-
ماتېماتىك دېكارت - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-30
دېكارت
[笛卡儿 Rene Descartes مىلادى 1596-يىلىدىن 1650-يىلىغىچە ياشىغان]
فرانسىيە پەيلاسوپى، فىزىكى، ماتېماتىكى، ئانالىتىك گېئومېترىيىنىڭ ئىجاتچىسى. دېكارتنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مېتودولوگىيە»، «مېتافىزىكىلىق خىياللار»، «پەلسەپە پرىنسىپلىرى»..... قاتارلىقلار بار. «مېتودولوگىيە» نىڭ ئاخىرىغا «سۇنغان نۇرلار»، «ئاقار يۇلتۇزلار ھەققىدە»، «گېئومېترىيە» دىگەن ئۈچ پارچە قوشۇمچە قىلىنغان. «گېئومېترىيە» قىسمىدا ھەركەتتىكى بىر نۇقتىنىڭ كوردىناتى چۈشەنچىسى تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلۇپ، ئانالىتىك گېئومېترىيە ئىجات قىلىنغان. «گېئومېترىيە» جەمئىي 3 توم بولۇپ، 1-تومدا سىزغۇچ ۋە سىركۇل ئارقىلىق شەكىل ياساش مەسىلىلىرى؛ 2-تومدا ئەگرى سىزىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى؛ 3-تومدا ستېرېئولۇق ۋە ھىپېر ستېرېئولۇق جىسىملارنى ياساش بايان قىلىنغان. 3-تومدا ئەمەلىيەتتە، تەڭلىمە يىلتىزلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئالگېبرالىق مەسىلىلەر، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭلىمە كوئېففىسېنتلىرىنىڭ ئىشارىسى بىلەن مۇسبەت، مەنپى يىلتىزلارنىڭ سانى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى تەڭلىمىلەر نەزەرىيىسىدىكى «دېكارت مۇسبەت، مەنپى ئىشارىلەر قائىدىسى» دىن ئىبارەت. دېكارتنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ئارىفمېتىكا، ئالگېبرا، گېئومېترىيىلەرنى بىرلەشتۈرگەن ئومۇمىي ماتېماتىكىنى تۇرغۇزۇش. ئۇ ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيىدىكى مېردىئان ۋە پاراللىل سېستىمىسىدىن چىقىپ، تەكشىلىكتىكى نۇقتا بىلەن ھەقىقىي سانلار جۈپى (x,y) نىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئىككى ئۆزگەرگۈچىلىك تەڭلىمە F(x,y)=0 نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلگىرى قارىمۇ-قارشى بولغان «سان» بىلەن «شەكىل» دىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات ئوبىكتىنى بىرلەشتۈردى ھەمدە ماتېماتىكىغا «ئۆزگەرگۈچى مىقدار» نى كىرگۈزۈپ، ماتېماتىكا تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ئېنگېلس ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بېرىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «دېكارتنىڭ ئۆزگەرگۈچى مىقدارى ماتېماتىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۆزگەرگۈچى مىقدار بىلەن ھەركەت ماتېماتىكىغا كىردى، دىئالېكتىكا ماتېماتىكىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالمۇ دەرھاللا زۆرۈر بولۇپ قالدى».
مەنبە:مەنبە:تارىم بلوگى
http://tarim68.blogbus.com/logs/29753150.htmlhttp://uyqamus.com/index.php?doc-view-308
收藏到:Del.icio.us