئەڭ ئىنچىكە قىممەتكە ئېرىشكەن. غەرب ئالىملىرى جەمشىد كاشانىنىڭ ئۇلاشقان نەتىجىسى 20ـ ئەسىر ئالىملىرىنىڭ ھېسابلاش جىھازى ئارقىلىق يەتكەن نەتىجىسىگە تەڭ كېلىدۇ، دەيدۇ.
http://merifet.net/bbs/ShowPost.asp?menu=Previous&ForumID=14&ThreadID=429
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
<< بالىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى 3 باسقۇچ | باش بەت | بىر قىسىم ماتېماتىكىلىق فورمىلالارنىڭ ئىنگلىزچە ئوقۇلىشى >>