-
مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟ - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2009-02-05
مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟
بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ، مىللى مائارىپى ئىشلىرىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان . مەكتەپ مۇدىرى دىمەك - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىمەكلىكتۇر . < مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا ، بىر ياخشى مەكتەپ مۇدىرى بىر ياخشى مەكتەپتىن ئىبارەتتۇر > ، مىللى مائارىپىمىز نۇرغۇن مۇشكىلاتلارغا ۋە خىرىسلارغا دۇچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە ، بىز سىياسى سەزگۇرلىكى يۇقۇرى ، قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ، بارلىقىنى مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلىيالايدىغان ساپالىق مەكتەپ مۇدىرلىرىغا مۇقتاجمىز .
ئەپسۇس ، يىقىندا تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇققان يوقلاش بىلەن بىرىپ ، بىر نەچچە ناھىيە - شەھەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدىم ، ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئون نەچچە ساۋاقدىشىم ۋە دوستلىرىم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ دىگەندەك ئوخشىمىغان تۇزۇلمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى بولغان ئىدى ، بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ۋە سۆيۇندۇم ،دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولدۇم ، شۇنۇڭ بىلەن بىرگە مىللى مەكتەپلىرىمىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋالى توغۇرلۇق دەسلەپكى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم . ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ھىس قىلدىمكى بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزدا مەسىلە ئىغىر ئىدى ، توغرىسىنى ئىيىتقاندا بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزدا مەسىلە ئىغىر ئىدى .
بىرىنچى ،مەكتەپ مۇدىرنىڭ < سىياسەت ئىجرا قىلىشى > .
مىنىڭ مۇدىر ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۇدەك سىياسى - نەزەرىيە سەۋىيىسى بەك < يۇقۇرى > ئىدى . 20 نەچچە يىل مائارىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئۇرۇمچىدە ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ - غارايىپ يەرلىك سىياسەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن < دۆلەتنىڭ سىياسىتى > دەپ ئاڭلاپ ھەيران قالدىم . ئوقۇتقۇچىلارغا بۇرۇت قويۇشقا روخسەت قىلماسلىق ، جۇمە نامىزى ۋاقتىدا ۋە ئىككى ھېيىت ( قۇربان ھېيىت ۋە روزى ھېيت ) نامىزى مەزگىلىدە مەكتەپكە كىلىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇش ، ئوقۇغۇچىلار سومكىسىنى تارازىغا سىلىپ ئۆلچەپ < يۇكىنى يەڭگىللىتىش > ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ - ماتىرىيال پۇلىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىدىن تۇتۇش ، ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىسم -فامىلىسى ۋە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئىيتىپ بىرەلمىسە 100مىڭ خەتلىك سىياسى نەزەرىيە ئۆگىنىش خاتىرىسى يازغۇزۇش ، خەنزۇ تىلىدا دەرىس ئۆتەلمىسە مۇئاشىنى توختۇتۇش ، كەسپىي ئۆگىنىش ۋە مەمۇرى يىغىنلاردا چوقۇم < خەنزۇ تىلىدا سۆزلەش > نى تەلەپ قىلىش ، ھەپتىدە بىر ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسىنى كۆرۇپ كۆچۇرۇپ خاتىرە قالدۇرۇش ، ....... ئىيتاۋۇر دۆلەتنىڭ بۇنداق < سىياسەتلىرى > بەك كۆپ ئىدى . مائارىپ دۆلەتنىڭ ئانا ماشىنىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ، ئىلىمىز مائارىپ سىياسەتلىرى ئاساسەن تەرەققىياتنى كۆزلىگەن . يۇقارقىلار پەقەت پەتىۋاچى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى سىڭگەن < تو- تو گەپلەر > بولۇپ ، بۇلارنى قانداقمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتى دىگىلى بولسۇن ،؟! ئەلۋەتتە ئايرىم بۇيرۇقلار شۇنداق چۇشكەندىمۇ لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى ئىجاتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىشنى بىلمەمدىغاندۇ ؟ شۇنداق كىتىۋەرسە بىزنىڭ مىللى مەكتەپلىرىمىز نىمىگە ئايلىنىپ قالار ؟
ئويلاپ قالدىم : بىزنىڭ < سىياسى سەزگۇرلىكى يۇقۇرى > مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولغاندۇ ؟................
ئىككىنچى ، مەكتەپ مۇدىرنىڭ < دائىملىق ۋەزىپىسى > .
مىنىڭ مۇدىر ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى پىشقان < دىپلىمات > ئىدى . ئۇلارنىڭ دائىملىق ۋەزىپىسى مەكتەپلەرنىڭ نورمالنى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تۇتۇش ، سۇپەتنى يۇقۇرلىتىش ئەمەس ،بەلكى ئۆزىنىڭ < 36 تەدبىر > نى ئىشقا سىلىپ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مائارىپقا مەسئۇل ھاكىم - شۇجى ... لەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئىدى . مەيلى ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى يەسلىدىن ئەكىلىش دەمسىز ، مىھمانلىرىنى كۇتۇش ئۇچۇن خىلۋەت باشقىلار كۆزىگە ئاسان چىلىقمايدىغان < ئارامگاھ> لارنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەمسىز ، ئىسمى < يۇقۇردىن كەلگەن باشلىق > دەپ ئاتالغان ھۆ تىڭجاڭ ، سا چۇجاڭ .. لارنىڭ تانسا ئوينىشى ئۇچۇن بويتاق ئوقۇتقۇچى ۋە خانىملانى يىڭى بىر < سىياسى ۋەزىپە > تىزىملىكىگە كىرگۇزۇش دەمسىز ، مەكتەپ نامىدىن < مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن كۆڭۇل بۆلگەن > ئەتىۋارلىق ئەمەلدارلار ئۇچۇن چاغانلىق ،بايراملىق ، ھېيىتلىق ، تۇغۇلغان كۇنىلىك ، يىغىنغا ماڭغىنىنى ئۇزۇتۇش كۇنىلىك ، يىغىندىن كەلگىنىنى تەبرىكلەش كۇنىلىك ....سوغات تەييارلاش دەمسىز ( بىر يىلنىڭ 365 كۇنىدە قايسى ئالاھىدە كۇن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ تىخى ئۇلار ! ) ، ... تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ ، مۇدىرلىرىمىز بارلىق < جاڭ > ئاتلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشنى بىلىدۇ ، ئەمما مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلمەيدۇ ، ئۇلارنىڭ نىمە دەردى بار ، نىمىسىگە كۆڭۇل بۆلۇش كىرەك ؟ ئۇنى بىلمەيدۇ .شۇنداق كىتىۋەرسە بىزنىڭ مىللى مەكتەپلىرىمىز نىمىمۇ بولاپ كىتەر ؟
ئويلاپ قالدىم : بىزنىڭ مۇدىرلىرىمىزنىڭ دائىملىق ۋەزىپىسى نىمىدۇر ؟
ئۇچىنچى ، مەكتەپ مۇدىرنىڭ < يېڭى ۋەزىپىسى > .
مىنى ھەممىدىن بەك ئىچىندۇرغىنى مۇدىر ساۋاقداشلىرىمنىڭ < يېڭى ۋەزىپىسى > ئىدى . قانداق يىڭى ۋەزىپىكەن دەمسىز ؟ ئۇلار دېگۇدەك باشلىقلار ئۇچۇن ھەقسىز ، تونۇش بىلىشلىرى ئۇچۇن ھەقلىق بالا باققۇچى بىلەن تەمىنلەش < شېركىتىنىڭ > دىرىكتورى ئىدى . بۇ شىركەتنىڭ سودىسى گەرچە قانۇن تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ ، يۇقۇرى - تۆۋەننىڭ قوللىشى ۋە مىللىتىمىز دېھقانلىرىدىكى ئاڭسىزلىق ( توغۇرسىنى دېگەندە مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ) سەۋەپلىك ئۇن - تۇنسىز راۋاجلىنىۋاتقان ئاۋات سودا ئىدى . شاۋاقداشلىرىمنىڭ نەزىرىدە < ئۇلارنىڭمۇ دەردى بار > ، بۇ مەكتەپنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتى ئۇچۇن يۇقۇردىكىلەرنىڭ تاپشۇرقىنى بىجا كەلتۇرۇش ھېسابلىناتتى . ئەپسۇس ، ھەممە مەكتەپ مۇدىرى ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىمۇ چوڭ - كىچىك < بومو > لىرى تەل ئىدى. بىرسى بالا بىقىشقا مەسئۇل بولسا ، بىرسى كىر -قات يۇيۇش ۋە مۇدىرنىڭ خانىمىنىڭ پۇتىنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالغان ئىدى .مۇدىرنىڭ باشقا < كادىر > دوستلىرىنىڭمۇ ھاجىتى ئۇلار ئارقىلىق بىجا كەلتۇرۇلگەن ئىدى . بۇنىڭدىن يەنە قوشۇمچە كىرىممۇ قىلاتتى - تىخى ! . بىر قىتىملىق سورۇندا ئىككى مۇدىر ساۋاقدىشىم < شىركىتى > ئۇچۇن قوشقان تۆھپپىسىنى سىلىشتۇرۇش ئىلىپ باردى ، بىر يىلدا ئىككىسىنىڭ مەكتەپتىن ئاجراتقان بالا باققۇچىسى 31 نەپەر ئىدى ، يۇقۇرى رىكورت 17 بولدى . لىكىن بۇلاغا ئۇلارنىڭ ئىچى ئاغرىمايدۇ- دە ، نىمىشقا دەمسىز ؟ چۇنكى بۇ بالا باققۇچىلار ئىچىدە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى ياكى تۇققانلىرىنىڭ پەرزەنتى يوق ! ، <مائارىپچى > ئاتالغان بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرى دېھقان بالىلىرىنى قانداقمۇ ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرسۇن ؟! ، مىللەتنىڭ بالىلىرى دىگەننىغۇ ئەسلا ئويلىيالمايتتى ، ئويلىسىمۇ ئىغىزدا شۇنداق ئىدى .....
ئويلاپ قالدىم : بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟.....历史上的今天:
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى 2009-02-05بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى 2009-02-05ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى ؟ 2009-02-05
收藏到:Del.icio.us
评论
چۇنكى بىر مەكتەپ مۇدىرى، بىر نەچچە ئون ئوقۇتقۇچىنى، بىر نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنى ھەقىقى تۈردە مىللەتنىڭ،ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن توغرا يولغا باشلايدۇ .