-
99.999% ئادەم بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىك - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-06
1 -ھەر كۇنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 بوۋاق دوختۇرخانىلاردا ئاتا- ئانىسىغا خاتا بىرىلىپ قالىدۇ.
2-ئادالۇف.گېتلىرنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇغۇلماستىنلا چۇشۇرۋەتمەكچى بولغان ، بىراق دوختۇرلار نەسىھەت قىلىپ تۇغۇلۇپ قالغان، شۇ سەۋەپ دۇنيادا زور ئۆزگۇرۇش بولدى.
3-شاكىلات ئىتنىڭ « ئۆلۇم دورىسى» ، ئازراقلا شاكىلات يەپ سالغان ئىت بىردەمدىلا ئۆلىدۇ.
4-قايچىنى داڭلىق رەسسام داۋېنچ كەشىپ قىلغان .
5-داۋېنچ بىر قولىدا خەت يىزىپ ، بىر قولىدا بىرلا ۋاقىتتا رەسىم سىزالايدۇ.
6- ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلدە تارقىتىلغان «ئوسكار مۇكاپاتى» لۇڭقىسى ياغاچتىن ياسالغان ئىدى.چۇنكى ئۇ چاغدا مىتال بەك ئەتىۋارلىق بولغان.
7-ئادەم تەخمىنەن 7 مىنۇتتا ئۇيقۇغا كىرەلەيدۇ.
8-مۇشۇك ئىنجىلدا بىردىن-بىر تىلغا ئىلىنمىغان ئۆي ھايۋىنى.
9-كونۇپكا تاختىسىدىكى مەشخۇلاتنىڭ 56% تى سول قولدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
10- "dreamt" بىردىن- بىر " mt" بىلەن ئاخىرلاشقان ئىنگلىزچە سۆز.
11- «كوكا- كولا » ئەڭ دەسلەپ يىشىل رەڭدە ئىدى.
12- « assassination» بىلەن «bump» دېگەن ئىككى سۆزنى شېكىسپىر ئىجات قىلغان.
13- ئومومەن، دۆدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.
14-كىپىنەكنىڭ تەم سېزىش ئورگىنى پۇتىدا بولىدۇ.
15-پىل سەكرىيەلمەيدۇ.
16- 111,111,111x111,111,111=12,345,678,987,654,321
17- قارغۇ بولىدىغان ئاياللار ئەرلەردىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
18-دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىم « مۇھەممەد » دۇر.
19-يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا 300 پارچە سۆڭەك بولىدۇ، ئۇ يىتىلگەندە 206 پارچا سۆڭىكى بولىدۇ.
20-ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۇنىگە 6 قېتىم ھاجەتخانىغا بارىدۇ.21- 1996-يىلى نەشىر قىلىنغان ۋىبوست (韦伯斯特) ئىنگلىز تىلى لوغىتىنىڭ 315 سۆزلىكى خاتا يىزىلغان.
22- 19- ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا پەمىدور قىيامى دورا ئورنىدا سىتىلاتتى.
23- داۋىنچى « مىلونىزا » نىڭ كالپىكىنى سىزىش ئۇچۇنلا 10 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان.
24- داڭلىق كىنو چولپىنى لىشاۋلوڭنىڭ ھەركىتى راستىنلا بەك تىز . شۇڭا كىنو ئىشلىگۇچىلەر سۇرئەت ئاستىلىتىش تىخنىكىسى بىلەن سۇرئەتنى ئاستىلىتىپ چىقىرىدۇ.باشقا ئارتېسلارنىڭكىنى بولسا تېزلىتىدۇ.
25- ئىھتىياتسىزلىقتىن سىزنى تىمساق چىشلىۋالسا ، تىمساقنىڭ كۆزىنى كۇچەپ بىسىپ تۇرىۋالسىڭىز سىزنى قويىۋىتىدۇ.
26- سۇۋەرەك (ھەسەن شىرىك) نىڭ بېشىنى ئۇزىۋەتسىڭىزمۇ يەنە 10 كۇن ھايات ياشىيالايدۇ.
27- 80% ئامىركىلىق كۆك رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ.
28- يەر شارىدا ئادەمدىن توخۇ كۆپ.
29- دۇنياغا داڭلىق مارىبولو تاماكا شىېركىتىنىڭ تۇنجى باش لىدىرى ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەن.
30- bookkeeper دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى بىردىن- بىر ھەرىپى 3 قىتىم تەكرارلىنىدىغان سۆزلۇك.31-يەر شارىدا ھەر 10 سېكۇنىتتا بىر ئادەم دىئابېت كېسىلى بىلەن ئۆلۇپ كىتىدۇ.
32-مىكسىكا شەھرى يىلىغا 10 ئىنگلىز سۇڭى ئولتۇرشۇپ كىتېۋاتىدۇ.
33-ئادەم مېڭىسىنىڭ ئۇخلاۋاتقاندىكى پائالىيىتى تېلىۋىزور كۆرگەن چاغدىكىدىنمۇ جانلىق بولىدۇ.
34-باش بارماقنىڭ تىرمىقى ئەڭ ئاستا ئۆسىدۇ؛ ئوتتۇرا بارماقنىڭ تىرمىقى ئەڭ تېز ئۆسىدۇ.
35-ئامىركىنىڭ ۋاشېنگىتوندا ئادەمدىن تېلىفۇن كۆپ.
36-دۇنيادىكى كەمبىغەل 48 دۆلەتنىڭ ئومومى بايلىقى ، دۇنيادىكى ئەڭ باي 3 ئادەمنىڭ بايلىقىغىمۇ يەتمەيدۇ.
37-دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك «ئانا» جۇڭگۇلۇق بولۇپ 1910- يىلى 8 ياش ۋاقتىدا يەڭگىگەن.
38-ئادەم تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ كۆزى قانچىلىك بولسا كىيىنمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ؛ بىراق بۇرۇن بىلەن قۇلاق ئۆسىدۇ.
39-ئادەم ئۇخلىمىسا 10 كۇندىن كىيىن ئۆلۇپ كىتىدۇ.
40-تېلىفۇننىڭ كەشپىياتچىسى بىل ئانىسى ۋە ئايالىغىمۇ تېلىفۇن قىلىپ باقمىغان، سەۋەبى ئۇ كىيىنچە نېرۋىسىدىن كىتىپ قالغان.
收藏到:Del.icio.us
评论
ماتېماتىكا بلوگى يېڭى ياسالغان بولسىمۇ سىلەردەك خالىس ياردەمچىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلدى. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن نوقسانلار بار ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تىىنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتىمەن.ئىلان قويۇش ھەققىدىكى تەكلىپىڭىزدىن سۆيۇندۇم. كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
بىرلىكتە تىرىشايلى...........
مەن بلوگ تىخنىكىسىگە ياخشى ئەمەس، سىلەرنىڭ ياردىمىڭلەرگە مۇھتاجمەن. كۆپرەك كۆسەتمە بىرەرسىلەر......