ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم بويىچە ئىيىتقاندا ، چەمبەر دىگىنىمىز _ بىر نوقتىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتقان نوقتىلار توپلىمىدىن ئىبارەت. چەمبەر تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ ؛ بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەبىئى شەكىللەنگەن بولسا ، بەزىلىرىنى ئىنسانلار سۇنئى ئۇسۇلدا شەكىللەندۇرگەن. سىز بۇ چەمبەرلەرنى ئىنچىكە كۇزەتسىڭىز نۇرغۇن سۇئاللىق ئويلارغا چۆكۇسىز :
___ قۇياش ، ئاي ۋە يەر شارى نىمە ئۇچۇن چەمبەرنى بىرلىك قىلىپ شەكىللەنگەن ، ئۇلار نىمىشقا چاسا ياكى ئۇچ بۇرجەك ئەمەس ؟ ___ دەرەخ ۋە ئۆسۇملۇكلەرنىڭ غولى توغرا كەسمىسى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە بولىدۇ ، نىمىشقا يۇمۇلاق ئۆسىدۇ؟ ___ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قان تومۈرىنىڭ كەسمە يۇزى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە ؟ ___ نىمىشقا ئاددى قاچا- قۇچىلاردىن تارتىپ دورا تابلېتكىسىغىچە چەمبەر (يۇمۇلاق ) شەكىلدە ياسىلىدۇ ؟ ___ ................
بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسى چەمبەردىن ئىبارەت ئاددىي گېئومىتىرىك شەكىلدە مۇھىم بىر سىر بارلىقىنى بىلدۇرىدۇ.ئۇنداقتا بۇ سىر نىمۇ ؟ ئەسلىدە : تەكشىلىكتىكى يۇزى بەلگىلىك بولغان بارلىق گېئومىتىرىك شەكىللەر ئىچىدە چەمبەرنىڭ ئايلانمىسى( پىرىمېتىرى) ئەڭ كىچىك بولىدۇ ؛ چەمبەر ئۆزىنىڭ دىئامېتىرىنى بويلاپ بىر قىتىم ئايلانسا بىر شار شەكىل ھاسىل بولىدۇ ، ئۇنى پاراللىل شەكىلدە يۇقۇرى - تۆۋەن سىلجىتساق دەرەخ غولىغا ئوخشاش سىلىندىرسىمان شەكىل ھاسىل بولىدۇ .شار ۋە بۇ شەكىللەردىمۇ چەمبەرگە ئوخشاش خۇسۇسىيەت بار ؛ ھەجىمى بەلگىلىك بولغان شەرت ئاستىدا شارنىڭ سىرىتقى يۇزى ئەڭ كىچىك بولىدۇ. سىرىتقى يۇزى بەلگىلىك بولغاندا ھەجىمى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
ئىنسانلار ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا چەمبەرنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتىنى خىلى بۇرۇنلا بىلگەن ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان؛ كۇندۇلۇك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان قازان- قۇمۇچ ، قاچا- قۇچا. ..قاتارلىقلار مۇشۇنداق چەمبەرنى بىرلىك قىلغان شار، سىلىندىر ، ياكى يىرىم شار شەكلىدە ياسالغاندا ياساشقا قۇلايلىق بولۇپلا قالماي، ماتېرىيالنىمۇ تىجىگىلى بولىدۇ. ئىچىگە كۆپ نەرسە سىغىدۇ.مانا بۇ چەمبەرنىڭ تۇرمۇشتىكى سىرى!
|