ئەزگۈ خىياللار
كونا يىلغۇ كەتتىغۇ ئۇزاپ،
كۆڭلۇم لىكىن غەشلىكتە كېزەر.
بىلمىدىمغۇ روھىمنى نېچۈن،
بىر كۆلەڭگە رەھىمسىز ئىزەر ؟!
پەريات....
ئۇيغۇرۇم دەپ رىيازەت چەكتىم،
ئىزدىدىم مەن كىم ئىدىم تەكتىم
ھىلال ئايمۇ جاۋاب بەرمىدى،
ئوغۇزخانمۇ قىلمىدى تەقدىم.
سوئاللارغا چۆكتۇم بەك ئۇزاق ،
قاچان بولار خەلقىمدە بەختىم ؟!
دېگەن ئىدىم ساناقسىز مەرتەم،
بارلىقىمغۇ ئەرىكچۈن ئەھدىم.
تەكلىماكان...
ئۇلۇق ماكان ۋۇجۇدىمۇ پاك،
ئەمما لىكىن كۆزلىرىدە ياش .
ماڭا سۈلا بەرسەڭ بولاتتى،
دەيدۇ لازىم ئەمەستىغۇ ئاش
يۇرۇكۇمدە پەقەت بارغۇ قۇم، !
تاپالمايسەن مەندە بىر تال تاش،
يۇسۇپ قېنى ، سۇتۇق نەلەردە؟!
دېگىن كىملەر ساڭا بولار باش؟!
شاراب...
ۋۇجۇدۇمغا بىرىپ ھارارەت،
ھەمرا بولدى ماڭا قىشىمدە.
شەمشىرىمنى ئىلىپ غىلاپتىن،
يالماۋۇزغا ئۇردۇم چۇشۇمدە.
ئەرىك ئۈچۈن شۇئار توۋلۇدۇم،
ئىلگىرلەش بار مىنىڭ ئىشىمدە.
يىلان...
مەندە يوققۇ زەھەرلەر- دىدى،
سىلەردە بار ئىپارخان ھېدى.
بۇ زىمىندا ئىناق ياشايلى،
زاتىمىزغۇ تۇققانلار ئىدى.
نېمە ئۈچۈن سەندە بار بۇرۇت،
مەنمۇ ئەمەس بىر كېچىك قۇرۇت.
ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلساڭ گەر،
ماتىمىڭگە تۇتىمەن تورۇت !
سەلكىن....
ئۇ ئىدىغۇ باھاردىن سالام،
شۇ سەۋەپتىن شادىمان ئاۋام.
دەيمەن نېچۈن قىرىنداشلىرىم،
بولالمايمىز بىر قېتىم « قارام »؟!
مۇقام....
مۇقام كۈيى ئايغا چېقىپتۇ،
ھېساب ئەمەس سەن ماڭا تەڭداش.
مېنى ئايغا ئىلىپ چىقامتى ؟
سەن ئۇيغۇرۇم بولمىساڭ بەڭباش!
2008- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۇنى