-
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-05
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.
ئامىرىكا ئېمىل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يىقىندا ئېلىكتىر قۇتۇپى بولغان بىگىزسىمان مىكرو ئەينەكنى سەكتە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ مىڭىسىگە ئورنىتىپ ، كىسەل مىڭىسىنىڭ كومپىيوتېر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىگە ياردەم بەرگەن . بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پالەچ ھەم سۆزلىيەلمەيدىغان ، لىكىن چوڭ مېڭىسى مۇكەممەل كىشىلەر كومپىيوتېر ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالەيدىكەن .
دەلىلچىلەرنىڭ كۆرسۇتىشىچە ، چوڭ مېڭىگە ئورنىتىلغان ئېلىكتىر قۇتۇبى چوڭ مېڭە سىگنالىنى چوڭايتالايدىكەن . ئاندىن سىگنالنى كېسەلنىڭ باش قىسمىغا ئورنىتىلغان ئانتېنناغا ئوخشاش گارمۇنسىمان سىم ئارقىلىق كومپىيوتېرغا يەتكۇزىدىكەن . چوڭ مېڭە سىگنالى مائۇس كۆرسەتكۈچى بىلەن ئىلگىر - كېيىن تەۋرىتىلىپ ، ئېكراندىكى < رەخمەت > ، < سىز بىلەن كۆرۇشكىنىمگە خۇشالمەن > دېگەنگە ئوخشاش جەدىۋەللەشتۇرۇلگەن ئۇچۇر شەكىللىرىنى كۆرسۇتۇپ بىرەلەيدىكەن .
تەتقىقاتچىلار كىسەللەرنىڭ كومپىيوتېر بىلەن خەت يېزىش ، ئىلخەت ئىبەرتىش ، چىراق باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىنىۋىلىشىنى ئۇمىد قىلىدىكەن .( پايدىلانما : ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى)历史上的今天:
بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى 2009-02-05مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟ 2009-02-05ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى ؟ 2009-02-05
收藏到:Del.icio.us