-
بالىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى 3 باسقۇچ - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-07-01
1. كۆرسىتىپ يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بالىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئايلانغان، سەپەرگە ياكى سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندا، بالىغا يولدىكى نومۇر كۆرسەتكۈچ، دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسى ۋە ئېلان تاختىسىنى كۆرسىتىڭ. كۆرگەن رەقەملەرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇتۇڭ. بۇنداق قىلسا، بالىدا يەسلىگە كىرىشتىن ئىلگىرىلا رەقەم چۈشەنچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرغاندا، ئۆچىرەتتىكى ئادەملەرنى ساناش، ئۆيگە قايتقاندا دەل - دەرەخلەرنىڭ سانىنى ساناش ياكى بىناغا چىققاندىمۇ بالا بىلەن بىرلىكتە پەلەمپەينى ساناشنى ئۇنتۇماڭ.
2. ئاڭلاش، سوراش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بەزى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى دوستلار ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى تىزىۋېلىپ، تەرتىپ بويىچە ئۇلارغا تېلېفون ئۇرغۇزۇڭ، سىز بالىڭىزغا تېلېفون نومۇرىنى ئوقۇپ بېرىپ تېلېفوننى بالىڭىزغا ئۇرغۇزسىڭىز بولىدۇ. بالىڭىز ئۈنلۈك ھالدا قەغەزدىكى تېلېفون نومۇرىنى ئوقۇسا، سىز تېلېفون ئۇرۇشقا مەسئۇل بولسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ ئۆي ۋە بوۋا، مومىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئەستە ساقلىشىغا دىققەت قىلىڭ. بالىغا تەرتىپسىز رەقەملەر گۇرۇپپىسىنى ئەستە ساقلاشنى مەشىق قىلدۇرۇڭ.
3. قول سېلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بالا ئۆيدە ئويناۋاتقاندا، ھەر بىر ھوجرىدىكى ئۆي جاھازىلىرىنى كۆزىتىشكە، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشقا يېتەكلەڭ.
ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا بالىڭىزنى گىئومېتىرىيىلىك ئاساسىي ئۇقۇمنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەڭ. مەسىلەن، 4 تەرەپلىك، 3 بۇلۇڭ، چەمبەر ۋە 5 تەرەپلىك قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز يەنە بالىڭىزغا 2 ئۈچ بۇلۇڭنىڭ بىرىكىپ بىر تۆت تەرەپلىكنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، بىر دانە چەمبەرنى 2 دانە يېرىم چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئويۇنغا تەۋە تۈرلەر، مەسىلەن، ئۆيدىكى لۆڭگە، مۇنچا لۆڭگىسى، قول ياغلىق قاتارلىقلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بالىڭىزنى ئوخشاش بولمىغان رەڭ ۋە چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر قانچە گۇرۇپپىغا ئايرىغۇزۇڭ. مەسىلەن، سىز كۆك رەڭ گۇرۇپپىسى قانچىلىك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سوراش ئارقىلىق بالىڭىزنى سانىغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى جاۋابقا ئىگە قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنى 2 تال كۆك رەڭلىك لۆڭگە، بىر دانە قول ياغلىق ۋە 3 جۈپ كۆڭ رەڭلىك پايپاق بولۇپ، كۆك رەڭ گۇرۇپپىسىدا جەمئىي 6 تال نەرسە بار، دېگەنلەرگە ئوخشاش.
مۇكەررەم مۇھەممەت تەرجىمىسىكېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى
收藏到:Del.icio.us