-
قېنى كىم تىز ھېسابلىيالايدۇ ؟ (1) - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-01-14
قانچە تۇياق ئوۋ ئوۋلىغان ؟
مەلۇم بىر كۇنى بىر ئوۋچى ئوۋغا چىقىپ كەچ ئۆيگە قايتىپتۇ .
ئايالى ئۇنىڭدىن :
___ سىز بۇگۇن قانچە تۇياق ئوۋ ئوۋلىدىڭىز ؟ __ دەپ سوراپتۇ .
ئوۋچى جاۋابەن ؛
___ قۇيرۇقى يوقتىن توققۇز تۇياق ، يىرىمىدىن سەككىز تۇياق ، بىشى يوقتىن ئالتە تۇياق ئوۋلىدىم __ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
ئايالى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى دەرھاللا بىلىۋاپتۇ ( ئوۋچىنىڭ ئايالى ماتېماتىكىدا ياخشى بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ - دە ! )
قېنى سىزمۇ دەپ بىقىڭ : ئوۋچى زادى قانچە تۇياق ئوۋ ئوۋلىدى ؟历史上的今天:
ماتېماتىكا پىرى _ ھىلبېرت 2009-01-14سان ۋە سانلىق قانۇنىيەتلەردىكى گۈزەللىك 2009-01-14« 0 » بىلەن « يوق » بىر گەپمۇ ؟ 2009-01-14ئۇيغۇر نەققاشلىقى ۋە ماتېماتىكا 2009-01-14چەمبەرنىڭ سىرى 2009-01-14
收藏到:Del.icio.us
评论
يەنە بىر ئويلىنىپ باقاي........ بەلكىم تېپىۋالارمەن؟
مۇشۇ ماتىماتىكىنى شۇنداق قىلساممۇ ياخشى ئۆگۈنەلمەيۋاتىمەن. قانداق قىلسام ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟
ماتىماتىكىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆگەنگەلى بولىدۇ؟
جاۋابى ئوۋچى جەمئىي ئالتە تۇياق ئوۋ ئوۋلىغان.
چۈنكى قۇيرىقى يوق ھايۋان يوق، يەنە كېلىپ ھايۋاننىڭ يېرىمى ئوۋلاپ يېرىمىنى ئوۋلىماي قويۇپ قويىدىغان ئوۋچى ھەم يوق.
ئوۋچى كاللىسى يوقتىن ئالتە تۇياق ئوۋلىغان. دېمەك ئوۋچى ئالتە توياق ئوۋ ئوۋلاپ ئۇلارنىڭ كاللىسى كېسىۋەتكەن.
شۇڭا 6 تۇياق ئوۋ ئوۋلىغان.
جاۋابىم توغرىمۇ؟
_________________________________-
تېپىشماققا قاتنىشىپ تەپەككۇر يۇرگۇزگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، بىراق جاۋابى خاتا بولۇپ قاپتۇ...