-
ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى ؟ - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2009-02-05
ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى ؟
قەدىمدىن - ھازىرغىچە ، جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بۈيۇك كەسىپ ھىسابلىنىپ كەلدى ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئەل ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ، دەپ قارىلىپ كەلدى ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدىغان ھەقىقەت . مەن ئۆزەممۇ ئوقۇتقۇچى ، شۇ سەۋەبلىك شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىمدىن ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن پەخىرلىق تۇيغۇسى ھېس قىلىمەن ! ئەپسۇس ، يىقىندا تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇققان يوقلاش بىلەن بىرىپ ، بىر نەچچە ناھىيە - شەھەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدىم ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساۋاقداش ، دوست - بۇرادەرلىرىم كۆپرەك بولغاچقا ئۇلار بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كۆپ بولدى ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ، ئۇلارنىڭ دائىملىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى چۇشۇنۇشىم چۇڭقۇرراق بولدى . بىلدىمكى بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئىغىركەن .توغرىسىنى ئىيىتقاندا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا مەسىلە ئىغىركەن !
بىرىنچى ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىكى قىمارۋازلىق .
مىنىڭ دوست - ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك < ماجاڭ > ئۇستىلىرى ئىدى . بىر نەچچىسى بىر يەرگە كەلسە ، چوقۇم پاراڭ تىمىلىرى مىللى مائارىپ مەسىللىرى بولماستىن تەبىئىلا بۇ خىل زامانىۋى < كوڭۇل ئېچىش ئويۇنى > ئۇستىدە بولاتتى . بەزىدە قىزىقىپ < تاۋكا > قۇرۇلغان سورۇنلارغىمۇ بىرىپ باقتىم ، بىر سائەتكە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە نەچچە مىڭ يۇەن ئۇياق - بۇياق بولغىنىنىمۇ كۆردۇم ، لىكىن ئۇلار مائاشنى ۋاقتىدا ئالالمىغىنىدىن قاقشايتتى ، ئۇتقانلار ئەتە- ئۆگۇن ۋاقىتنى سوزماي يەنە جەم بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۇرسە ،ئۇتتۇرغانلار خوتۇن - بالىلىرىغا قانداق قىلىپ چاندۇرماي ئۆتكەلدىن ئۆتىۋىلىش پىلانلىرىنى ( ئىلگىرى ئەسقاتقان ھۈنەر ) كۆز - كۆز قىلاتتى . ئۇلارنىڭ پازىتسىيىسىدىن قىلچىمۇ ئەنسىرەش ياكى ئۆكۇنۇش ئالامەتلىرىنى كۆرگۇلى بولمايتتى ، بۇنداق سورۇنلاردا بەزىدە < مەكتەپ مۇدىرى > ساۋاقداشلىرىمنىڭمۇ سايىسىنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولدۇم . كىيىن بىلدىمكى < ماجاڭ > دىن باشقا قەرىتلەر بىلەن ئوينىلىدىغان ، ئىسمى غەلىتە قىمار ئويۇنلىرىمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا < ئومۇملىشىپتۇ > !
ئويلاپ قالدىم : بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟
ئىككىنچى ،ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىكى مەيخورلۇق.
مىنىڭ دوست - ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك < ھاراق كۆتۇرەلەيدىغان > لار ئىدى . ئونلارچە يىغىلغان چاغنى دىمەيلا قويايلى ، بىر - ئىككىسى يىغىلغان سورۇندا ئاق ھاراق ، قىزىل ھاراق ، ئىكىسو ، پىۋە ، ناپالىيۇن ، ...... ئىشقىلىپ ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ بىرەرسى كەم بولمايتتى . كەيىپتىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرلىرى ، ھۆكۇمەت ، مائارىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ھوقوقنى قانداق سىتىۋالغانلىقى ، جەمىيەتتىكى ئاجايىپ - غارايىپلار ...... ئىشقىلىپ گېزىتلەردىن ، تېلىۋىزورلاردىن ئاڭلىيالمايدىغان ، كۆرەرمەيدىغان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇرمىلىنىپ ئوتتۇرغا قويۇلاتتى . سىنىپقا مەسلىكى يىشىلمەي كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئالداپ سىنىپتىن چىقىۋالغانلىقى ، بەزىدە بايقىلىپ قىلىپ قانداق جازاغا ئۇچرىغانلىقى ..... ، قايسى ئوقۇغۇچىسىنىڭئۆزىنى ئۆيگە يۆلەپ ئاپىرىپ قويغانلىقىنى ، قايسى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆزىنى < داپەنجى > بىلەن مىھمان قىلغانلىقىنى .... ئىشقىلىپ يېڭىلىق تۇيۇلغان < كۆڭۇل سۆزلىرى > نىڭ ھەممىسىنى ئىيتاتتى ، بۇنى ئاڭلىغان باشقا كەسىپتە ئىشلەيدىغان ساۋاقداشلار بولسا ئۇلۇق كىچىك تىنىپ < سىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىڭلار شۇنداق چوڭ ، مىھمان قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىڭلار ھامان بار ، سىلىر نىمە دېگەن بىلەن باشلىقلاردىن قىلىشمايسىلەر ! > دەپ سۆز قىستۇرۇپ ماقتاپ قوياتتى ...
ئويلاپ قالدىم : بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟
ئۇچىنچى ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىكى كەسىپنى سۆيمەسلىك.
مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم دىگۇدەك 40 ياشلار ئەتراپىدىكى < پىشقەدەم > ئوقۇتقۇچىلار ئىدى . مۇنداقچى ئىيىتقاندا ئۇلاردا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇجۇر - بۇجۇرىنى ئاساسەن چۇشەنگەن ، ئۆزىنىڭ < ئىگىلىكى > نىڭ نىمە بولىشىنى بىلگەن < موللام > لار ھىسابلىناتتى . لىكىن ئۇلانىڭ كۆپچىلىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ، ئاللا خالىسا پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئوقۇتقۇچى قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى ئەمەسلىكىنى بەس - بەستە سۆزلىشەتتى . شۇنداق ئوقۇتقۇچى بولماق تەس ھەم جاپالىق -ئەلۋەتتە . ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق < دەردى > بار . لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى سۆيۇشتىن باش تارتىش قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇتقۇچىلاردىكى كەسپىي ئەخلاقنىڭ ناچارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدۇ ، ئادەم تەربىيلەشتە < ئۆزى ئۈلگە بولۇش > مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . سىز ( ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ) ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرمەيسىز ؟! ، ئۇنداقتا ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرمىگەن ئىشنى قىلىپ ئەۋلاتلارنى لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيلىيەلەمسىز ؟ ئاتا- ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى ياخشى مەكتەپ ، ياخشى ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇتقۇسى كىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقى سەۋەپ مەكتەپتىنقىچىپ چىقىپ كىتىپ بارغانلار قانچىلىكتۇر ؟
ئويلاپ قالدىم : بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟历史上的今天:
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى 2009-02-05بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى 2009-02-05مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟ 2009-02-05
收藏到:Del.icio.us
评论
بىكەت تۇغى :http://owqi007.blogbus.com/files/12347921110.gif
بۇ بىكەتتە سىلەرگە پايدىلىق بولغان ھەرخىل يۇمشاق دىتاللار بار ھەم دەرىسلىك
سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالمىز .
بىكەتتە كۈندە يازمىلار كۆپيىپ ماڭدۇ
ئىلتىماسىڭىز بويىچە بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، تور سۇرئىتى ئاستىلاپ قالغاچقا تۇغ قويمىدىم.
بۇندىن كىيىن كۆپرەك ھەمكارلىشىپ تۇرامىز.