-
چ چ دىكى جىدەل
2009-01-30
___ ئەسسالام ئەلەيكۇم، سىز شەبنەم ئەپەندىمۇ؟
___ ياق ،مەن شەبنەم ئەپەندى ئەمەس، مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ئەلشەرەپ بولىمەن.
___ توۋا، توۋا... ،ئاڭلىشىمچە مۇشۇ مۇنبەردە 200دەك باشقۇرغۇچى باركەن، مەن ئىككى مىنۇت بولدى ،بىر تىما يوللىسام بىرەرسىڭلارمۇ تەستىقلاپ چىقارمايسىلەرغۇ؟، سىلەرگە پارە بەرسەك چىقىرامسىلەر يا؟ ، شەبنەم دىگەن سىلەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەمەس، بىز ئەزالار بولمىساق ، مۇنبەرمۇ بولمايدۇ...، بۇ دېگەن خەلىقئارالىق مۇنبەر، شۇڭا نامىڭلارغا چۇشلۇق ئىش قىلمىساڭلار قانداق بولىدۇ ؟، جاپا تارتىپ تېما يوللىساق، سىلەر ۋاقتىدا تەستىقلىماي نىمە قىلماقچى؟ ، شەبنەم ئەپەندىمگە ئەرزىم بار، بۇنداق ئىش ئۇنىمى ياخشى ئەمەس مۇنبەرنى ئاچقاندىن،ئاچمىغان ياخشى، بۇ گەپلەرنى دىسەم ھوقۇقىڭلاردىن پايدىلىنىپ مىنى چەكلىۋىتەلەمسىلەر ؟، سىلەر چوقۇم شۇنداق قىلىسىلەر ، قولۇڭلاردىن شۇ كىلىدۇ،سىز ئادىللىقنى ياقلىسىڭىز ياخشى باشقۇرغۇچى بولۇڭ. بولمىسا مىنى مۇنبەر تۇرمىسىغا تاشلاڭ.....باشقا ئىشلارنى ئۆزۇم دىيىشىۋالىمەن....
__سىز توختاپ تۇرۇڭ...
__مەن نىمىگە توختىغۇدەكمەن؟ ئاڭلاپ قويۇڭ : مەن «توختاخۇن ئەمەس» ! ، سىز مىنىڭ گەپ قىلىش ھوقۇقۇمنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇ ؟، جۇڭخۇا خەلق جەمھۈرىيىتىنىڭ قانۇنىدا ھەممە ئادەمنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بار - دەپ بەلگىلەنگەن، ئەجىبا مەن مۇشۇ يەردە سىزگە سۆزلىسەم بولمامدىكەن؟ ، ھىلىمۇ جەمئىيەتتە ئەركىن سۆزلىگىلى بولمايدۇ، ئەمدى بىر ياخشى شەبنەم مۇنبىرىدىمۇ سۆزلىيەلمەمدىم....؟ مەن نىمە دىگىم كەلسە شۇنى دەيمەن...، سىلەر باشقۇرغۇچىلارمۇ ھەددىڭلاردىن ئىشىپ كەتتىڭلار، ئامىركىغا ئۇباما ئەلباشى بولدى، ئۇ شۇنداق ياخشى سۆزلىمىگەن بولسا...، ئۇنى كىم قوللايتتى؟ مەن ئۇ قارىۋايغا يەتمىسەممۇ ئوخشاشلا سۆزلەش ئەركىنلىكىم بار....
__ سىز بىر چاي ئىچىۋىلىپ سۆزلىسىڭىز بولامدۇ؟!....
__نىمە؟... چاي ئىچىڭ دىدىڭىزمۇ ؟ سىزنىڭ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن مۇنداق دىيىشىڭىز بەك چىكىدىن ئىشىپ كەتتى! ، سىزنىڭ مىنى چاي ئىچىڭ دىگىنىڭىز بىر تەرپلىمىلىك كۆز قاراش، شۇنداقلا تولىمۇ بىمەنىلىك. سىزگە دەپ قوياي، چاي دىگەننى قالايمىقان ئىچىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر چايلارنىڭ سۇپىتىگىمۇ قارىمىساق بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەگەر چاي تەركىبىدە كالىي سىيانوگېن بار بولسا ، ئۇنداق چاينى مۇتلاق ئىچىشكە بولمايدۇ ....
__ سىز خاتا چۇشۇنۇپ قالماڭ ، مەن چايدا زەھەر بار دىمىدىم....
__ ياخشى، ياخشى...، كىم سىزنى چايغا زەھەر سالدى - دىدى؟ ئەجىبا مەن سىزگە چايغا زەھەر سالدى - دەپ تۆھمەت قىلدىممۇ؟! ئەجىبا ، تەپتىش مەھكىمىسى تورداشلارغا زەھەرلىك چاي ئىچىڭ - دىدى دەپ ئۇستىڭىزدىن ئەرىز قىلدىمۇ؟ ياكى مەن شۇنداق شىكايەت قىپتىمەنمۇ؟ ، ئادەمگە بۆھتان چاپلىماڭ، شەبنەم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن، گىپىڭىزگە ئىگە بولۇڭ . مەن يەنە دەپ قوياي، مەن سىزگە ماڭا زەھەرلىك چاي بەردى- دىمىدىم. ۋاھالەنكى سىز مىنى گەپ يورغۇلۇتۇپ زەھەرلىك ئادەم دەۋاتىسىز...بۇنۇ قانداق چۇشەندۇرىسىز؟ بۇ مىنىڭچە ئارىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرىقى چاچقانلىق ، بۇنى باشقا قىرىنداش مىللەتلەر ئاڭلاپ قالسا سەت ئەمەسمۇ؟ ، ئۇ چاغدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغىمۇ تەسىر يىتىدۇ...
__ بۇگۇن ھاۋا خىلى ياخشى جۇمۇ؟! (ئامالسىز سۆھبەتنى بۇرىماقچى بولدۇم)
__ سىز قەستەنگە گەپنى بۇراۋاتىسىز، سىزنىڭ سەۋىيەرىڭىز يوقكەن، شەبنەمنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بۇنداق بولسا بولمايدۇ. سىز مۇشۇنداق جۆيلۇپ قانداقمۇ باشقۇرغۇچى بولۇپ قالغانسىز؟!، مەسىلەن ئىيتايلى : بۇ يەردە ھاۋانىڭ ئوچۇق بولىشى پۇتۇن دۇنيادا، جۇملىدىن سۇئەدى ئەرىبىستاندا ھاۋانىڭ ئوچۇق بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەسىلەن: ئۇرۇمچىدىمۇ بۇ يىل تۇزۇك قار ياغمىدى، لىكىن شىمالىي قۇتۇپتا ھاۋا چوقۇم سوغۇق.
__ لىكىن بۇ يەر شىمالىي قۇتۇپ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ گىپىڭىز راس بولسۇن....
__ توۋا، سىز مىنى كۆزگە ئىلماي «سىزنىڭ گىپىڭىز راس بولسۇن » - دەۋاتىسىز،،،،بۇ ئىنىقكى پاكىتنى بۇرمۇلىغانلىق. بۇ سىزدەك باشقۇرغۇچىنىڭ كۆڭلىنىڭ يامانلىقىنى چۇشەندۇردۇ .
__ بولدى ، سىز بىلەن تالاشماي، ئەمدى چ چ دىن چۇشۇپ كىتەي....
__ نىمە؟ ، سىز بىر پاتمان ئىشنى تىرىپ قويۇپ مۇشۇنداقلا كەتمەكچىمۇ ؟ ، توختاپ تۇرۇڭ....历史上的今天:
پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتى 2009-01-30بەلگە @ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟ 2009-01-30ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى 2009-01-30دانىشمەنلەر ئىيىتقان تېپىشماقلار 2009-01-30ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ 2009-01-30
收藏到:Del.icio.us
评论