كىسەلخانىدىكى سەتىراچ
(ھىكايە )
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەكتەپ خىزمىتىنى تەكشۇرۇشكە كەلگەن < ئەۋلىيالار > غا تاماق بىرىپ يولغا سىلىۋىتىپ ،ئەمدى سەل ئارامچىلىق بولىدىغان بولدى ! - دەپ ئويلاپ تۇرغان چىغىمدا ، دىلىمدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى قۇدرەتلىك ئاللا ماڭا غەمخۇرلۇق قىلىپ ياخشى ئارام ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىمۇ ..... تۈز يولدىلا پۇتۇم تۇيۇقسىز < مىت - كوت > كىتىپ يەرگە دەسسىيەلمەي ، كارۋاتتىن چۇشەلمەي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدىم ! . يىنىمدىكى بىر نەچچە كۆپنى كۆرگەن مەسلىھەتچى < خالىس تىۋىپ > دوستلىرىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ، پۇتۇمنى يەرلىك ئۇسۇلدا ، تۇخۇمنىڭ ئىقى بىلەن پەرۋىش قىلىپ بىر ھەپتە ياتقان بولساممۇ ھىچ ساقىيدىغان ئەلپازى يوق ! . كۇندە ئۇچرۇشۇپ تۇرىدىغان بىر نەچچە شاھماتچى دوستلىرىم مىنىڭ بىتاپ بولۇپ قالغىنىمدىن ئىچى پۇشۇپ دوختۇرغا كۆرۇنۇپ پۇتۇمنى رەسىمگە ئالغۇزۇپ بىقىشنى تەۋسىيە قىلىشتى . يوقىلاڭ ئىشقا بىر ھەپتە ئۆيدە يىتىپ قالغىنىمغا مەندىمۇ گۇمان پەيدا بولۇپ ، شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەسلىكتە دوختۇرغا بىرىپ كۆرۇندۇم !
پەلەك تەتۇر چۆگىلگىلى تۇردى . دوختۇر دەرھال كىسەلخانىغا < ئۇختۇرۇش > يىزىپ كام دىگەندە يەنە بىر ھەپتە تەكشۇرۇش - داۋالاش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . مەندە نىمە ئامال دەيسىز ؟! ... بۇ < كىسىم > گە ھۆرمەت قىلىپ ياۋاش بولۇپ كىسەلخانىدىكى يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم .
دوختۇرخانا ، ھەي كىسەلخانا ...... ، بىر نەچچە كۇن بولماستىنلا بۇ يەر ماڭا ئاجايىپ سىرلىق تۇيۇلدى . بۇ يەر مەن ئىلگىرى دائىم بىرىپ تۇرىدىغان ناتونۇش يەر بولمىسىمۇ ، دوختۇرخانىدىكى بەزى < يېڭىلىق > لار ماڭا يەنىلا غەلىتىلىك تۇيغۇسى بەردى . كىسەلخانىغا كىرىپ يىتىش ئۇچۇن ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلاپ كەتكەن كىشىلەر ، كىسىلىنى ياخشىراق ساقايتىۋىلىش ئۇچۇن تونۇش دوختۇر ئىزدەپ يۇرگەن بىمارلار ، داۋالىنىش ھەققى يەتمەي ئائىلىسىگە توختاۋسىز تېلىفۇن قىلىۋاتقان كىسەللەرنىڭ ھامىلىلىرى ، ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئورالغان بۇزۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن مىۋە سېۋەتلىرى ۋە ئاجايىپ كۆركەم گۈللەرنى كۆتۇرشۇپ كىسەل يوقلاش بىلەن ئالدىراش يۇرگەن < خىزىر سۇپەت > كىشىلەر ، .......
ئويلاپ قالدىم : دوختۇرخانا ھەممە تەبىقىدىكى كىشىلەرنى تاپقىلى بولىدىغان بىر كىچىك جەمئىيەت ئىدى .
كىسەلخانىغا كىرىپ ياتتىم . ياتقداشلىرىمنى سىلەرگە تونۇشتۇرۋىتەي ! . مەن بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان ئاۋۇ گۇچۇڭلۇق ۋاڭ ئەپەندىم 18 مو يەرنىڭ دېھقان خوجايىنى ئىدى . 4 كۇننىڭ ئالدىدا < گۇچۇڭ ئالىي ھارىقى > خىنىم بىلەن كۆڭۇل خوشى قىلىپ < جان ئالغۇ > ( موتو ) سىنى بولىشىغا ھەيدەپ مىڭىپ يولدا < سانتانا > قارىمغا باش قويۇپ ، پۇت - قوللىرى سۇنۇپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن پەلىۋان بولىدۇ . ئاۋۇ قازاق يىگىت ئەمدىلا 14 ياشقا كىرىپتۇ . تاغدىن < باغ > قا ھۆكۇمەت ئوۋدى 28 تىرەكتۇر بىلەن ماكانلاشتۇرۇشقا ئىلىپ ماڭغاندا كوزۇپتىن پەسكە دومىلاپ كىتىپ پۇتى ۋە سۆڭگەچ سۆڭەك سۇنۇپتۇ . ئاخىرقى بىر ھەمرايىم < سۇيدۇڭ> لىق بولۇپ ، ھازىر پىنسىيىگە چىققان داڭلىق سازەندە ئىدى . قىرىغاندا نىرىپنى سوڭەك بىسىۋىلىپ ماڭالماي يۇرگىلى يىرىم يىل بولاپتۇ ، لىكىن كىسىلىگە توغرا دىئاگىنوز ئەمدى قويۇلغاچقا يەنە كىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئىچكىردىن تەكلىپ قىلىنغان < قاسساپ > قا ساقلاپ يىتىۋىتىپتۇ .ئوپىراتسىيىدىن كىيىن كەرەملىك ئاللا ئۇنىڭ كىسىلىگە شىپاھ ئاتا قىلغايسەن !.....
مەن بۇ يەردە پەقەت بىر ھەپتە تۇردۇم ، شۇنداقتىمۇ بۇ بىر ھەپتە شۇنداق ئۇزاق بىلىندى . دوختۇرخانىدىكى بىر ھەپتىلىك قىسقا ۋاقىتتا مەن ئايلاپ - يىللاپ كۆرۇشەلمەيدىغان تونۇش - بىلىشلەر بىلەن كۆرۇشۇش ، ئۇچرۇشۇش پۇرسىتىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم . بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم قىسمەتلەر تۇپەيلى بۇ يەرگە ئۇن - تۇنسىز كىلىپ - كىتىپ تۇراتتى .بۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى دىسەممۇ سىلەرگە خوش ياقمايدۇ ، ۋاقتىڭلارمۇ ئىسراپ بولىدۇ ..... كونىلىرىنى قويۇپ يېڭى تونۇشۇم ئەلىجاننى سىلەرگە تونۇشتۇرغۇم كىلىپ قالدى . بۇ ھەم مەن سىلەرگە تونۇشتۇماقچى بولغان ئاساسى پىرسۇناج .
مەن كىسەلخانىدا يىتىپ 2- كۇنى ياتاققا 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرسى كىرىپ كەلدى .ئۇ ھەممەيلەنگە بىر قۇر سەپ سىلىپ قاراپ چىققاندىن كىيىن < چاچ ئالدۇردىغانلار بارمۇ ؟ - چاچ > دەپ سوراشقا باشلىدى . توۋا ، ما ئىشنى كۆرۇڭ ، مەن قۇلىقىمغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي سۇئاللىق نەزىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇ قىشىمغا كەلدى . شۇنداق ئۇ ساتىراچ ئىدى . مەخسۇس ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بىمارلار ئۇچۇن كىسەلخانىغا كىلىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان سەتىراچ ئىدى . مەن ئۇنىڭغا چاچ ئالدۇردۇم ، ئۇرۇمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە ھازىر ئىزدىگەندىمۇ تۇزۇك ساتىراچ تاپقىلى بولمايدۇ ، ھىچ بولمىغاندا مىەن تۇرىۋاتقان دائىردە شۇنداق ئىدى . بەزىدە ساقالنىمۇ لوڭگىنى قايناق سۇدا يۆل قىلىپ ئىڭەككە بەش مىنۇت قويۇپلا قىرىشقا باشلايدىغان ئۆزگە مىللەت ساتراچلىرىغىمۇ ھاجىتىمىز چۇشۇپ قالىدۇ تىخى . شۇڭلاشقىمۇ بۇ خىزىر ئىبەرتكەندەك پەيدا بولغان ساتراچتىن بەك سۆيۇندۇم ! . چاچ ياساتقاچ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشتىم .
___ ئۇكام ، ئىسىملىرى نىمۇ ؟
___ ئەلىجان ئاكا ، ئەلىجان دەۋەرسىلە .
___ سىزنىڭ قولىڭىز شۇنداق يەڭگىلكەن ، ھۈنىرىڭىز ياخشىكەن .
___ رەخمەت سىلىگە ، مۇلازىمىتىم سىلىگە يارىغان بولسا بولدى .
___سىز بۇ يەرگە ......
___ شۇنداق....
ئۇ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىلدى بولغاي ، مىنى گەپ قىلماسلىققا ئەسكەرتىپ، بىر تەرەپتىن چاچ ياسىغاچ بىر تەرەپتىن ئۆزى سۆزلەشكە باشلىدى.
__- ... مەن بۇ كىسەلخانىلارغا كۇندە بىر رەت كىلىمەن ، ھازىر كىسەللەر كۆپ ، كۇندە 20 ، 30 بىمارنىڭ چاچ - ساقاللىرىنى ياساپ قويىمەن ، ئۇلار مەندىن خوش ، ساتراچخانىغا بارسىمۇ بىر قىتىم چاچ ياساشقا 3 يۇەن تۆلەيدۇ . مەن پەقەت 5 يۇەنلا ئالىمەن ، ئىش ھەققىممۇ ئەرزان ، ئۇلار مىڭىپ سىرىتقا چىقالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ساتراچخانا تاپالماي ئاۋارە بولۇپ قالىدۇ . .. شۇڭا مەندىن بەك رازى بولىدۇ ، شۇ مۇشۇ كىسەلخانىغا قارايدىغان باۋئەن < خەنسۇ > بەزىدە كىرگۇزمەي ئاۋارە قىلىدۇ . بولمىسىغۇ چىچىنى ياسىتىدىغانلار ئىچىدە بۇ مىللەت كۆپ !......
ئۇ سۆزلەپ كىلىپ ئازراق خۇرسىنىپ قويدى . ئاندىن گىپىنى داۋام قىلدى ...
___ سىللە يېڭى كىرىپلا ، ھە ؟ . تۇنۇگۇن يوقلا تىخى ....
___ شۇنداق ، تۇنۇگۇن چۇشتىن كىيىن كىردىم .
___ نىمە بوللا ئاكا ؟
___ پۇتۇم قايرىلىپ كەتتى .
___ سۆڭەك بىر نىمە بولمىغاندۇ ؟
___ ئۇقمىدىم ، تەكشۇرۇش قىلىۋاتىدۇ .
___ ھە ، مۇنداق دىسىلە ، بۇ كىسەلخانىدىكىلەر باشقا كىسەلخانىغا قارىغاندا ئۇزاق ياتىدۇ ، پۇت قايرىلىپ كەتسە ، سۆڭەك سۇنسا ئاسان ساقايمايدىكەن .....سۇنۇق يۈز كۇندە ساقىيدۇ - دىگەنمۇ گەپ بار ........
___ ھە شۇنداقمۇ ؟ ، سىز نەدىن ئۇكام ؟
___ مەن پەيزىۋاتتىن ، ئۇرۇمچىگە چىققىلى 3 يىل بولۇپ قالدى ، بۇرۇن دۆڭكۈۋرۈك تەرەپتە بىر ئۇستامنىڭ ساتراچخانىسىدا ئىشلەيدىغان . ھازىر ئۆزۇم مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن . قىلىۋاتقان ئىشىمدىن رازى ، ئاللا خالىسا ھالال ئەمگىكىم بىلەن تىرىكچىلىكىم ياخشى كىتىپ بارىدۇ .....
___ ......
___ تۇگىدى ، ئەينەككە قاراپ باقسىلا ، يارىدىمۇ ؟ _ ئۇ ئىلىپ كىرگەن ئۇسكۇنلەر سومكىسىدىن بىر كىچىك ئەينەكنى چىقىرىپ ماڭا ئۇدۇل قىلىپ تۇتۇپ بەردى .
___ ياخشى ، ياخشى .... رەخمەت سىزگە ئۇكام .
....................
ئۇ ئارقىدىن ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ ساۋاچ چاچلىرىنى ياساشقا تۇتۇش قىلدى .......
ئويلاپ قالدىم : ساتراچلىقنى كىسەلخانىدا قىلسىمۇ بولىدىكەنغۇ ؟!......
ئۈرۈمچى ، 10 - ئىيۇل