-
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-14
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ئاتالمايدۇ پەشۋانىمۇ ھەم.
تۇزى يوقكەن تاماقنىڭ دىمەس،
تىلىمۇ يوق تىتالمايدۇ تەم.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
تىللالمايدۇ ، تىللىغاننىمۇ.
ئادەم ئەمەس، ئىشەك يا كالا،
مۇشۇنداق دەپ ئىلغىغاننىمۇ !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەكتەپلەر كۆپ ، مەرىپەت تولا؟!
لۇكچەك ئەمەس كۆزى ئالغاينى،
دەيدۇ ھاكىم ھازىرلا سولا !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەچچىدلەر كۆپ رايىشتۇر ھەممە.
قالايمىقان قىلمىشلار ئۇچۇن،
ئاخۇنۇم دەر- سەن يىقىن كەلمە !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
يول يۇرۇشتە باردۇر بىر نىزام .
يولدا ماڭساڭ ئارقىچىلاپ ماڭ ،
كۆرىۋالاي دىسەڭ سەن يېزام.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەرگىز دىمە چىققانتى بۇرۇن.
نەفىسە ھەم سەئىدىخانلار ،
قايتا يەنە ماڭا سەن كۆرۇن !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەممە قىلۇر چىلتەنگە تاۋاب.
يەكەن خەلقى لۇكچەك بولمايدۇ،
ئىلىپ كەلدى «قۇللۇق»تىن ساۋاب.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۇنى، ئۇرۇمچى.[size=4]ساناقسىز يىللارنى ئۇزاتتى كۇسەن،
كەتتىغۇ ياشلىقى چۆرۇلمەي پەلەك.
ئاقتى كۆز ياشلىرى تارىم بىلەن تەڭ،
ئىچىلماي سولىشىپ تالاي گۈل چېچەك.
تەقدىرى كۇسەننىڭ بۇگۇن باشقىچە،
ياتمايدۇ شۇ پىتى قىرىلىق يىتىپ،
كۇسەننىڭ بالىلىرى يىگىت بوپ قالدى،
مەنزىلگە يول ئالار دۇلدۇلنى قىتىپ.[/sizeتەتۇر چاقماقلار
سوقۇلدۇم تامغا ،
ياق....
تام ماڭا سوقۇلدى.
مانا بۇ «ناخشا »،
ھازىرغىچە ئوقۇلدى.(2)
دوپپا
ياراشمىدى بېشىمغا،
ئالماشتۇردۇم سەللىگە !(3)
سۆيگۈ
قاچان تۇغۇلغان بولغىيتى؟!
بىلەلمىدىم ھىچ .(4)
يامغۇر
يېشىمۇ سەن ئۇيغۇرنىڭ؟
ياكى ۋەتەن ئىشقىدا،
سەرسان بولغان ئاشىقنىڭ ؟(5)
ئاھ، دېدىم
كۆزلىرىمگە سانجىلدى يۇلتۇز.
ئامدى مەندىن تەرك ئەتتى،
مەن ئامراق كۇندۇز.(6)
مومكىنمىدۇ
دوسلىرىمنى سىلىپ ئەگلەككە
تاسقاپ كۆرۇش؟(7)
يۇلتۇزلارمۇ ئاسماندا
بىر - بىرىنى بوغۇشتى.
قالدى پەقەت ،
ئاخىر قالىدۇ،
ئاي بىلەن قۇياش.(8)
نېمىشقا قىپ- قىزىل مىنىڭ يۇرۇكۈم؟
نېمىشقا تاڭلارنى كۇتىمەن شۇنچە؟
نىمىشقا ھېسلىرىم ئۆزۇمگە دۇشمەن؟
نېمىشقا سۇزگىنىم ئەمەستۇر ئۇنچە ؟[/size]يەكەنگە كەلدىم
ماڭدىم
ئاخىر پۇرسىتىم چىقىپ،
سىغىنىپ مەن ئىزىز ماكاننى.
سەئىدىخان ئۆلمەس خاقاننى.
بارسام يەكەنگە،
كۆرىمەن چوقۇم ،
كۇلكە چىراي تىرىشچان ئەلنى.
ئاڭلايمەن چوقۇم،
مۇقاملارنى ، شاتلىق غەزەلنى.(2)
يولدا
كۆرمىگەننى كۆردۇم ، «يېڭىلىق»
يولدا ھوقۇش نىمانچە تولا؟!
ئۆتتۇم ئونچە پىلسىراتلاردىن،
ئۆتەلمىسەم دەيدىكەن « سولا ».(3)
كەلدىم
ئارمانلار قۇچاق ئاچتى.
باغاش ئەتتىم كونا تۇپراقنى،
ئۇچراتتىم مەن مۇقەددەم ئەۋۋەل،
ماڭا تونۇش ئاشۇ ياپراقنى.
ئىزدەپ لىكىن تاپالمىدىمغۇ ،
چىرىمىگەن كۆركەم ساپراقنى.(4)
كۆردۇم
ئۇر -چاپلاردىن ھۈركىگەن يەكەن،
قىلىۋاپتۇ چاڭگىنى ئۇۋا.
ئۇنىڭغا ساپتۇ يېڭى ئوردىنى،
كۆرۇندى ئۇ ماڭا بەك غۇۋا.
بىراق،
كۆرەلمىدىم ئالتۇنلۇقۇمنى،
قارغۇمۇ مەن بىلمىدىم توۋا؟!
8-ئاينىڭ 7-كۇنى ، يەكەندە يىزىلدى.[/sizتەپەككۇرگە سىغمايدىغان ئىش تولا
[color=#0000FF][size=4]بەكمۇ سىرلىق بىلىنمەكتە بۇ دۇنيا،
تەپەككۇرغا سىغمايدىغان ئىش تولا.
تەبىئەتنىڭ ئەركىسىغۇ مىسالى-
«باھار»، ئەمما دىيارىمدا قىش تولا.ياز بولسىمۇ باغدا بۇلبۇل سايرىماس،
چۆپكە قونغان تامچە بولدى كۆز يىشىم.
تۇنجى قىتىم تىنىقىنى تىڭشىغان،
يارنىڭ ئىشى ئەمەس ئەمدى ئۆز ئىشىم.تەكلىماكان خىيالىمدا چىمەنتى،
توغراقلىقلار چارىباغىم ئىدىغۇ ؟!
قۇرۇت-قوڭغۇز تۇگۇل ئەمدى كۆرۇنمەس،
يالماۋۇزلار قويماي قىرىپ يىدىغۇ ؟!خارابىدەك غىرىبانە كۇلباممۇ،
كۆرىنىدۇ قىيامىتى قايىمدەك.
بىر چاغلاردا قىلىچ تۇتقان قوللارمۇ ،
تىترەيدىغۇ بوپقالدۇقمۇ «سايىم»دەك.قان داغلىرى سىڭىپ كەتتى غۇنچىگە،
ماكان ئەتتى ھەممە يەرنى يىلانلار.
دەيدۇ تىخى بەزىلەر : بۇ قۇد ئىشى،
بىلسۇن ئاۋام چىقىرايلى ئېلانلار .مۇقاملارمۇ ئاڭلانماقتا ھازىدەك،
بىلىنىدۇ «مۇقامچىلار » قازىدەك .
دەيدۇ دۇشمەن ھەممىگە باب ساز بولسا،
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇتتار ،تامبۇر سازىدەك.گۇيا گىلەم يايغان زۇمرەت دالىلار،
قىن -قىنىغا پاتماي كۇلگەن بالىلار.
يوقتۇر ئەمدى،تاپالمايسەن قالدى شۇ،
پوقى يوغان «ئالا كۆڭۇل » كالىلار..............................
ئاق بۇلۇتلار تەڭرى تاغنىڭ ئۇستىدە،
بولدى سەللە كىچىك ئەمەس ھەيۋىتى.
لىكىن يوقتۇر ئاۋامغا خوش تىلەكلەر،
تۇگىمەيدۇ دىسەم ئۇنىڭ « غەيۋىتى».
2008-يىلى7-ئاينىڭ 21-كۇنى ،ئۇرۇمچى[/[align=center][color=#FF0000][size=5]پەرھىز قىلىنغان سان - سىفىرلار[/size][/color][/align]
[size=4]بىر قىتىملىق خەلقئارا سودىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۇز بەرگەن ئىكەن : « گولۇف توپى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ئامىركىلىق سودىگەر ئۆز زاۋۇدىنىڭ ياپونىيىگە ئىكىسپورت قىلىدىغان گولۇف توپلىرىنى بىر قاپقا تۆتتىن قاچىلىغان ، ئەمما بۇ توپلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان ، تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئايان بولغانكى ، گەپ گولۇف توپلىرىنى بىر قاپقا تۆتتىن قاچىلاشتا ئىكەن » .
ياپۇنلۇقلار « تۆت » تىن پەرھىز تۇتىدۇ ، چۇنكى ياپون تىلىدا «تۆت » دېگەن سۆز نىڭ تەلەپپۇزى « ئۆلۇم » دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشايدۇ . شۇڭا ياپونىيىنىڭ دوختۇرخانلىرىدا 4- نۇمۇرلۇق ياتاقمۇ يوق ، « ئۆلۇم » كارۋىتىدا يىتىشنى كىممۇ خالىسۇن؟
شۇنىمۇ قوشۇمچى قىلىپ قويۇش زۆزۇركى ، جۇڭگۇدىكى خەنزۇ قاتارلىق بىر قانچە مىللەتمۇ « تۆت » نى ياخشى كۆرمەيدۇ ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان . چۇنكى خەنزۇچە « تۆت » نىڭ تەلەپپۇزىمۇ « ئۆلۇم » بىلەن ئوخشاش ، بىراق ياپۇنلۇقلاردەك قاتتىق پەرىز تۇتمايدۇ ، ھىچ بولمىغاندا كىسەلخانىلاردا «4- نۇمۇرلۇق كارۋات » بار .ئەمما تىلىفۇن نۇمۇرى ، ماشىنا تاختا نۇمۇرىلىرىدا « 4 » نىڭ بولىشىنى خالىمايدۇ .ئەكسىنچە « 8 » نىڭ تەلەپۇزى «باي بولۇش » بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ، بۇ رەقەمنى ياخشى كۆرىدۇ .لىكىن ئىيتىشلارغا قارىغاندا ،تەيۋەنلىك خەنزۇلار « 8 » نى ياخشى كۆرمەيدۇ .چۇنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاساسلىقى « 8- ئارمىيە » دىن جىق پەشۋا يىگەن . تەيۋەن دائىرلىرى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن تەيۋەندە ھەتتا «8-يول كوچا ئاپتۇۋۇزى » نىمۇ تەسىس قىلماي ، بىراقلا 9-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئۆتۇپ كەتكەن.چۇنكى « 8- يول » بىلەن « 8- ئارمىيە » نىڭ خەنزۇچە يىزىلىشى پۇتۇنلەي ئوخشاش.ئىگىز بىنالاردا «8-قەۋەت » دىگەننىمۇ ئىشلەتمەي «7-قەۋەتنىڭ ئۇستى » دەپ ئارقىسىدىنلا «9- قەۋەت » دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، بىراق ھازىر ئىشلار قانداق بۇنىسى ماڭا نەمەلۇم. ئەمما ماتىرىياللاردا كۆرسۇتىلىشىچە ، ھازىرقى شاڭگاڭدا يەنىلا « 4 » تىن پەرھىز تۇتىلىدىكەن، ئۇلار مۇشۇ «4 » نى بىرەر نەرسىنىڭ بەلگىسى قىلمايدىكەن . مەسىلەن ، ساياھەتچىلەرنىڭ بايرىقىدا 4- نۇمۇر بولمايدىكەن، دوست- يارەنلەر سوۋغا تەقدىم قىلىشتا سانى «تۆت » بولغان بۇيۇملارنى بەرمەيدىكەن ، زادى «تۆت » دىمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا « قوش ئىككى » دەيدىكەن.
غەرىپلىكلەر «ئون ئۇچ » رەقىمىدىن كۆپرەك پەرھىز تۇتىدۇ . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتى ئىئودا 13 تال كۇمۇشنى دەپ ئەيسا پەيغەمبەرنى سېتىۋەتكەنىكەن . ئىتالىيىلىك مەشھۇر رەسسام داۋىنچى مۇشۇ تېمىنى مەرگەر قىلىپ تۇرۇپ « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق » ناملىق مەشھۇر رەسىمنى ئىجاد قىلىپ ( بۇ رەسىمگە دائىر ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۇڭ : [url]http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-25741-keyword-.html[/url] )، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سېتىۋىتىلىشتىن بۇرۇنقى ئۆز شاگىرىتلىرى بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يەۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەن ، كەچلىك تاماققا داخىل بولغۇچىلارنىڭ دەل 13- سى ئىئودا ئىدى.شۇڭا ئۇلار ھەتتا 13- چىسلا ( بولۇپمۇ جۇمە كۇنىگە توغرا كىلىپ قالسا ) ئادەتتە پائالىيەت ئۆتكۇزمەيدۇ . گوللاندىيىدە كىشىلەر ئىشىك نۇمۇرىدىكى «13 » رەقىمىنى « 12A » بىلەن ئىپادىلەيدۇ . ئەنگىلىيە تىياتىرخانىلىرىدا 13- رەت 13- ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ بىلىتى يىرىم باھادا تەستە سىتىلىدۇ . فىرانسىيىنىڭ ئاستانىسى پارىزدىكى تىياتىرخانىلاردا 13- رەتنىڭ ئورنىدا يول بار . دوختۇرخانىلاردا 13- نۇمۇرلۇق كارۋات بولمايدۇ . بىنالاردا 13- قەۋەت بولمايدۇ ( باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئاتايدۇ ) ،كىشىلەر 13- چىسلا ئامال بار سەپەرگە چىقمايدۇ ، 13 ئادەم ھەرگىز بىللە تاماق يىمەيدۇ . لاتىن ئامىركىسىدىمۇ « 13 » رەقىمىنى شۇملۇقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا غەرىپلىكلەر « 3 » نىمۇ پەرھىز تۇتىدۇ . بولۇپمۇ تاماكا تۇتاشتۇردىغاندا نۆۋەت 3- ئادەمگە توغرا كىلىپ قالسا ئۆڭايسىزلىنىدۇ ، بەزىلەر ھەتتا 3- ئادەمگە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بىرىشىنى رەت قىلىدۇ ، 2- ئادەمگە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۇرۋىتىپ قايتا ياندۇرۇپ تۇتاشتۇرۇپ بىرىدۇ . بۇنىڭدىكى سىر نىمۇ ؟ ئەسلى 1899-يىلى پارىتلىغان ئەنگىلىيە - بىرتانىيە ئۇرىشىدا ، بىر كۇنى ئاخشىمى نۇرغۇن ئەسكەرلەر تاماكا چېكىپ نىشاننى ئاشكارلاپ قويغانلىقى ئۇچۇن ئوق يەپ ئۆلگىنىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3- بولۇپ تاماكا تۇتاشتۇرغانلار ئەڭ كۆپ ئىكەن.ئالدىنقى ئىككى كىشى تاماكا تۇتاشتۇرغاندا نىشاننى ئاشكارلاپ قويغانلىقى ھەمدە دۇشمەنگە قارىغا ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ قويغانلىقى ئۇچۇن ، 3- بولۇپ تاماكا تۇتاشتۇرغۇچى ئاسانلا ئوق تىگىپ ئۆلگەن.تەييارلىغۇچى : ماتېماتىكا [/size]
[align=center][color=#FF0000][size=6]مەن مەكتەپنى مەڭگۇ مەدىلەيمەن[/size][/color]
[color=#0000FF]( م ھەرىپىدىن باشلانغان مەدھىيىنامە )[/color][/align]
[size=4] مەكتەپ مۇھىم مەرىپەت ماكانىدۇر . مۇئەللىملەر مىللەت مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسىدۇر . مەملىكىتىمىز مىڭلىغان ، مىليۇنلىغان مائارىپچىلارغا ، مەشھۈر مۇتىپەككۇرلارغا ، ماھىر مۇزىكانىتلارغا مۇھتاج. مىللەت مەدەنىيەتلىك مۇئەللىملەرگە مۇھتاج.
مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىدىكى مائارىپشۇناسلار مۇزاكىرلىشىپ ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەتكە ، مىڭلىغان ، مىليۇنلىغان مەسۇملارنىڭ مەرىپەتكە ، مۇئەللىملەرنىڭ مېھنەتكە مۇھتاجلىقىنى مۇئايەنلەشتۇردى . مۇئەللىملەرمۇ مەقسەتكە ماشلىشىپ ، مەكتەپنىڭ مەرىپەت مۇنبىرىدە مەنىۋى مەدەنىيەتنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ، مەملىكەت مىقياسىدا مىسلىسىز مۆجىزاتلارنى مۇئايەنلەشتۇردى.
مانا ، مەكتەپ مەيدانىدا مەلىكە ، مەدىنە ، مۇكەرەم ، مۇھتىرەم ، مۇھەررەم ، مۇختار ، مىرشات ، مىجىتلار ....مۇئەلىمگە ماسلىشىپ مەكتەپ مەيدانىدا مەرىپەت مارشىنى مۇڭلاندۇرۇپ ، مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ ماقتىشىغا مۇيەسسەرلەندى. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مەن مۇئايەنلەشتۇردۇمكى ، مەكتەپ مۇھىم مەرىپەت مەرىكە مەيدانىدۇر ، مەن مەكتەپنى مەڭگۇ مەدھىيىلەيمەن.[/size]«شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى » دىن ئىلىندى
[size=4]كىتاب كىشىلەرگە كەلگۇسىنى ، كەڭ كائىناتنى كۆرسەتكۇچى كۆزەينەك. كۆپ كىتاب كۆرۇش كەيپىياتنى كۆتۇرەڭگۈلۇككە كۆتىرىدىغان كىران . كىتاب كۆرمەيدىغان كىشىلەر كاستىيۇم كىيىۋالسىمۇ كالۋادۇر .
كەشپىياتچىلارنىڭ كۆپۇنچىسى كائىناتنى كېزىپ ، كىچە - كۇندۇز كىتاب كۆرۇپ كامالەتكە كۆتۇرۇلگەن. كەلگۇسى كۆپلىگەن كارامەتچىلەرنىڭ كۆكرىكىنى كېرىپ كۆكە كۆتۇرلىشىنى كۇتمەكتە.
كىچىك كۆچەتمۇ كۇن كۆرۇپ ، كۇندىن- كۇنگە كۆركەملىشىپ كۆلەيدىغۇ ؟! كىتاب كۆرگەنلەر كۆكلىيەلمەمدۇ ؟ كۆكلەيدۇ . كىتاب كىلىچەكنىڭ كۆزى . كېبىر كىسەللىرىنى كەتمەنلەپ ، كالۋالىقنى كاچاتلاپ كىتاب كۆرسىڭىز ، كېلىچەك كۇلۇمسىرەيدۇ . كۇتۇپخانا ، كىتابخانا نىلارنى كۆپلەپ كەڭەيتىشمۇ كەلگۇسىىمىزنى كۆركەملەشتۇرۇشنىڭ كاپالىتى .
كارامەتچىلەر ، كارامىتىمىزنى كۆرسۇتۇپ ، كىلىچەككە كۆتۇرەڭگۇ كىرەيلى ![/size]« شىنجاڭ مائارىپ گزىتى » نىڭ 2000-يىلى 25-ئاپرىلدىكى سانىدىن ئىلىندى.
[size=4]1-دۇشمىنىم مىنى مەغلۇپ قىلىش ئۇچۇن نۇرغۇن چارىلەرنى قوللاندى. مەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ئويغاق تەپەككۇرۇم بىلەن تەدبىر قوللاندىم.... رەھمەت دۇشمىنىم! ، سەن مىنى بىخۇتلۇقتىن مۇستەسنا قىلدىڭ !
2-دۇشمىنىم مىنىڭ دوسلۇرۇمنى تۇرلۇك ئۇسۇل بىلەن ئۆزىگە دوس قىلىپ ماڭا قارشى پىكىر توپلىدى، مەن دوسلۇرۇمغا ئىشەندىم. ئۇلار باشلىغان خاتا يولغا مەقسەتلىك ماڭدىم . ئۇلار ماڭا تىخىمۇ ئىشەندى !
ھەقىقەتنى چۇشەندى.ئاخىرى دۇشمىنىمنىڭ دۇشمىنى بولدى ! ...... رەھمەت دۇشمىنىم!
سەن دوسىتلىرىمنى تاۋلىدىڭ ، ساڭا رەھمەت دىمەي كىمگە دەيمەن ؟!
3-دۇشمۇنۇم خىلى باتۇر ئىدى ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى...ھەممىسى مىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم بولدى. مەن ھەممە ئىشنى دۇشمىنىمنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەتۇرسى بىلەن بىجا كەلتۇدۇم. ھازىرقى دۇشمەنلەر ئىشلارنى بەك مۇرەككەپ ئويلايدىكەن ...توۋا.....ئۇلار جاللات شىڭسىسەي بولغۇسى بارمۇدۇيا؟ ، شۇنداق تۇرۇپ « دۇبەن » -دېگەن نامغا لايىقمۇ ؟ مەن ئويلاپ قالدىم ، ئۇلار ئەسلى دوس دۇشمەن بولۇشقىمۇ يارىمايدۇ !!!! ، لىكىن بۇمۇ دۇشمىنىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان بىلىمى ،
شۇڭا دەيمەن : رەھمەت دۇشمىنىم !!!
4- مەن دۇشمەن توغۇرلۇق تىخىمۇ چۇڭقۇر پىكىر يۇرگۇزۇشكە باشلىدىم ، ئىلگىرى دۇشمەننى يىڭىش ئىستىكىدىلا يۇرگەن بولسام ، ئەمدى دۇشمەننى چۇشەنمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم!
مەن ماۋزىدۇڭنىڭ «دۇشمەننى يېڭىش ئۇچۇن ئۇنى چۇشۇنۇش كىرەك » دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەمدى چۇشەندىم !
5-مەن ئاخىر چۇشەندىم ، ئەسلى دۇشمەن دېگەن قىشىڭدا بولىدىكەن، سىنى ماختاپ ، كۆككە كۆتۇرۇپ ، سىنى بىر ئىش چۇشەنمەس مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن ، ئاندىن سىىنىڭ چۇلۋۇرۇڭنى تۇتىۋىلىپ ئەدەپلەيدىكەن. لىكىن سەن چۇلۋۇرۇڭنى تۇتقۇزمىساڭ ئۇ يەنىلا پاش بولىدىكەن، دۇشمىنىڭ ساڭا : « دوستۇم ، سىنىڭ ئاۋازىڭ خۇددى دېڭىز سۈيىنىڭ پەس ئاۋازىدىكى نىداسى ، جىمجىت قۇلاق سېلىۋاتقان قارىغايزارلىق ئىچىدە ئايلانغاندەك ، سىنىڭ قەلبىڭدە داۋالغۇپ تۇرىمەن »-دەيدۇ. شۇ چاغدا سەن ئۇنىڭ دۇشمىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋال .ئاللاھ.ئاللاھ.....مەندە يەنە قانداق تۇيغۇلار بولسۇن؟؟؟؟..........
مەن قىرىپ قالدىم ، لىكىن بىر نەرسىنى بىلدىم : مەيلى سەلكىن ، مەيلى شەبنەمدە بولسۇن...دۇشمەن بىزنىڭ «دوستىمىز » ....بىر نەرسىنى سىلەرگە دىگۇم كىلىدۇ ....« غىلاپ پىچاقنىڭ ئۆتكۇرلىكىنى قوغدايدۇ ، ئۆزى بولسا ئۆزىنىڭ گاللىقىغا قانائەت قىلىدۇ » ...... لىكىن دۇشمەن ئۇنداق ئەمەس !!
بۇگۇن كىچە ئۇيقۇم كەلمەي يىزىپ سالدىم ! مىنىڭ مۇشۇ خىياللىرىمغىمۇ بىر ، ئىككى - دەپ سان - سېفىر قوشۇپ قويىدىغان ئادىتىم زادى ئۆزگەرمىگىدەك.....ماڭا مۇشۇنداق تەپەككۇر ئاتا قىلغان دۇشمىنىمگە تەشەككۇر !
گەپنىڭ قىسقىسى ، مەن دۇشمىنىمگە ئامراق بولۇپ قالدىم !!
__________________________________________________________________________بۇ تېمام شەبنەم ۋە سەلكىن مۇنبىرىگە خاس ! باشقا مۇنبەرگە كۆچۇرۇلمىسۇن ![/size]
[size=5] ھەر خىل جىسىملار قانچىلىك ۋاقىتتا يەر شارىدىن قۇياشقا يىتىپ بارالايدۇ؟ مەن بىر نەچچە سان - سىفىرنى قالدۇراي .
يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقى 150 مىليۇن كىلومېتىر كىلىدۇ . يورۇقلۇق 300 مىڭ كىلومېتىر سېكۇنىت تېزلىك بىلەن تارقالسا ، سەككىز مىنۇت 19 سىكۇنىتتا قۇياشقا يىتىپ بارالايدۇ . ئەكسىچە ، يورۇقلۇق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يەر شارىغا يىتىپ كىلەلەيدۇ . راكېتا 5500 كېلومېتىر سائەت تېزلىك بىلەن ئۇچسا ، تەخمىنەن ئۇچ يىلدا ، ئايرۇپىلان 1000 كىلومېتىر سائەت تېزلىك بىلەن ئۇچسا ، تەخمىنەن 17 يىلدا ، پەۋقۇلئاددە تېز پويۇز 200 كىلومېتىر سائەت تېزلىك بىلەن ماڭسا ، تەخمىنەن 85 يىلدا ، يىنىك تىپتىكى ئاپتوموبىل 100 كىلومېتىر سائەت تېزلىك بىلەن ماڭسا ، تەخمىنەن 341 يىلدا ، پىيادە ئادەم 16 كىلومېتىر سائەت تېزلىك بىلەن ماڭسا ، 2844 يىلدا قۇياشقا يىتىپ بارالايدۇ .
بۇ سانلىق قىممەتنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىنى ياخشى ئۇگەنگەن ھەر بىر ئادەم ھېسابلاپ چىقىرالايدۇ .[/size[align=center][color=#660000][size=7][font=UKIJ Jelliy]ئۆكۈندۈم [/font][/size][/color]
[img]http://bbs.cri.cn/attachment/Mon_0703/354_206733_788b86b66981b19.gif[/img]
[color=#663366]
ئۆتتى كۇنلەر شۇنچە تېز، ھاياتىمدىن ئۆكۇندۇم.
قىرىق يىللىق نىشانسىز ، مۇساپەمدىن ئۆكۇندۇم.
[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]تەربىيلىدىم ئەۋلاتنى ، باش ئەگمىدىم مۇشكۇلگە.
بىراق ئەمدى پۇرسەت يوق، ئىقبالىمدىن ئۆكۇندۇم.[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]
غەيرى تىلدا سۆزلىمەك، ئومۇملۇقنى كۆزلىمەك،
مودا بولدى بىلمىدىم، غۇرۇرۇمدىن ئۆكۇندۇم.
[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]يۇكسەكلىككە ئۇندىگەن، سۆزلەر قالدى سىنىپتا،
گۈللەر ئۇنمەي ئىزىمغا ، ئارمانىمدىن ئۆكۇندۇم.
[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]مېۋە بىرىپ ئىجادىم، شۇڭقارلانسا پەرۋازىم،
تۇردۇم يەنە سۈكۇتتە، ئىرادەمدىن ئۆكۇندۇم.[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]
كەشپىياتىم قەسىرى ، نەقىشلەندى چىرايلىق،
بىراق دىلىم زىدىغۇ ، ئەقىدەمدىن ئۆكۇندۇم.[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]
سۇنغان ھېكمەت جامىنى، ئەجداتلارغا نىمە دەي؟.
قۇد شارابى چىقمىغان ، پىيالەمدىن ئۆكۇندۇم.
[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]گۇلشەنلىرىم ياشنىماي ، بۇلبۇل كەتتى سايرىماي،
ۋېسال تاپماي چاڭقىغان، تەقدىرىمدىن ئۆكۇندۇم.[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]
شىجائىتىم نەدىدۇر،؟ ئەركىنلىكىم نەدىدۇر؟!
پۇشايماندا مىڭ سۇئال، كەلگۇسۇمدىن ئۆكۇندۇم.
[img]http://www.kokart.cn/a60.gif[/img]26-ماي ئۈرۈمچى [/color][/align][/align]
[color=#FF0000][align=center][size=5]بۇگۇن سىنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇڭ[/size][/align][/color]
[align=center][img]http://moonabc.16789.net/domName/moonabc/200741311212192669.gif[/img][/align][color=#669900][align=center][size=4]گۇل- سەنەمنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۇنى مۇبارەك بولسۇن
ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن
تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن
(ئەتە تورغا چىقالمايمەن، ئالدىن تەبرىكلىۋالاي )[/size][/align][/color]
[align=center][img]http://moonabc.16789.net/domName/moonabc/200741311351851540.gif[/img][/align][color=#0000FF][align=center][size=4]بۇگـۇن سىـــنىڭ تۇغۇـلغان كۇنۇڭ،
تۇغۇلغان كۇنۇڭگە مۇبارەك سـەنەم.
بۇ قۇتلۇق كۇنۇڭگە نەزمىلەر يېزىپ،
ھارمايدۇ يارەنلەر ، تالمايدۇ قەلەم.* * *
بۇگـۇن سىنىــڭ تۇغـۇلـغان كۇنۇڭ،
تۇغۇلـغاچ باھاردا ئىـسمىڭـمۇ باھار.
خىسلىتىڭ ئىز سالغاچ بارچە دىللارغا،
سەن ئۇچۇن يۇرەكتىن ئىلھاملار ياغار.* * *
بۇگۇن سىنىــڭ تۇغۇلـغان كۇنـۇڭ ،
باھارنىڭ شامىلى تەگدى يـۇزلەرگە.
كۆرۇنەر بارچىغا ســەنەم پەرىـدەك،
ئىجادىڭ ھاياجان بەرگەچ كۆزلەرگە.* * *
بۇگـۇن سىــنىڭ تۇغۇلـغان كۇنـۇڭ ،
دوستلۇرۇڭ ئايلاندى كۇيچى بۇلبۇلغا .
مۇشۇ تاب شەنىڭگە گۇل- دەستە تېزىپ ،
ئاپارســام دەيمەنغۇ مىنـىپ دۇلدۇلغا.* * *
بۇگـۇن سىــنىڭ تۇغۇلـغان كـۇنۇڭ ،
سەن مانا ئەشۇنداق جەسۇر يىتىلدىڭ.
قەلەمىنى ئۆزۇڭگە قىلىپ ســەن قـۇرال،
ھاياتنى كۈيلەشكە، سەپكە قىتىلـدىڭ.* * *
بۇگۇن سىنىــڭ تۇغۇلــغان كۇنــۇڭ،
«يۇرۇكۇم يىغلايدۇ » دىمىگىن بۇگۇن.
مۇنبەردە «ئىرىمنى ئۆلتۇرۋەتتىم » - دەپ.
دوسلارنىڭ قەلبىگە سالمىغىن تۇگۇن.* * *
بۇگۇن سىنــىڭ تۇغۇلــغان كۇنۇڭ،
« تىنــىقىمدا ۋېســالنىڭ ھىدى » .
« چىنتۆمۈر باتۇرنىڭ يېڭى داستانى» ،
ئىجادىڭ تاجىــسى ، شاۋكىتى ئىدى.* * *
بۇگـۇن سىــنىڭ تۇغۇلــغان كۇنۇڭ،
«نوۋرۇزنى باغاشلاپ» تۇرىۋىرەمسەن؟!
«باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرلۇق كۇنى»
توختىماي كۆرەشكە يۇرىۋېرەمسەن؟!* * *
بۇگۇن سىنــىڭ تۇغۇلــغان كـۇنۇڭ،
دىدىڭغۇ « ھاياتىم ئەمدى باشلاندى».
سەن « چاراسلاپ كۆيگەن» نىڭ ئوخشاش.
بارچە ئەل ئويغۇنـۇپ ياۋغا تاشلاندى.* * *
بۇگۇن سىنــىڭ تۇغۇلـغان كـۇنۇڭ،
« روھىمغا سەپەر » قىپ ئويلۇدۇم ئۇزاق.
بىلدىممەن نىمىلەر كىشەنلەپ مىنى،
نىمىلەر ھاياتــقا بولدى شۇم توزاق.* * *
بۇگۇن سىنىــڭ تۇغۇلــغان كـۇنۇڭ،
« ئورتاق تۇيغۇ ... » مىنىڭ بار-يوقۇم.
دىمىگىن : بولمىـساڭ شۇنداق تۇيغۇدا،
« ئارمان بـىلەن كىتىــسەن چوقۇم » .* * *
بۇگۇن سىنــىڭ تۇغۇلــغان كۇنۇڭ،
« روھىمغا تىۋېنىش » قىلدى ماڭا دوق.
« توۋا !! » ، « خائىن دىدىڭ » سەن كىمنى؟!
«چۇشۇمدە جىنىمغا زادى ئارام يوق ؟!» .* * *
بۇگۇن سىنىــڭ تۇغۇلــغان كـۇنۇڭ ،
«پىغان»دا ئۆرتەنگەن زادى كىمىكەن؟!
« ئىنسانلىقىم » جاۋاب بىــرەرمۇ ،
« مۇھاببەتنىڭ نەرقى » نېمىكەن؟!* * *
بۇگۇن سىنىــڭ تۇغۇلــغان كـۇنۇڭ،
« نوزۇگۇمنى ئەسلەپ » قالدىم مەن.
« ئىشەنگىن ئۇ سىنىڭ يۇلتۇزۇڭ» ئەبەت،
روھــىدىن قۇۋەتــلەر ئالىدۇ بۇ تەن.* * *
بۇگۇن سىنــىڭ تۇغۇلــغان كـۇنۇڭ،
« بىر دەستە ئەتىرە » سوغۇتۇم كەتتى.
«ھەسرەتلىك مۇھاببەت » ئىزىپ يۇرەكنى،
«ھىجران» لىق« نالە » سى پەلەككە يەتتى.* * *
بۇگۇن سىنىــڭ تۇغۇلــغان كۇنۇڭ،
قارا: « مەن ئۆزۇمنى تېپىـۋالدىم » ،
چىچەكلـەپ ئىلھاملار تۇگـىمـەيدۇ.
مۇبارەك، مۇبارەك ..!! ، كىتىۋالدىم.[/size][/align][align=center]__________________________________________________________[/align][/color]
[color=#FF0000][align=center]ئەسكەرىتمە : قوش تىرناق ئىچىدىكى دۇردانىلەر گۇل - سەنەمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىمىسى.2008-يىل 4-ئاينىڭ 1- كۇنى
ئۇرۇمچى[/align][/color](ماتېماتىكا) مەنزىلىم
ۋاپاسىىز دۇنيادىن كەچكۇم كېلىدۇ ،
غايىـۋى دۇنـياغا كەتـكۇم كېـلىدۇ.
كۆرگەندە پەرۋاز قىپ يۇرگەن قۇشلارنى،
بىـر غۇۋا مەنزىلـگە يەتكۇم كېـلىدۇ.ئۇندا بار سۈزۈك سۈ ، ئېقىنلىق بۇلاق،
لىكىن يوق ئەرىككە راسلانغان سولاق.
ئۇندا بار بۇلۇتـنى كېزىپ يۇرۇشــلەر ،
يـوق سـۆرەن دائىما تىنىـچـقۇ قۇلاق.ئاڭلايمەن ئۇ يەردە ئوماق كۇلۇشنى،
كۆرىمەن سەپ بولۇپ ياۋغا يۇرۇشنى.
ئۆملۇكتە بىر نىيەت ئىتتىپاق ئۇيغۇر،
چوڭ بىلەر ئەل ئۇچۇن جەزمەن ئۆلۇشنى.شاپائەت كۆرسەتسە تەڭرىمىز چوقۇم،
رېئاللىق كۆرسـىتەر مەندىكى ئۇقـۇم.
يول بولسا مەنزىلگە كارۋان تەيياردۇر،
دېمەيمەن بۇ يەردە قالدى بار- يوقۇم.
2008-يىل 3- ئاينىڭ 27-كۇنى
ئۇرۇمچىقۇياشقا خىتاب
تارتىنىپ يۇرەمسەن ، ئەي سېخى قۇياش،
ئۇيغۇرغا بىرەمتىم بىكار نۇرنى - دەپ .
قۇدرىتى يوق بۇگۇن قوغداشقا تۇگۇل،
ئەسىرلەر ئەجدادى سالغان تۇرنى - دەپ.دەمسەن يا، تىلىسۇن قېشىمغا كىلىپ،
ياتامتى شۇ پىتى تاتلىق ناننى يەپ.
دۇبۇلغا - ساۋۇتلۇق كۆرۇنسۇن ماڭا ،
نۇر بىرەي ، قاچاندا تۇزەلىسە سەپ.سەۋەپ قىپ سېۋەتتە توختاتسۇن سۈنى،
دەمسەن يا بىلمىدىم ، قاخشىدىم دەپ خەپ.
مەڭگۇگە ياشىسۇن تۇندە دەمسەن يا ،
سۇئالغا جاۋاب بەر قېشىمغا بىر كەپ.
2008-يىل 3- ئاينىڭ 26-كۇنى،
ئۇرۇمچىشىئېرىيەت : بۈگۈن ....
بۈگۈن
كىچىكىپ بولسىمۇ سورۇدۇم ئىسمىمنى،
دېدى دۇنيا : سەن مۇقام !
دېدى ئەنە : سەن تەكلىماكان !
دېدى يەنە : سەن ئۆلگەن روھ.............
دېدى ئاكاممۇ : سەن ئۇيقۇدىكى بالا !
ئويغانماي يىتىۋەر .
بەك مۇزلۇق تالا ،
ئەرىكسىز كېتىۋەر .بۈگۈن
كىچىكىپ بولسىمۇ سورۇدۇم مەن.
مەن دىدىم : نېمانچە كۆپ مىنىڭ ئىسمىم ؟
نېمانچە كۆپ مىنىڭ بىسىمىم ؟بۈگۈن
غايىپتىن كەلدى سادا،
ئالدىم جاۋابنى.
بىلىۋالدىم ئەسلىمنى.
ئۇقۇۋالدىم نەسلىمنى.
بىراق ،
تېخىمۇ كۆپ سۇئالغا تولدۇم .
ئەمما ، سۇئال سورىماس بولدۇم .بۇگۇن يەنە
ئۆلىۋالدى بىر بوۋاق قوشنام .
غەمكىن كۆڭلى
پىغانلىق قەلبى
ئۇ ، كەلمەسكە كەتتى .
ئۇ ، ئارمانغا يەتتى !
2008- يىل 3- ئاينىڭ 25- كۇنى ، ئۇرۇمچىلەھەتتىكى تۇيغۇ
كىم ئالدى جېنىمنى بىلىمەن ئوچۇق،
شۇ پىتى بىر مەزگىل ياتاي مەن ئۆلۇپ.
ئىشەنمە كۆزۇمدىن يېنىپ تۇرسا ئوت،
دېمىگىن چىرايى كەتمەپتۇ ئۆڭۇپ،
مۇشۇنداق ھالەتكە قالدىمغۇ كۆنۇپ .
دەپنە قىپ ئۆزۇمنى ئاخىر مەن ئۆزۇم،
لەھەتتە مەن شۇنداق ئۆلۇپ ياتىمەن.
ئەرىكسىز ۋە سوغۇق ماكان ئىچىدە،
ئەزرائىل ئالدىدا كۇلۇپ ياتىمەن.
خەنجىرىم يىنىمدا غىلاپسىز كۇندە،
خالىسام دۇلدۇلنى جەڭگە قاتىمەن.
دىلىمدا ئۈمىد بار ، جىسمىمدا قۇۋەت،
تىرىكتىن ئويلىسام قىلىشمايمەن مەن.
شۇ ئۈمىد ، شۇ قۇۋەت تۇرسا دېگىنە،
نە سەۋەپ ياۋ بىلەن ئىلىشمايمەن مەن.
مەن ئۆلۇك بولساممۇ روھىمدا قۇياش ،
كۆتۇرۇپ قولۇمدا نۇرانە چېراق.
بۇ يەردە ئۆلۇككە بىرەلىسەم نۇر،
( تىرىك تاپ تۇرقۇمدىن مۇشۇ ياخشىراق )
دەيمەنغۇ تىرىك بوپ چەكمىسەم پىراق.ئۇرۇمچى، 2007 - يىل 27- دىكابىر
مۇھاببەت فورمىلىسى
[align=center]قوش يۈرەك، ئىككى يۈرەك،
ئىككى يۈرەك ئۇ بىر يۈرەك.
چەكــسىز ئۇنىڭ قۇدرىتى،
سورىسام، ياردىن
جاھان ئەھلىدىن،
دېدى : قوش يۈرەكلەر نىم كىرەك! [/align](ماتېماتىكا) ئەزگۇ خىياللار -3
ئۇ غەلبە ناخشىسىنى ياڭرىتىپ « ئارا يۇلتۇز » دىن ئۆتۇپ ئىشىكىمىزنى چەككەندە ، كۇن چىققانلىقىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۇزگەن ئىدى.
بىز قوي پادىلىرىمىزنى ھەيدەپ كىلىپ زىياپەت ھازىرلىدۇق ، ئۇنىڭ بىلەن دەرەخ سايىسىدە روبورو ئولتۇرۇپ بىرلىكتە دۇتار- تامبۇر چىلىشىپ ئۇسۇلغا چۇشتۇق. ئۇ بىزنىڭ نىمىگە ئامراقلىقىمىزنى بىلگەن ئىدى. لىكىن بىز ئۇنى ئۇسۇلنى ياخشى ئوينىيالمايدىكەنسەن - دەپ بوزەك قىلدۇق . ئۇ بىزگە پەرۋا قىلمىدى ، ئۇسۇلغا ئۇستا تۇققانلىرىنى باشلاپ كىلىشكە ۋەدە بەردى ، يا پاناھ........ ، بىزدىنمۇ كۆپ ئۇسۇلچىلار سورۇننى بىر ئالغان ئىدى ، ئەمدى بىزنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلچىلار توپى ئىچىدىن ئۆزىمىزنىڭ « ساما » چىلىرىمىزنى تىپىشىمىزمۇ تەس بولغان ئىدى.
ئەمدى بىز سوتكىلىق ئالدىراشچىلىقتا ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، ئۇنىڭ يول بويىدىكى چىملىقتا ، تەكلىماكاندىكى بوستانلىقلاردا ، تەڭرىتىغى باغرىدىكى باغچىلاردا بەخىرامان ئۇسۇل كۆرۇپ ، بىزنىڭ ئۇسۇلىمىزدىن ھۈزۇرلىنىۋاتقىنىنى كۆردۇق.
مانا ھازىر ئۇ كارناينى چالسىلا بىز ئالغا ئىلگىرلەپ پۇت- قولىمىز ئويناپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنۇڭ ئۇچۇن ناخشا توۋلاپ شادلىق ۋە قايغۇمىزنى مۇشۇ سەنئەتكە مۇجەسسەملىدۇق.بىز بوزەك قىلغان نائۇستىلار بىزنىڭ نىمە ناخشا توۋلىشىمىزنى ، قانداق ئۇسۇل ئوينىشىمىزنى بەلگىلەيدىغان قابىلىيەتنى يىتىلدۇردى .
بىز ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز ، بىز بىرلىكتە يېڭى - يېڭى نەغمىلەرنى كەشىپ قىلىمىز ، ئۇ بىزنىڭ چىرىغىمىز ، ھاياتىمىز ئاخىرلاشقاندىمۇ ئۇنى ئۇنتالمايمىز ، ئۇنى سىغىنىمىز ؟..................
[/size][align=center][color=red][size=4](2)[/size][/color][/align]
[size=4]ئۇھ.........
مەن ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا ھەمرا بولماقچى بولغانىدىم ، ئۇ مەندىن ئۆزىنى تارىتتى. مەن ئۇسۇلچىلىرىمنى باشلاپ كىلىپ ئۇنى چورىدەپ ئۇسۇلغا سالسام ، ئۇ ئۇسۇلدىن ھۈزۇرلانغاچ « ماجاڭ » غا تۇتۇش قىلدى .
ئۇ چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ قايەرگە بارسا ، مەنمۇ شۇ يەرگىچە ئەگەشتىم . سەل سۆرەلمىلىك قىلساممۇ ، قەدەملىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرى بىلەن بىردەك ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مەندىن تېز يۇرۇپ كەتتى ، مەنمۇ ئىلدام مېڭىپ يىتىشىۋالدىم ، ئۇ مىغ- مىغ ئادەملەر توپى ئىچىدە ، مۇشۇ قاينامنىڭ مىركىزىدە تۇرغانىدى.
ئۇ ماڭا نەسىيەت قىلدى : سەن سەپەردە چاتقاللارنى دەسسەپ ، زېرىكىشلىك تاغ - داۋانلاردىن قانداق ئۆتۇشنى ئۆگەنگىن ، چۈنكى سەن تۇز يولدا ، باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىشكە كۆنۇپ قالغانسەن، باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرسەڭ « چۆللەرگە تاشلايدۇ » ، يادىڭدا بولسۇنكى چۆلدە ئۇسۇل ئويناش ھېچقانداق ئۇسۇلچىغا خوش ياقمايدۇ ، چۈنكى ئۇ يەردە كۆرۇرمەن يوق..........[/size]ئەزگۈ خىياللار - 2 : [url]http://bbs.xabnam.com/read.php?tid=45539&page=1&toread=1[/url]
ئەزگۈ خىياللار -1 :[url]http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-44685-keyword-.html[/url](ماتېماتىكا) ئەزگۈ خىياللار -2
[size=4]« دوئىل » ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مۇھاببىتىڭگە نائىل بولىدىغانلىقىمنى بىلمىگەنىدىم. كۇيلىرىڭ گىرىمسەن ئۇيقۇمنى بۇزۇپ ،ئاستا- ئاستا قۇلىقىمغا يەتتى.مەن تەئەججۇپ ۋە خۇشاللىق ئىلكىدە نەملەشكەن كۆزلىرىمنى يوغان ئىچىپ يولۇمنى ئىزدىدىم، تاپتىم ، تاپتىم...، خۇشاللىقىمدا كۆككە باقتىم ، كەڭ ئاسمان ماڭا ساڭا دىمەكچى بولغان سۆزلەر بىلەن تولۇپ كەتكەندەك بىلىندى. ئويغۇنۇپلا يېڭى مۇساپىگە يول ئالدىم ، كۇتكەن دەقىقە كەلگەندە ، سەن يىنىمدا پەيدا بولغاندا بولسا ئاسماندا بىرمۇ يۇلتۇز كۆرۇنمەيتتى، ئىسىت ، ئىسىت ... تۈن نىمانچە ئەتىۋارلىق قىلىدىغاندۇ ؟! - خىياللىرىمدا تۇننى سىغىندىم . شۇ تۇرقۇمدا مىنىڭ كۆڭلۇم ئۇچىسىغا شەبنەم ئارىتقان گۈل كەبى سەجدىگە يۇزلەندى، ھاياتىم كەلكۇنىنىڭ تىخى يوللىرىمنى ئۈزلۇكسىز بۇزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.[/size]
[align=center][color=red][size=4]( 2 )[/size][/color][/align]
[size=4]ئەمدى سېنى تاشلاپ كىتەلمەيمەن، چۈنكى ئاللاقاچان قاراڭغۇ چۇشتى. بىز ماڭماقچى بولغان يوللار جىمجىت ۋە بەك قاراڭغۇ ، بەك قالايمىقان، ئادەم ئاسانلا ئېزىپ قالىدۇ. مەن سېنى تاشلىسام ، سەن ھاسىسى يوق ئەما كىشىگە ئوخشاپ قالىسەن، شۇڭا....
مەن سېنى كۇتىمەن، سىنىڭ ئاخىرى يىنىمغا كىلىپ چىرىغىمنى يىقىشىڭنى كۇتىمەن، مەنمۇ سىنىڭ گۈللىرىڭگە سۈ قۇيۇشنى ئارزۇلاپ كۇتىمەن.
بىلىمەن ، سەن دولقۇنلۇق دېڭىزغا دۇچ كەلدىم ، مۇشۇ دېڭىزغا ئۆزۇمنى ئىتىپلا قۇتۇلسام _ دەپ ئويلاۋاتىسەن ، مەنچۇ ؟! ،،،، [/size][align=center][color=red][size=4](3 )[/size][/color][/align]
[size=4]« ساڭا ئورۇن بىكار قىلىش ئۇچۇن بىرەرسىنى شاللىۋېتىشنىڭ ئورنى يوق » ، بەزىدە ئويلايمەن: ساڭا جاي تەييارلاشتا باشقىلارنىمۇ ساقىت قىلىشقا بولمىغۇدەك!
ئاخىرى ئۆزۇمگە شۇنداق پىچىرلىدىم : ياخشىسى پانىي ئالەمدە قورۇقماي تۇرۇپ ، باتۇرلۇق بىلەن ھەممىنى تەرەپ- تەرەپكە ھەيدىۋېىتپ ، خاتىرجەم ھالدا سىنى ئەگەشتۇرەيمىكىن ...![/size][color=red][size=5] ئەزگۈ خىياللار[/size][/color]
[size=4]كونا يىلغۇ كەتتىغۇ ئۇزاپ،
كۆڭلۇم لىكىن غەشلىكتە كېزەر.
بىلمىدىمغۇ روھىمنى نېچۈن،
بىر كۆلەڭگە رەھىمسىز ئىزەر ؟!پەريات....
ئۇيغۇرۇم دەپ رىيازەت چەكتىم،
ئىزدىدىم مەن كىم ئىدىم تەكتىم
ھىلال ئايمۇ جاۋاب بەرمىدى،
ئوغۇزخانمۇ قىلمىدى تەقدىم.
سوئاللارغا چۆكتۇم بەك ئۇزاق ،
قاچان بولار خەلقىمدە بەختىم ؟!
دېگەن ئىدىم ساناقسىز مەرتەم،
بارلىقىمغۇ ئەرىكچۈن ئەھدىم.تەكلىماكان...
ئۇلۇق ماكان ۋۇجۇدىمۇ پاك،
ئەمما لىكىن كۆزلىرىدە ياش .
ماڭا سۈلا بەرسەڭ بولاتتى،
دەيدۇ لازىم ئەمەستىغۇ ئاش
يۇرۇكۇمدە پەقەت بارغۇ قۇم، !
تاپالمايسەن مەندە بىر تال تاش،
يۇسۇپ قېنى ، سۇتۇق نەلەردە؟!
دېگىن كىملەر ساڭا بولار باش؟!شاراب...
ۋۇجۇدۇمغا بىرىپ ھارارەت،
ھەمرا بولدى ماڭا قىشىمدە.
شەمشىرىمنى ئىلىپ غىلاپتىن،
يالماۋۇزغا ئۇردۇم چۇشۇمدە.
ئەرىك ئۈچۈن شۇئار توۋلۇدۇم،
ئىلگىرلەش بار مىنىڭ ئىشىمدە.يىلان...
مەندە يوققۇ زەھەرلەر- دىدى،
سىلەردە بار ئىپارخان ھېدى.
بۇ زىمىندا ئىناق ياشايلى،
زاتىمىزغۇ تۇققانلار ئىدى.
نېمە ئۈچۈن سەندە بار بۇرۇت،
مەنمۇ ئەمەس بىر كېچىك قۇرۇت.
ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلساڭ گەر،
ماتىمىڭگە تۇتىمەن تورۇت !
سەلكىن....
ئۇ ئىدىغۇ باھاردىن سالام،
شۇ سەۋەپتىن شادىمان ئاۋام.
دەيمەن نېچۈن قىرىنداشلىرىم،
بولالمايمىز بىر قېتىم « قارام »؟!مۇقام....
مۇقام كۈيى ئايغا چېقىپتۇ،
ھېساب ئەمەس سەن ماڭا تەڭداش.
مېنى ئايغا ئىلىپ چىقامتى ؟
سەن ئۇيغۇرۇم بولمىساڭ بەڭباش!
2008- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۇنى [/size]مەن ئۆلگىلى ئۇچ كۈن بولدى (ماتېماتىكا)
align=center][color=red][size=5]مەن ئۆلگىلى ئۇچ كۈن بولدى[/size][/color][/align]
[color=blue][size=4] مەن ئۆلگىلى ئۇچ كۈن بولدى ! ، توۋا ... ئۆزۇمنىڭ نىمىشقا ئۆلگىنىمنى مەن بىلدىم . بۇنداق ئامەت ھەممە ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ .ئۇلۇشكۇن يىلان ئەپەندىم قىشىمغا كەپتىكەن ، ئۇمۇ سەن ئۆلۇپسەن - دىدى ، تۇنۇگۇن فىرقەت ئەپەندىم قىشىمغا كەپتىكەن ، ئۇمۇ سەن ئۆلۇپسەن ئاكا - دىدى . ئايالىم سەن ئاللا قاچان ئۆلگەن ئىدىڭ ، ئەمدى بىلىپسەن - دەيدۇ . قىزىم گەپ قىلمىدى ، ئامما ئۇنىڭمۇ دادا ، سەن نىمىشقا ئۆلۇك ! _ دىگەندەك، ماڭا ئۇزاق قاراپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆردۇم ، ئوغلۇم ئۇ كىچىك ، ئۆلۇك بىلەن تىرىكنى بىلمەيدۇ .بولمىسا.... ، مەن ئۆلگۇنۇمدىن خوشمۇ بولمۇدۇم ( كىم ئۆلۇشتىن شاتلىناتتى ؟!) ، ئامما قايغۇرۇپمۇ كەتمىدىم ، چۇنكى ئۆلۇم كىمگە كەلمەيدۇ ، سىلەرمۇ ئۆلىسىلەر ، بۇنى ئاللا بىلىدۇ ، سوراپ باقامسىلەر - يا ! بولدى قىلىسىلەر ، چۇنكى سىلەر چىچەن ، سىلەر ئەقىللىق ، سىلەر بۇنچىلىك ئىشنى چۇشىنىسىلەر .مەن ئىلگىرى جەسۇر ياشىغان ، ئەمدى ئۆلگەندە ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم ،ئەسلىگەننىڭ نىمە پايدىسى بار ... بولدى قىلاي ، شۇنداق دەپ ھەممىنى ئۇنتۇدۇم . قايتا تىرىلىشنىمۇ ئويلۇدۇم ، ئامما ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ، مەن يەنىلا مۇشۇ ئۆلۇك پىتىم تۇراي ، ئىلگىرى ئۆلگەنلەر ياكى جەننەتكە ، ياكى دوزاققا كىرىدۇ - دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، لىكىن مەن ئۆلگەن ئۇچ كۇندىن بىرى ياكى جەننەت ياكى دوزاقنى كۆرمۇدۇم ،نەدە تۇرىۋاتقىنىمنى راسلا ھىس قىلالمىدىم . ئامما بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن .
بىر ئىش مىنى ساراسىمگە سالدى . تۇيۇپ تۇرىۋاتىمەن ، كۆڭلۇمنى يىرىم قىلىپ يىنىمغا ئەڭ يىقىن ئادەملىرىم يول ئالغاندەك بىلىندى ، ئۇلارغا دەپ قوياي ، سىلەر تېپىشماق تىپىشقا ئۇستا ئەمەس ، شۇڭا بۇ يەرگە كەلمەڭلار ، سىلەر مەندەك ئۆلۇكنىڭ قىشىغا كەلمەڭلار ، مەن ئۆلگىلى تىخى ئۇچ كۇن بولدى ، كىيىنكى ئىشلارنى بىلمەيمىز تىخى ، شۇڭا ئالدىرماڭلار ، جايىڭلاردا تۇرۇڭلار ...... ، مەن ئۆلۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم ، ئامما سىلەرگە دىمەيمەن ، چۇنكى بۇ تېپىشماق ئەمەس ، سىلەردە بۇنداق سەۋەپ يوق ...
ئەمدى خەتنىمۇ ئۇرالمايۋاتىمەن ، مەن راسلا ئۆلۇپتىمەن......[/size][/color][align=center][color=red][size=5]چاشقانلارنىڭ ئەۋلات قالدۇرىشى[/size][/color][/align]
[color=blue][size=4]چاشقان ھەر ئايدا بىر قېتىم بالا تۇغۇدۇ . ھەر قېتىم 12 بالا تۇغۇدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى چېشى چاشقان تەخمىنەن ئۇنىڭ يىرىمىنى ئىگىلەيدۇ . بىر ئايدىن كېيىن كىچىك چاشقانلارمۇ تۇغۇشقا باشلايدۇ . ھازىر ئىككى چىشى چاشقان بار بولۇپ ، ھەر بىرى ھەر ئايدا 12 دىن بالا تۇققان ، 2- ئايدا ئۇلار يەنە 12 دىن بالا تۇققان ، لىكىن ئاۋالقى بالىلىرىنىڭ ھەر بىر جۇپى يەنە 12 دىن ئەۋلات قالدۇرغان . شۇنداق قىلىپ بۇ چاشقانلار ئايمۇ - ئاي كۆپىيىۋەرگەن بولسا ، 12 ئايدا چاشقانلارنىڭ سانى جەمئى قانچە بولىدۇ ؟[/size][/color][align=center][color=red][size=5]چۈشلىرىمگە كىرگىن ھەر كېچە [/size] [/color] [/align]
[align=center][color=blue][size=4]چۈشـلىرىمگە كىرگىن ھەر كېـچە ،
چۈشتە ۋىسال تاپاي سەن بىلەن.
ئايدا ماكان قۇرۇپ ئىكـكىـمىز ،
ئۆي سالايلى چاقماق قەن بىلەن.ئايدا پەقەت بارمىـش بىر باھار ،
ئۇندا يوقمىش زىمىستان جۇدۇن.
ئەرك يوقمىش ھەسرەت چىكىشكە ،
شات خۇراممىش ئايدىكى بۇدۇن.چاھارباغـمۇ ئايـغا كۆچۇپـتـۇ ،
بىز نىمىـشقا كۆچـمەيمىز ئايغا .
ياكى ئىزىپ سالامدۇق بىز ئۆي،
لاي سۇۋاقتىن تاشلاندۇق سايغا .چۈشلىرىمگە كىرگىن ھەر كېچە ،
شېرىن تۈيغۇ بولمىسۇن بويتاق .
مۆجىزىـلىك رىيالـلىق بىـزگە ،
ھەم خۇشاللىق بولسۇنچۇ ئورتاق .
2007.12.4.ئۈرۈمچى[/size][/color][/align][align=center][color=red][size=4]« ئالىم » دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان ؟[/size][/color][/align]
[color=blue][size=4]« ئاسترونومىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادىنىڭ 1400 - يىللىرى ئىنگلىزچە ماتىرىياللاردا خاتىرلەنگەن .
« ماتېماتىكا ئالىمى » دىگەن نام « ئاسترونۇمىيە ئالىمى » دىگەن نامدىن 20-30 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن .
« خىمىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادى 14- ئەسىردە « سۇنى پارغا ئايلاندۇرغۇچى » دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگۇرۇپ پەيدا بولغان .
« زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن نام 17 - ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ھايۋانات ۋە ئۆسۇملۇكلەرنى ئۆگىنىدىغان ئادەملەر دېگەن مەنىنى بىلدۇرگەن .
« بىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام « زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن ناملارنىڭ 19- ئەسىردە ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى بىلەن پەيدا بولغان .
« گىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان .
« پىسخولۇگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان . ئەينى زاماندا كىشىلەر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى جىسمانىي جەھەتتىن داۋالايدىغان دوختۇرلاردىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن شۇنداق ئاتىغان .
« ئالىم » دىگەن نام 1840 - يىللىرى كامبېرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تارىخشۇناسى ۋە پەيلاسوپى فېرمىر « پەن زېمىنغا ھارماي - تالماي تەر ئاققۇزىۋاتقانلارغا بىرەر مۇۋاپىق نام بىرىش تولىمۇ زۆزۈر ، مىنىڭچە ، ئۇلارنى < ئالىم > دەپ ئاتاش تازا مۇۋاپىق » دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن .[/size][/color][align=center][color=red]«جاھاننەما » دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى[/color][/align]
[align=center][img]http://bbs.klmy.net/UploadFile/2007-11/200711202228713247.gif[/img][/align]
[align=center][color=red][size=5]ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ[/size][/color][/align]
[align=center][color=blue][size=4]يۇرۇكۇمنىڭ ئوڭ تەرپىدە كۇن بار ،
يۇرۇكۇمنىڭ سول تەرپىدە ئاي بار ،
شۇڭا دەيمەن،
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ !ئۇچ يۇرەك...
بىرى تەندە مۇھاببەتچۇن سوقىدۇ،
بىرى ئەلدە ئەرىك ئۇچۇن چاچار نۇر ،
بىرى كەسىپ -ئىختىراغا بولار تۇر !ئۇچ يۇرەك...
بىرى ۋەتەن غىمىدە ،
بىرى قىلار باھار خىتابى ،چىكىپ ھەم پىراق ،
بىرى ئائىلە ئۇچۇن ياقىدۇ چىراق !ئۇچ يۇرەك...
بىرى ياشلىق ناخشىسىنى ئوقۇيدۇ،
بىرى سىخى ، بارچە ئەلگە باقىدۇ،
بىرى خائىن ! ، ئۇمۇ ماڭا ياقىدۇ .2007.11.24.ئۇرۇمچى[/size][/color][/align]
[align=center][color=red][size=5]فىرقەت ئەپەندىمنىڭ كونا سۇئالى[/size][/color][/align]
[align=center][img]http://www.bcadsoft.com/aspnet_client/web2/l15.gif[/img][/align]
[color=blue][size=4]« ئۆسۇملۇك باغچىسى »دا شەبنەم يىغىلىشى بولغاندا باشقۇرغۇچى فىرقەت ئەپەندىم باغچىغا كىلىش ئۇچۇن 2- يول ئاپتۇۋۇزىغا چۇشۇپ بىيجىڭ يولىدا كېتىۋىتىپ ، ھەر بىر يىرىم مىنۇتتا ئالدى تەرەپتىكى قوش يولدىن 2- يول ئاپتۇۋۇزىنىڭ بىرىنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ . ئەگەر 2- يولدىكى ئاپتۇۋۇزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېزلىكلىرى ئوخشاش بولسا ، ئۇ ھالدا 2- يول ئاپتۇۋۇزىنىڭ « ئۆسۇملۇك باغچىسى » ئالدىدىكى بىكىتىدىن نەچچە مىنۇتتا بىر ئاپتۇۋۇز يولغا چىقىدىغاندۇ ؟ __ دىگەن سۇئالنى مەندىن سورىغان ئىدى . مەن دەپ بىرىپ بولاپ بۇ سۇئالنى چوقۇم مۇنبەرنىڭ تېپىشماقلار سەھىپىسىگە يوللايمەن - دىگەن ئىدىم . ئەپسۇس بۇنىڭغا ئەمدى ۋاقىت چىقىپتۇ !
شۇنداق بولسىمۇ ۋەدە - دىگەن ۋەدىدە ، فىرقەت ئەپەندىمنىڭ بۇ كونا سۇئالىنى ئەمدى يوللىدىم .قېنى ، تورداشلارمۇ جاۋاپ بىرىپ باقسۇن ![/size][/color]
[color=red]( فىرقەتتىن جاۋابىنى سورىۋالماڭلار جۇمۇ - يەنە [s:67] [s:67] )[/color][align=center][color=red][size=5]كىسەلخانىدىكى سەتىراچ
(ھىكايە )[/size][/color][/align]ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەكتەپ خىزمىتىنى تەكشۇرۇشكە كەلگەن < ئەۋلىيالار > غا تاماق بىرىپ يولغا سىلىۋىتىپ ،ئەمدى سەل ئارامچىلىق بولىدىغان بولدى ! - دەپ ئويلاپ تۇرغان چىغىمدا ، دىلىمدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى قۇدرەتلىك ئاللا ماڭا غەمخۇرلۇق قىلىپ ياخشى ئارام ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىمۇ ..... تۈز يولدىلا پۇتۇم تۇيۇقسىز < مىت - كوت > كىتىپ يەرگە دەسسىيەلمەي ، كارۋاتتىن چۇشەلمەي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدىم ! . يىنىمدىكى بىر نەچچە كۆپنى كۆرگەن مەسلىھەتچى < خالىس تىۋىپ > دوستلىرىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ، پۇتۇمنى يەرلىك ئۇسۇلدا ، تۇخۇمنىڭ ئىقى بىلەن پەرۋىش قىلىپ بىر ھەپتە ياتقان بولساممۇ ھىچ ساقىيدىغان ئەلپازى يوق ! . كۇندە ئۇچرۇشۇپ تۇرىدىغان بىر نەچچە شاھماتچى دوستلىرىم مىنىڭ بىتاپ بولۇپ قالغىنىمدىن ئىچى پۇشۇ
历史上的今天:
ماتېماتىكا پىرى _ ھىلبېرت 2009-01-14سان ۋە سانلىق قانۇنىيەتلەردىكى گۈزەللىك 2009-01-14« 0 » بىلەن « يوق » بىر گەپمۇ ؟ 2009-01-14قېنى كىم تىز ھېسابلىيالايدۇ ؟ (1) 2009-01-14ئۇيغۇر نەققاشلىقى ۋە ماتېماتىكا 2009-01-14
收藏到:Del.icio.us
评论
پات-پات كىلىپ كۆرسەتمە بىرىپ تۇرالا.......