-
قەبرىدىكى تېپىشماق - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-02-06
قەدىمقى يۇنانلىق ماتېماتىكا پىشىۋاسى دىئوفانىتنىڭ قەۋرى تېشىغا مۇنداق نەزمە پۇتۇلگەن :
بۇ مەڭگۇلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئۇلۇق بىر كېشىنىڭ _ دىئوفانىتنىڭ قەبرىسىدۇر.ئۆتتى ئۆمرىنىڭ ئالتىدىن بىرى بالىلىقتا؛
يەنە ئۆتۇپ ھاياتىنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى
ساقال باستى يۇز - كۆزىنى؛
يەنە ئۆتۇپ يەتتىدىن بىرى
ئۆتكۇزدى ئۇ تەنتەنىلىك مۇراسىم؛
توي قىلىپ بەش يىل ئۆتۇپ،
ئىرىشتى بىر شاھزادىگە؛
ئەپسۇس، ياشاپ ئاتىسىنىڭ يىرىم يىشىنى ،
سەپەر قىلدى ئۇ ئالەمگە .
شۇندىن كىيىن ئاتا دىئوفانىت،
تۆت يىل ياشاپ ھەسرەت ئىچىدە،
ئۇمۇ كەتتى ئۇ ئالەمگە!سىز مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ، ئالىمنىڭ قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى تاپالامسىز؟...............................................................................دىئوفانتنىڭ قەبرە تەزكىرىسىبۇ قەبرىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئۇلۇغ بىر كىشى − دىئوفانت! ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتىدىن بىرى بالىلىق دەۋرى؛ يەنە ئۆتۈپ ھاياتىنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى، ساقال باستى يۈز -كۆزىنى؛ يەنە ئۆتۈپ يەتتىدىن بىرى، ئۆتكۈزدى تەنتەنىلىك مۇراسىم؛ توي قىلىپ بەش يىل ئۆتۈپ، ئېرىشتى بىر شاھزادىگە، ئەپسۇس، ياشاپ ئاتىسىنىڭ يېرىم يېشىنى، سەپەر قىلدى ئۇ ئالەمگە. شۇندىن كېيىن، ئاتا دىئوفانت تۆت يىل ياشاپ ھەسرەت ئىچىدە، ئۇمۇ كەتتى جەھەننەمگە. بۇ شېئىر ماتېماتىكا پېشۋاسى دەپ ئاتالغان يۇنانىستان ماتېماتىكى دىئوفانتنىڭ قەبرە تېشىغا ئويۇلغان. دىئوفانت كۆپ نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ۋە كۆپ نامەلۇملۇق ئېنىقسىز تەڭلىمىلەرنى ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەڭلىمىلەرنى تەتقىق قىلغان، بۇ قەبرە تەزكىرىسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر تەڭلىمە بولۇپ، ھەم ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەم بۇ ماتېماتىكنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماتېماتىكنىڭ ئۆمرىنى x ياش دەپ پەرەز قىلساقx=1/6x+1/12x+1/7x+5+1/2x+4 بولىدۇ، بۇنىڭدىن84 =x چىقىدۇ. دېمەك، دىئوفانت33 يېشىدا ئۆيلەنگەن،38 يېشىدا بالىلىق بولغان، ئوغلى42 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، دىئوفانت80 ياشقا كىرگەن يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، دىئوفانت ئۆزى84 يىل ياشىغان. كېيىنكىلەر دىئوفانتنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قوشۇش، كۆپەيتىش ياكى كۋادراتقا كۆتۈرۈشنىلا ئىچىگە ئالغان، كوئېففىتسېنتى پۈتۈن سان بولغان ئېنىقسىز تەڭلىمىلەرنى دىئوفانت تەڭلىمىسى دەپ ئاتىغان. مەسىلەن،14 =3x+5y ياكى x2+y2=z2گە ئوخشاش.
收藏到:Del.icio.us
评论
x=25/28x+9
3/28x=9
x=84
ئۇ 84 ياش.
بلوگنى تىخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن، سىزنىڭمۇ يول كۆرسۇتۇپ تۇرىشىڭىزغا مۇھتاجمەن. كۆپرەك تەكلىپ بىرەرسىز.
جاۋابىڭىز بەك توغرا بوپتۇ، تەشەككۇر !
http://www.kurdaxlar.com/bbs/attachment/36_51_745e8e2
aa94f899.jpg