-
ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدىن ئۇچېرىك(1) - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-01-14
تۇنجى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ماتېماتىكا زورنىلى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتى1982-يىلى ھازىرقى زامان يېڭى ئۇيغۇر يىزىقىدا تۇنجى ماتېماتىكىلىق كەسپىي زورنال « ماتېماتىكا » نى نەشىر قىلىپ ، شۇ يىلى ئىككى سان نەشىر قىلغان ئىدى. كىيىن قانداق سەۋەپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ زورنال نەشىردىن توختىدى .باشقا ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقاد يۇرۇتلىرىنىڭ زورناللىرىدا ماتېماتىكا پىنىگە ئاتاپ مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان بولسىمۇ ، بۇ زورنال ھىقىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا مەخسۇس مۇشۇ پەن ساھەسىگە ئاتاپ نەشىر قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ( مەن مۇشۇ ماقالىنى يىزىۋاتقانغىچە ،ئۇيغۇر يىزىقىدىكى مەخسۇس كەسپىي زورنالنى كۆرمىدىم -- بەلكىم پىكىرىم خاتادۇر )كەسپىي زورنال بولۇش سۇپىتى بىلەن؛ ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
زورنال تىشىغا : ئۇستىگە ئۇيغۇرچە matematika دېگەن سۆز ئەگمە شەكىلدە ، ئەگمە ئىچىگە زورنال نەشىر سانى، سېركۇل ۋە ئۇچبۇلۇڭغا ئىچتىن تېگىشكەن چەمبەر، ئاستىغا زورنال نەشىر قىلىنغان ۋاقىت چۇشۇرۇلگەن (يۇقارقى رەسىم ) ،ئارقا تاش بەت ئاق ، پەقەت ئاستىغا تەھرىر ھەيئەتلەر ئىسىملىكى( ئەكرەم خەمىدى، رىشات ھەسەن، ئابدۇراخمان ۋەكىلى...قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى بار ئىدى..) ۋە نەشىر قىلىنغان ئورۇن يىزىلغان ئىدى. تۇنجى رەت نەشىرنىڭ مەزمۇنى بەك مول بولۇپ ، ئىسىمدە قىلىشچە ( مەندە بۇ زورنال بار ئىدى، مەلۇم سەۋەپ تۇپەيلى پەقەت تاش بەتنىلا تاپالىدىم ۋە شۇنى سۇرەتكە تارتىپ بىللە يوللۇدۇم ، توردىكى باشقىلاردا بولسا تولۇقلاپ قويسا كۆپ خۇرسەن بولاتتىم ۋە تەشەككۇر بىلدۇرەتتىم )ماتىماتىكا ۋە لوگىكا ، فۇنكىسسىيىدىكى ئىككى مۇھىم مەسىلە ....قاتارلىق مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەر بىرىلگەن.
پەن تارىخىنى چۇشۇنۇش -شۇ پەننى ئىگىلەشنىڭ بىر باسقۇچى . ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخنى يىزىش بىر بوشلۇق. بۇ يوللانمىنىڭ مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقانلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
历史上的今天:
ماتېماتىكا پىرى _ ھىلبېرت 2009-01-14سان ۋە سانلىق قانۇنىيەتلەردىكى گۈزەللىك 2009-01-14« 0 » بىلەن « يوق » بىر گەپمۇ ؟ 2009-01-14قېنى كىم تىز ھېسابلىيالايدۇ ؟ (1) 2009-01-14ئۇيغۇر نەققاشلىقى ۋە ماتېماتىكا 2009-01-14
收藏到:Del.icio.us