-
ماتېماتىكا پىرى _ ھىلبېرت - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-01-14
ماتېماتىكا پىرى _ ھىلبېرت
ھىلبېرت ( 1862 _ 1943 ) بىر ئۇلۇق ماتېماتىك . ئۇنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۇرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە يۇكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى ماتېماتىكا ساھەسى ، ھەتتا پۇتكۇل ئىنسانىيەت ئارىسىدا كۈچلۇك تەسىر پەيدا قىلدى .
ئۇ 1862 - يىلى گىرمانىيىنىڭ كوىنگىسبېرگىتا تۇغۇلغان . كىچىكىدىنلا كانت ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ئۆز يۇرتىنىڭ ئېسىل ئىلىم - پەن ئەنئەنىلىرى بۇ ئۇلۇق ئوغلاننى كۆپكە قادىر ماتېماتىك قىلىپ يېتىشتۇردى . ئۇ ھارماي - تالماي ئىزدىنىش روھى ۋە ھەيران قالارلىق ئىرادىسى بىلەن ماتېماتىكىدىكى ئۆزى ئىزدەنگەنلىكى ساھەدە ھەيران قالارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى ھەمدە فىزىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشتى . ئۇ ماتېماتىكا دۇنياسىدىكى ئالىېكساندىر - دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ .
ئۇنىڭ بىر پروفېسسۇر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار ئىدى ، ئۇ ماتېماتىكىنى < جانلىق ماتېماتېكا > غا ئايلاندۇرۇپ دەرىس سۆزلەيتتى . ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياشلارنى قىشىغا كىلىپ دەرىس ئاڭلاشقا جەلىپ قىلىپ بىر مۇنچە ماتېماتىكلارنى تەربىيلەپ چىقتى .
ھەققانىيەتچى ، سەمىمى بولۇش ئۇنىڭ ھاياتىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەم ئىدى . ئۇ پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ماتېماتىكىغا بىرىلىپ ، ماتېماتىكىنىڭ پاكلىقى ۋە غۇرۇرىنى قوغداپ ، مىللەت ، جەمەت ،ۋە جىنىس ئايرىمىسىغا قەتئى يول قويمىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەن ساتقۇچ - دەپ ئەيىپلىنىشىگە قارىماي ، گىرمانىيە ھۆكۇمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرىشىنى پەدەزلەيدىغان < مەدەنىي دۇنيا قۇرۇش > خىتاپنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى . باشقىلارنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي ، تالانىتلىق ئايال ماتېماتىك كىنودنىڭ لىكتورلۇق سالايىتىنى قولغا كەلتۇرىشىگە كۈچ چىقاردى ؛ گىرمانىيە _ فرانسىيە ئۇرۇشى بولىۋاتقان مەزگىلدە فرانسىيە ماتېماتىكى داربو نىڭ ۋاپاتىغا تەزىيەنامە يازدى . بۇلار ئۇنىڭ ئالىي جاناپ پەزىلىتى ۋە ھەقىقىي ئىلىم _ پەن روھىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ .
ھىلبېرتنىڭ ھاياتى شانلىق ھايات ، ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئىسسىق _ سوغۇقنى ، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۇزدى . ئاخىرىدا ناتسېستلارنىڭ قاراڭغۇ دەۋرىدە ئالەمدىن ئۆتتى .
ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن ، ئۆزگە دۆلەت ، ئۆزگە مىللەت ئالىمى بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇ خىل روھى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ، ئۇنىڭ روھى بىزنى بېلىم ئىلىشقا ، ئېزدىنىشقا ئىلھاملاندۇردۇ . ئۇنىڭ بىر ئىغىز گىپى زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ : < بىز چوقۇم بىلىمىز ، بىز چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك ! > .历史上的今天:
سان ۋە سانلىق قانۇنىيەتلەردىكى گۈزەللىك 2009-01-14« 0 » بىلەن « يوق » بىر گەپمۇ ؟ 2009-01-14قېنى كىم تىز ھېسابلىيالايدۇ ؟ (1) 2009-01-14ئۇيغۇر نەققاشلىقى ۋە ماتېماتىكا 2009-01-14چەمبەرنىڭ سىرى 2009-01-14
收藏到:Del.icio.us
评论
قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
راستىنى دىسەم ،مەن مۇشۇ تىخنىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم.
ئىزدىنىپ باقاي، بولمىغاندا ياردەمدە بولارسىلەر.......