-
كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى - [تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى]
2009-02-01
1- ئۇسۇل: كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش
بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى Win كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا شۇ). مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا بىزگە تونۇش بولغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن «كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەر ياكى Word دېگەندەك يېزىق تەھرىرلەش قوراللىرىغا چاپلىۋالساقلا بولىدۇ.2-ئۇسۇل: Word دىن پايدىلىنىش
بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان Word ئارقىلىقمۇ، چەكلىمە بار تور بەتلىرىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. سىز پەقەت ئالدى بىلەن شۇ چەكلىمە بار تور بېتىنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئاندىن Word نى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «ھۆججەت- ئېچىش» بۇيرۇقىنى بېرىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ھۆججەت ئىسمى دېگەن يەرگە بايامقى تور بەت ئادرېسىنى چاپلاپ، ئېچىش دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بۇ چەكلىمە بار تور بېتى Word دائىچىلىدۇ. ئەمدى سىز قايسى يەرنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز خالىغانچە كۆچۈرەلەيسىز
收藏到:Del.icio.us
评论
رەھمەت سىزگە...!