-
< قۇتادغۇ بىلىك > تىكى ئارىفمىتېكىغا دائىر بايانلار - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-01-30
< قۇتادغۇ بىلىك > تىكى ئارىفمىتېكىغا دائىر بايانلار
2218 ھىساپ بىلسۇن ھەم بولسۇن ئالىم ، تېتىك ،
بىلىم بىرلە بىلسۇن ئۇ تۇرلۇك بىتىك .
2219 ۋەزىر ئىشى ھەممە ھىساپلە بولۇر ،
ھىساپ بىلمىسە ئىشچى ، ئىشى قالۇر .
2220 كىشى ئىش – كۇشىنى ھىساپلاپ قىلار ،
يىل – ئاي ،كۇن ۋاقتىنى ھىساپلاپ تاپار .
2770 ئەقىللىق كىىشلەر ئۇنۇتماس بولۇر ،
ھىساپلاپ قىلۇر ئىش يېڭىلماس بولۇر .
2773 ئۇ بولسۇن يېزىش ھەم چىزىش ماھىرى ،
ھىساۋات تۇتۇشقا بولسۇن ھۈنىرى .
2776 ھىساپ ساقلىغىلى چىن يازۇ بىرلە ئول ،
ھىساۋات يېزىلسا ، كەڭ ئېچىلغاي يول .
2777 نىمە دەيدۇ ، ئاڭلا ، كۆيۈمچان كىشى ،
ھىساپ بىرلە خادىم چىڭ تۇتسۇن ئىشى :
2780 غەزىنىچى بولسۇن ئۇ تۈرلۈك بىتىك ،
ئۇنى ساقلىسۇن ھەم ئۇ قىلسۇن ئىتىك .
2781 خىزمەتچى ھىساپتا غاپىل بولسا گەر ،
ھىساپ ۋاقتىدا باش ئۇرۇپ ئىڭرەر .
2782 ئىگەللەپ تۆت ئەمەلنى چىڭ ، غەزىنىدار ،
ھىساپتا كۆڭۈلنى تۇتسۇن بەر قارار .
4379 تولۇق بىل كۆپەيتىش ، بۆلۇش ۋە كەسىر ،
كامالغا يېتىشتە ئىمتىھاندۇر بىر .
4380 بۇ بۇ تەزئىف يا تەنسىفنى سەن ياخشى بىل ،
ئەگەر بىلسەڭ ئاندىن ساناق جەزىر قىل .
4381 يەنە جەمئى تەفرىق مىساھەتكە ئۆت،
يەتتە قات پەلەكنى بىر تال چۆپچە تۇت .
ئېزاھلار ؛تەزئىف _ئىككى ھەسسىلەش ؛
تەنسىف _كېمەيتىش ، ئىلىش ؛
جەزىر _يىلتىز چىقىرىش ؛
جەمئى تەفرىق _قوشۇش ، ئايرىش ؛
مىساھەت _ يەر مەيدان ، كۆلەم ، يۈزى历史上的今天:
چ چ دىكى جىدەل 2009-01-30پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتى 2009-01-30بەلگە @ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟ 2009-01-30ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى 2009-01-30دانىشمەنلەر ئىيىتقان تېپىشماقلار 2009-01-30
收藏到:Del.icio.us