-
پىفاگور ئېقىمى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-12-30
پىفاگور ئېقىمى(ئەسلىدە پىساگوروس بولۇشى كېرەك، بۇ يەردە ئادەتلەنگىنى بويىچە پىفاگور دەپ ئېلىندى) ئۆزىنىڭ ئاساسچىسى پىفاگورنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
پىفاگور- (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 580 - 500 - يىللىرى)ـ قەدىمقى يۇنانلىق ئەڭ بالدۇرقى ئىدىئالىزىمچى، ئاقسۆڭەك قۇلدارلار پەيلاسوپى. پىفاگور ئېقىمى دىنىي، سىياسى، ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تۇرمۇشتا بىللە، كىيىم ـ كېچىگى بىردەك بولاتتى، بىر يۈرۈش ئەمرى ـ مەروئۇپكا رىئايە قىلاتتى. ئۇلار ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ دىگەن نىىگە ئېتىقات قىلىپ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا ئادەم ياكى ھايۋاناتقا كۆچىدۇ دەپ قارايتتى. ئۇلار ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، شۇڭا سودا ـ سانائەت قۇلدارلىرى ۋە ئاددى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىغىغا ئۈچرىغان. كېيىنكى چاغلاردىكى سوقرات ۋە ئەپلاتون قاتارلىق ئىدىئالىزىمچىلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. پىفاگور ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى «سان» توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقتىن ئىبارەت.
ئۇلار: بارلىق شەيئىلەرنى سان بىلەن ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئابىستىراكىت سان كونكىرىت شەيئىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇمىلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋى سۇ، ئوت، گاز قاتارلىقلار بولماستىن، بەلكى سان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار سان بىلەن سان ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىنى بىر ـ بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىپ، ساننى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەرسە دەپ قاراپ، ھەممە سان 1 دىن باشلىنىدۇ، 1+1=2 ، 1+2=3،........ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1 «تاق سان» بىلەن 2«جۈپ سان» دىن بارلىق سانلار پەيدا بولىدۇ: نۇقتا ـ 1؛ نۇقتىدىن سىزىق پەيدا بولىدۇ، سىزىق ـ 2؛ سىزىقتىن دائىرە پەيدا بولىدۇ، دائىرە ـ 3؛ دائىرىدىن گەۋدە پەيدا بولىدۇ، گەۋدە ـ 4، دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: دۇنيادىكى كائىناتنىڭ ھەممىسى تەقلىت ساندىن ئىبارەت بولۇپ، ساننى ئەسلى تىپ قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن، سان دۇنيانىڭ «تەرتىۋى»نى بەلگىلەيدىغان ئەسلى تىپ. پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق ئارقىلىق ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغىنى دەلىللەپ، سان دۇنيانىڭ «مەڭگۈلۈك تەرتىۋى»نىڭ ئەسلى تىپى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىلا بۇنداق «مەڭگۈلۈك تەرتىپ»كە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاددى خەلق قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان بولسا، مۇنداق تەرتىپنى بۇزىدۇ دەپ ھىساپلايدۇ. -
قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى (+، -، × ) . (، ÷) قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئۇزاق زامانلار تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن،17 - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. قوشۇش بەلگىسى باشتا ئىنگلىزچە plus (قوشۇش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى p بىلەن ئىپادىلەنگەن. گېرمانىيىدە ئىنگلىزچە and (ۋە) گە توغرا كېلىدىغان نېمىسچە «et» بىلەن ئىپادىلەنگەن. ياۋروپادا سودىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، «et» دەپ يېزىش بەك ئاستا بولۇپ قالىدىكەن دېگەن ئوي بىلەن، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن «et» بارا - بارا «+» غا ئۆزگەرگەن. ئېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنگلىزچە minus (ئازايتىش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى m بىلەن ئىپادىلەنگەن، كېيىن تېز يېزىش ئۈچۈن، ئۇ تەدرىجىي «-» غا ئۆزگەرگەن. «+» بەلگىسى بارلىققا كېلىپ100 يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيىلىك ئوترېد ( Oughtred,1631-1574) بىرىنچى بولۇپ «×» نى كۆپەيتىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆپەيتىش بەلگىسى قوشۇش بەلگىسىدىن كېلىپ چىققانىكەن. چۈنكى، كۆپەيتىش ئەمىلى ئوخشاش بىرنەچچە قوشۇلغۇچىنى ئارقىمۇئارقا قوشۇشتىن تەرەققىي قىلغان، مەسىلەن،5 ×13 ئەمىلى13 +13+13+13+13 دېگەنلىكتۇر، يەنى كۆپەيتىش ئەمىلى ئالاھىدە بىر خىل قوشۇش ئەمىلىدۇر، شۇڭا، قوشۇش بەلگىسى «+» سەللا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن
-
ماتېماتىكىدىكى بەلگىلەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-26
ماتېماتىكا ئۆگىنىش ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدۇ. بالىلار باغچىسىدا ئۆگىتىلىدىغان 2 4,3,2,1..... 0,9لەر ماتېماتىكىدىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بەلگىلەردۇر. ماتېماتىكا تەتقىقاتىمۇ بەلگىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، كىشىلەر بەزىدە بىرەر يېڭى قانۇنىيەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلەرنى ئىجاد قىلىدۇ. تارىختا0 دىن9 غىچە بولغان ئون ئەرەب رەقىمى ماتېماتىكىغا كىرگەندىن كېيىن، ماتېماتىكىدا بىر قېتىملىق ئىنقىلاب پەيدا بولدى. فرانسىيە ماتېماتىكى ۋېتا تۇنجى بولۇپ بەلگىلەرنى ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرگەن كىشى، ئۇ نامەلۇم سانلارنى سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن، مەلۇم سانلارنى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەلۇم سانلار رەقەم بىلەن ئىپادىلىنەتتى، بۇ ماتېماتىكىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى. ۋېتانىڭ ئالگېبراغا دائىر ئەسىرى »يېڭى ئانالىز ئۇسۇلى« سان ئورنىغا بەلگە ئالماشتۇرۇلغان تۇنجى ئەسەردۇر، بىراق، ھازىرقى ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر سىستېمىسى ئاساسەن دېكارت قوللانغان بەلگىلەردۇر. ئۇ26 ئىنگلىزچە ھەرپنىڭ ئاخىرقى ھەرپلىرى x، y، z لار بىلەن نامەلۇم سانلارنى، باش ھەرپلىرى a، b، c لار بىلەن مەلۇم سانلارنى ئىپادىلەشنى تەكلىپ قىلغان. ماتېماتىكا بەلگىلەر ياردىمىدە تېخىمۇ ئىخچام ۋە ئېنىق بولدى، ئىشلىتىشمۇ ئاسانلاشتى، ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، مەسىلەن، «8=3+5» دېگەن ئەمەل يېزىق بىلەن ئىپادىلەنسە »بەشنى ئۈچكە قوشساق سەككىز بولىدۇ« دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ناۋادا ھەممىلا ماتېماتىكا ئەسەرلىرى مۇشۇنداق بولۇپ كەتسە، تولىمۇ چۇۋالچاق بىر نېمە بولۇپ، ئەستە تۇتۇشمۇ تەسكە توختايتتى، بەلگىلەرنى قوللىنىش يالغۇز ئىشنى ئازايتىش، باياننى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، بەلگىلەر ئۇقۇملارنى بايان قىلىش، ئۇسۇللارنى چۈشەندۈرۈش، تېئورېمىلارنى تۇرغۇزۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان قورالدۇر. بىرقەدەر ياخشى بەلگىلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، ھەر خىل ئەمەل قائىدىلىرىنى يەكۈنلىگىلى، سانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئېچىپ بەرگىلى، ئەقلىي خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ. ئەگەر ماتېماتىكا بىر پارچە رەسىم دېيىلسە، بەلگىلەر رەسىمنىڭ سىزىقلىرىدۇر. رەسىم سىزىش سىزىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ماتېماتىكا بەلگىلەردىن ئايرىلالمايدۇ. -
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-25
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ : « ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﯩﮕﻪ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﺘﯘﺭ ، ﺋﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺕ – ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .» ( ﺳﯜﺭﻩ ﺳﺎﺩ 87-88 ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﺘﯘﺭ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺗﻤﯘ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ : « ﺍﷲ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻠﻤﻰ – ﻣﻪﺭﯨﭙﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ . ( ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 166- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘ ﭖ ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻼﻫﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺍﷲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺴﻪ ، ﺑﯘ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻫﺎﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . -
ۋاقىتنىڭ نسبيلىكى ۋە تەقدىر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-25
ھازىرغا قەدەر رىئاللىقتا «ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق» نىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكى، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ پەقەت ھىس-تۇيغۇ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى
ۋە ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز كاللىسىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا يۇقۇرىقى ئەقىدىنىڭ قارشىسى ئەقىل ۋە ئىلىم-پەندىن چەتنىگەن
خۇراپى ئەقىدىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۈچ-ئۆلچەملىك ماددى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىغا پاكىت يوق.
بۇ پاكىت تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان ماتىريالىستىك پەلسەپىنىڭ ئۇلىنى، ماددا مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك دىگەن قاراشنى رەت قىلدى. ماتىريالىستىك دۇنيا قاراشنىڭ ئىككىنجى ئۇلى بولغان ۋاقىت مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك دىگەن قاراش پەقەت پەرەزدىن ئىبارەت. ۋاقىت ھەققىدىكى بۇ قاراش ماددا ھەققىدىكى قاراشقا ئوخشاش خۇراپى قاراشتۇر. -
خاسىيەتلىك سان «يەتتە» ۋە «قىرىق» - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-24
خاسىيەتلىك سان «يەتتە» چۈشەنچىسى «9» ساننىڭ سىرلىق خاراكتېرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «يەتتە» بىلەن باغلىنىشلىق ئادەتلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇيغۇرلاردا «يەتتە» سانىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئەتراپىدىكى باشقا دىنىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇ ئاساسەن ئىسلام دىنى مۇراسىملىرى ۋە ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى خاتىرىلەردە «يەتتە» نىڭ سىرلىق خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن،مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدە يەتتە كۈندە بىر قېتىم مەسچىتكە يىغىلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ؛ روزا ھېيت ۋە قۇربارن ھېيت نامىزىنىڭ مەدھىيە نامىسى يەتتە سۈرىدىن تەركىب تاپقان؛ ئادەتتە، ئوغۇل بالىلار يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئادەم ئۆلۈپ يەتتە كۈندىن كېيىن چوڭ نەزىرسى «يەتتە نەزىر» ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ مۇھەممەد پەيغەمبەت ۋاپات بولغان ئون يىلدىن كېيىن، 644 - يىلى خەلىپە بولغان ئوسمان تارقىلىپ يۈرگەن سۈرىلەرنى توپلاپ «قۇرئان» ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەتتە نۇسخا كۆچۈرۈپ تارقاتقان. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن باغلانغان.
سىرلىق سان «يەتتە» ئالدى بىلەن پارسلارنىڭ زارۇئاستى (ئاتەشپەرەسلىك) دىنى مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن، مانى دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇئەييەن بىر ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم.
ھىندى مەدەنىيىتىدىمۇ «يەتتە» سانى ئۇلۇغلىنىدۇ. ھىندىلارنىڭ ئادىتىدىكى «يەتتە» سانىنىمۇقەددەس بىلىش چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ يەتتە يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئىلاھىيلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «يەتتە» سانىنىڭ سىرلىق خاراكتېرىگە كىرىشى گەرچە ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىراق ئېتنىك مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى زارۇ ئاستى دىنى ۋە بۇددا دىنى مەدەنىيەتلىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ قەدىمكى دىنىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە شىنجاڭغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن. -
ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-23
ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز ، تۆۋەندىكى قىزىقارلىق سانلارنى بىلىۋېلىڭ :
.1 ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتى : 40 ھەپتە ، يەنى 280 كۈن بولىدۇ .
. 2 مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : شۇ قېتىملىق ھەيز كۆرگەن ئاي سانىغا ئۈچنى قوشۇپ ياكى شۇ ئاي سانىدىن ئۈچنى ئېلىۋېتىپ ، چېسلاغا يەتتىنى قوشۇش.
.3 ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ۋاقتى : ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي .
.4 ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئارىلىق : ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي ئىچىدە 1-2 ئايدا بىر قېتىم ، 6-7 ئاي بولغاندا ھەر ئايدا بىر قېتىم ، سەككىز ئايدىن كېيىن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ھەرۋاقىت تەكشۈرتۈش كېرەك .
.5 ھامىلدار ئايالنىڭ ھەر ھەپتىدە نورمال ئېشىش ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك . -
ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-23
ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ،سانلار پەقەت ھىساپلاش ئېيتىياجى ئۈچۈنلا قوللىنىلمىغان،بەلكى ئىسىملارنى ئىپادە قىلىش رولىنىمۇ ئوينىغان.يۇنانلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگور ھەرقانداق نەرسىنى سانلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېنىقلايتتى .قەدىمقى جۇڭگولۇقلار سانلارغا مەنىلەرنى بەرگەنىدى.بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ،ئۇنى سانلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.سانلارنىڭ مەنبەسى ساناقسىزدۇر،ئۇنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرىمۇ شۇنداق.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسىملارنىڭ بىر ئۇچى باتىل ئېتىقاد،ئىشەنچىلەرگە،يەنە بىر ئۇچى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشۇنۇش ۋە ئۇنى بىلىش دەرىجىسىگە تايىنىدۇ.قەدىمقى مىسىردا ،بابىلوندا ،قەدىمقى يۇناندا ،ئىسلامدىن ئىلگىركى تۈرۈكلەردە ،ئەرەپلەردە سانلارنىڭ نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگە بولغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بىزگە ئايان بولماقتا.قەدىمقى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ پازىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى سانلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى مەنىسىەە يېڭى-يېڭى مەنىلەرنى قوشقان.
-
ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سانلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-23
مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى سان مۇقەددەسلىكى توغرىسىدا
مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى كۆك تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى خاقانلارنىڭ نەسەبنامىسى سۈپىتىدە ئۇ بىزنى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ، قەبىلىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى ، ئۆرپ - ئادەتلىرى ، قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ، ياشىغان ئورۇنلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ، بەلكى ئەينى دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىدىكى سان مۇقەددەسلىكى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرغا ئىگە قىلىدۇ .
ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمقى تارىخىدىن خەۋەر بېرىدىغان بىر قىسىم ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە : " ئەجدادلىرىمىزدا 5 - ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى شەكىللىنىپ تەرەققى قىلغان ، خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمى ئومۇملاشقان . تەقۋىم قوللىنىش ئادىتى شەكىللەنگەن . ئەجدادلىرىمىزدىكى خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇلاردىكى ئىپتىداىي تۈپ سان ئۇقۇمى ئۇلارنىڭ ئاڭ ئېتىقادى بىەن مۇناسىۋەتلىك " ( ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللانىڭ ' ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى ' ناملىق كىتابىنىڭ 566 - بېتىگە قاراڭ ) دېيىشكە بولىدۇ . مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە قەدىمكى دەۋرلەردىكى سان مۇقەددەسلىكى ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، " توققۇز" . " يەتتە " ، " ئۈچ " تىن ئىبارەت خاسىيەتلىك سانلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەنبەلەر خاتىرلەنگەن . -
فونكىتسىيە ئاتالغۇسى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇش - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-17
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، دوسكىغا ھەرقېتىم "X. باپ ترەگونومېتىرىيىلىك فونكىتسىيىلەرنىڭ فورمىلالىرى ۋە گىراپىكى" دېگەن ماۋزۇنى يازغىنىمدا ئىچىم ئاچچىققا تولاتتى، قاراڭلار بۇ ماۋزۇدىكى سۆزنىڭ قايسى بىرى ئۇيغۇرچە؟ بىز رادىئۇلاردا، تېلېۋېزورلاردا، كىتاپ- زھورناللاردا فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، شۇڭا بەزىلەر بەلكىم بۇ سۆز تىلىمىزغا ئاللا قاچان ئۆزلىشىپ بولغان، بۇ سۆزنى قايتا ئويلۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق دېيىشى مۇمكىن، لىكىن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىدىغان ئۇيغۇر قانچىلىككىن؟ شەخسەن مەنمۇ ماتېماتىكىدىكى مەنىسىنى چۈشىنىمەن، باشقا ساھەلەردىمۇ قوللىنىدىكەن، ئەمما باشقا ساھەلەردىكى ئىپادىلىگەن مەنىسى بىلەن ماتېماتىكىدىكى مەنىسى ئوخشاش بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
ماتېماتىكىدىكى مەنىسى:
فونكىتسىيە دېگەن سۆز ئەگەشكۈچىسى دېگەن مەنىدە كىلىدۇ، زاغرا تىل بىلەن ئېيتسام،y مىقدار x كە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولسا، y نى x نىڭ فونكىتسىيىسى دەيمىز. دېمەك x ئۆزگەرگۈچى، y ئەگەشكۈچى بولدى دېگەن سۆز.
بۈگۈن ماشىنا ھەيدەشنى يېڭىدىن ئۆگەنگەن بىر دوستۇمنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ، ئالدىمىزدا ماڭغان ماشىنىغا ئەگىشەيمۇ ؟ - دېدى- دە، ئۇ ماشىنا بىلەن مەنزىلىمىزدىن چەتنىگەنگە قەدەر ئوڭ - سول، ئىگىز - پەس ئەگىشىپ ماڭدى. مەن ئىختىيارسىز "ئەگىشىش" دېگەن سۆز ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ قالدىم، مەنىسى ئاجايىپ چۇڭقۇر، قۇرۇلمىسى شۇنداق ئىخچام بىر سۆز تىلىمىزدا ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرۇپ، بۇ سۆزنى بېيىتالمىغانلىقىمىزدىن ئۆكۈندۈم.
قاراڭ، يۇقارقى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇمدا ئەگىشىش سۆزى ئېنىقلا مەۋجۇت تۇرۇپ، يەنە فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى سۆرەپ كىرگەن، تۈگىگە مىنىۋېلىپ يەنە تۈگە ئىزدىگەن زىيالىرىمىزغا تەئەججۇپلەندىم.
ماتېماتىكىدىكى فونكىتسىيە دېگەن ئاتالغۇغا ئۆزەمچە مۇنداق تەبىر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
yمىقدار xكە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولسا، yنى xنىڭ ئەگەشكۈچىسى دەيمىز. دېمەك xئۆزگەرگۈچى، y ئەگەشكۈچىسى.
دېمەك، فونكىتسىيە - ئەگەشمە، . -
ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-20
-
ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كالېندارلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-20
。
مىلادىيە كالېندارى
مىلادىيە كالېندارى (公历) ____ ھازىر دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان كالېندار بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى (قۇياش كالېندارى) تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ كالېنداردا ئادەتتىكى يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن؛ ھەر تۆت يىلنىڭ ئۈچ يىلى ئادەتتىكى يىل، تۆتىنچى يىلى كەبىسە يىلى ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولمىغان يىللاردا، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولغان يىللاردا، 400 (تۆت يۈز) گە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، 400 (تۆت يۈزگە) پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر تۆت يۈز يىلدا 97 قېتىم كەبىسە يىلى بولىدۇ. بۇ كالېنداردا بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنىدۇ. 1-،3-،5-،7-،8-،10-،12- ئايلار 31 كۈنلۈك بولۇپ، چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ 4-،6-،9-،11- ئايلار 30 كۈنلۈك بولۇپ كىچىك ئاي ھېسابلىنىدۇ. 2-ئاي بولسا ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كبىسە يىلى 29 كۈن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە مىلادىيە كالېندارى مىلادىيە 1949-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قوللىنىلدى. -
كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ گۆھەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-16
سۆزلىشىشتىكى ئۈچ گۆھەر — ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت، كەچۈرۈڭ.
جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر — كەمتەرلىك، ئەدەپ، ياخشى تەرىپ.
تەربىيە كۆرگەنلەردىكى ئۈچ گۆھەر — تىنچ بولۇش، مېھرىبان بولۇش، سالماق بولۇش.
ئۆي تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — ئېجىل – ئىناقلىق، خۇشال – خۇراملىق، تىنچلىق.
غىزالىنىشتىكى ئۈچ گۆھەر — تەڭپۇڭلۇق، چەك قويۇش، شۈكۈر قىلىش.
ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر — پىيادە مېڭىش، نەپسىنى يىغىش، كەيپىياتىنى تەڭشەش.
ئاتا – ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر — تەربىيەلەش، مەسۇلىيەت، شەرەپلەندۈرۈش.
روزغار باشقۇرۇشتىكى ئۈچ گۆھەر — كىرىم – چىقىمدا پىلان بولۇش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش.
-
سانلارنىڭ مەنىسى ، سىمۋولى، - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-08-25
نۆل مەنىسى: نۆل سانى ئىچكى قۇۋۋەتلەر ۋە بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەكىس ئېتىشىدۇر. بۇسان ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن ئىدراك ۋە ئۆتكۇرلۇكقابىليەتنى بىلدۈرىدىغان ئەمەلىيەتتۇربىر مەنىسى : ھەرنەرسىنىڭ باشلىنىشىنى ۋە سەپەرگە چىقىشنى بىلدۈرىدىغان ساندۇر. يارالمىشلىق ۋە يۆلىنىش بىلەنمۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەرىكەتچانلىق ۋە ساغلام ، قۇۋۋەت چۈشەنچىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. سىمۋۇلى : يالغۇزلۇقنى، مۇتلەقلىقنى، قۇسۇرسىزلىقنى سىمۋۇل قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا مەڭگۈ ياشايدىغان، ھۆكىمى مۇتلەق، ھەمراھى بولمىغان ھەم يول كۆرسەتكۈچىسىمۇ بولمىغان ھىچقانداق شېرىكى يوق زات_ ئاللاھتۇر. ئاللاھ (اللە) دېگەن سۆزنىڭ تۇنجى ھەرپى بولغان ئەلىف (ا) بىر شەكلىدىدۇر ۋە بۇ سۆزنىڭ ئەبجەد ھېسابىدىكى ئاخىرىمۇ بىردۇر. بىرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ ساندىن ئىلگىرى ھىچقانداق بىر سان كەلمەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن بىر ئۆزىدىن ئىلگىرى كىلىدىغان سىفىر يوقلىققىمۇ سىمۋۇل قىلىنىدۇ. بىر بولسا يوقلۇقنى تەقىب قىلىدۇ ۋە باشقا سانلار ئۇنىڭدىن تۈرلىنىدۇ. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق خەلقلىرىدە ياراتقۇچى سىمۋۇلى بولغان فاللۇسمۇ بىر شەكلىدە سىمۋۇل قىلىنىدۇ. بىر ئۈچۈن باشقا سىمۋۇل ۋە ئېنىقلىمىلارمۇ ئاز ئەمەس. كۈنمۇ بىر دانىدۇر ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن مۇتلەق بىرنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە كۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. ئىككى مەنىسى: ئىچكى دۇنيانى ۋە بىلىش چوڭقۇرلىقىنى بىلدۈرىدىغان ساندۇر. تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن ۋە -
بىز ئادەتتە ماتېماتىكىدا «راتسىئونال سان » ، «ئىراتسىئونال سان » ، «راتسىئونال تەڭلىمە » ، «ئىراتسىئونال تەڭلىمە » ، «راتسىئونال فۇنىكسىيە» ، «ئىراتسىئونال فۇنىكسىيە « دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئۇچرىتىمىز ، بۇنىڭدىكى «راتسىئونال » ، «ئىراتسىئونال » دېگەن ئۇقۇملارنى ئۆز تىلىمىزدا ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بۇلار ؟ ...
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىڭ .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ، قەدىمكى گېرىتسىيىدە پىفاگور ئىسىملىك بىر ماتېماتىك ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ « دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ( كەسىر ساننى دېمەكچى ) دەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ ، دەپ قارىغان . مەسلەن ، بارلىق كېسىكلەرنىڭ نىسبىتىنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلىەشكە بولىدۇ ؛ تەسىر كۈچى ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، قالۇن تارىسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ نىسبىتى 2:3 ، 3:4 قاتارلىق پۈتۈن سان نىسبىتىدە بولغاندا ، ھەر قايسى تارىلار بىرلا ۋاقىتتا ئاھاڭ چىقىرالايدۇ » - دەپ قارىغان . ئومۇمەن ، پىفاگورنىڭ كۆز قارىشى بولسا ، « ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار پۈتۈن سان بىلەن ئىپادىلىنىدۇ » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى .
لېكىن ئەمەلىيەت بۇنداق بولمىدى . بىر كۈنى پىفاگورنىڭ ھېپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىسى پىفاگوردىن ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 1 بولغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالىنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولامدۇ - يۇق ؟ - دەپ سورايدۇ ، بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئىسپاتلاش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن پىفاگور تۆۋەندىكىدەك ئىسپاتلاش ئېلىپ بارغان :
.