بۇ ماتىماتىكىلىق بەلگىنى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغانمۇ ؟
يىقىندا ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇپ كۆرۇشمىگىلى ئۇزاق بولغان بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن جەم بولۇپ سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم ، ئارىلىقتا بىر ساۋاقدىشىم ھازىر ماتىماتىكىدا كۆپ قوللىنىلدىغان ئىككى مۇھىم ماتىماتىكىلىق بەلگە < > ( مەنىسى: چۇنكى ) بىلەن < > (مەنىسى : شۇنۇڭ ئۈچۈن ) لەرنى بىز ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى . سەۋەبى بۇ ئىككى بەلگە دەل < چۇنكى ۋە شۇنۇڭ ئۇچۇن > دىكى چ بىلەن ش نىڭ ئاستى ۋە ئۇستىدە بار بولغان ئۇچ چېكىت ئىدى . كىيىن جۇڭگۇ ۋە چەتئەلنىڭ نوپوزلۇق كىتاپلىرىنى كۆرۇپ چىققان بولساممۇ باشقا ماتىماتىكىلىق بەلگىلەرنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى بار بولسىمۇ ، بۇ ئىككى بەلگە ھەققىدە ھېچقانداق تارىخي يازمىلارنى تاپالمىدىم ، ئەگەر دوستۇمنىڭ دېگىنى يالغان بولسا تىپىلىشى كىرەك ئىدى ، شۇڭا ئويلاپ قالدىم :
بۇ ماتىماتىكىلىق بەلگىنى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغانمۇ ؟
تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار ، ئەگەر بۇ راس بولسا كاتتا ئىش بولاتتى ، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ بىر تۇگۇن يىشىلىپ كاتتا ئىش بولىدۇ . ياردەمنى ئايىمىغايسىلەر !
评论
ئەمدى ئىنكاس ئورنىغا يىزىلدىغان خەت چەكلىمىسىنى يۇقۇرى كۆتەرمىسەك بولمىغۇدەك.
جاپا چەكمىگەيسىز....
سىز دىگەندەك ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى يوللاشقا تىرىشىمەن.
تەكلىپىڭىزگە تەشەككۇر !
بولسا ماتېماتىكىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ كىلىش جەريانىنى ماقالە قىلىپ چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز.
مەسلەن:لىمىت نىڭ كېلىپ چىقىش جەيانى قانداق كىلىپ چقىقان.
ئەمدى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلا ئىشلەتكەن چاغاتاي يېزىقىغا قاراپ باقساقلا ھەممە ئىش ئايان بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن (∴) ۋە چۈنكى (∵ ) دىگەن بۇ بەلگە 1827-يىلى كامبىرج ئۇنىۋېرسىتىتى نەشر قىلغان ئېۋكىلىدنىڭ ‹‹گېئومېترىيە ئاساسلىرى›› دىگەن كىتابىدا
بلوگ يېڭى ئىچىلدى، يىتەرسىزلىكلەرمۇ يوق ئەمەس، كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىز............